ساغلاملىق

قاپاق تارتىش شۇملۇقتىنمۇ؟

سۇئال: ئادەتتە قاپىغى تارتىيدىغان ئش كۆپلىگەن كىشلەردە كۆرۇلدۇ، جۇملىدىن مەندىمۇ شۇنداق ئەھۋال بار. بەزى چاغلاردا ئون كۈنلەپ توختىمايدۇ، مېنىڭچە بۇ ئانچە نورمال ئەمەستەك ، بۇخىل ئەھۋالغا ئۇيغۇر تىبابىتىمىزدە قانداق شەرھىلەرنى بەرگەن؟!. بۇمۇ كېسەللىك ھېساپلىنامدۇ؟ تەپسىلى مەسلىھەت بەرگەن بولىسىڭز. 


قاپاق تارتىش شۇملۇقتىنمۇ؟جاۋاب: ئۇيغۇر تېبابىتىدە قاپاق تارتىشنى بىر خىل كېسەللىك دەپ قارىمايدۇ. ئۇخلىغاندا دۈم ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش نامۇۋاپىق شەكىللەردە يېتىش سەۋەپلىك نېرىپلار بىسېلىپ قىلىش، زىيادە چارچاش ، جىددىيچىلىك، ۋە ئوي-خىيالنىڭ كۆپ بولىشى قاتارلىق كەيپىياتقا پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار سەۋەبلىكمۇ قاپاق تارتىشى مۇمكىن.
«يۈز مىڭلىغان نىمە ئۈچۈن» دېگەن كىتابتىن بۇ ھەقتە تۆۋەندىكىدەك بايانلارنى كۆرگەن ئىدىم. كۆرۈپ باققايسىز!
كىشلەرنىڭ قاپىقى بەزىدە سەۋەبىسزلا تويۇقسىز قاتتىق تارتىپ كېتىپ ،كىشىنى ناھايىتى بىئارام قىلىدۇ. بەزىلەر «سول قاپاق تارتسا ياخشىلىقتىن ،ئوڭ قاپاق تارتىسا يامانلىقتىن دېرەك بېرىدۇ» دەپ قارايدۇ ،ئەمەلىيەتتە بۇ پۈتۈنلەي بىر خىل خۇراپىي قاراشتۇر .
 قاپاق كۆزنىڭ ئىشىكى بولۇپ، ئۇ كۆزنى قوغداش رولىنى ئوينايدۇ. ئىنسانلارنىڭ قاپىقىدا بىر تال ئىنتايىن نىپىز مۇسكۇل بولۇپ، ئۇ « ئايلانما مۇسكۇل» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل مۇسكۇل تالالىرى كۆزنى ئوراپ ئايلانما شەكىلدە ئۆسىدۇ، ئۇ ئۆز مەيلىچە ھەرىكەتلىنىدۇ ،ئۇ قىسقارغاندا قاپاق يۇمۇلىدۇ. ئەگەر ئايلانما مۇسكۇل تالالىرىنىڭ مەلۇم قىسمى مەلۇم تەسىرگە ئۇچىرىسا ،ئۇنىڭ تەكرار قىسقىرىشىنى ئۇشتۇمتۇت پەيدا قىلىدۇ-دە، شۇنىڭ بىلەن «قاپاق تارتىش» ھادىسىسى كېلىپ چىقىدۇ،تىببى پەندە بۇ «قاپاق تىتىرەش » دەپ ئاتىلىدۇ.
ئۇنداقتا ئايلانما مۇسكۇل تالالىرى نىمە ئۈچۈن تەكرار قىسقىراپ،قاپاق تارتىشنى پەيدا قىلىدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى ئاساسەن ئىككى خىل بولىدۇ : بىر خىلى ئويقۇسىزلىق ياكى يىتەرلىك ئۇخلىماسلىق تۈپەيلىدىن كۆز بەك چارچىغاندا ياكى قان ئازلىق يۈز بەرگەندە ،ھاراقنى كۆپ ئىچكەندە،تاماكىنى كۆپ چەككەندە ئايلانما مۇسكۇل تالالىرى ئارتۇقچە قىسقىراپ ۋە كېڭىيىپ نورمالسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ،شۇنىڭ بىلەن قاپاق تارتىش پەيدا بولىدۇ ؛ يەنە بىر خىلى ،يىراقنى كۆرەلمەسىلىك ،يېقىننى كۆرەلمەسىلىك ،نۇر يىغالماسلىق،بىرىكتۇرگۇچى پەردە ياللۇغى ۋە مۇڭگۇز پەردە ياللۇغى قاتارلىق بىر قىسىم كېسەللىكلەردىن كېلىپ چىقىدۇ.بۇنىڭدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى ،قاپاق تاساددىبىي تارتىپ قالسا كېسەللىكتىن دېرەك بەرمەيدۇ ،مۇۋاپىق ئارام ئېلىشقا دىققەت قىلىنسىلا تېزلا توختاپ قالىدۇ. ئەگەر قاپاق داۋاملىق توختىماي تارتىپ تۇرسا دوختۇرغا تەكشۈرتۈپ ، داۋالىنىش لازىم.
 تامام

تور دۇنياسىدىن ئېلىندى!

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى