قول-پۇت ئۇيۇشسا خەتەرلىك
قول-پۇت ئۇيۇشۇش نۇرغۇن ياشانغانلاردا دائىم كۆرۈلىدىغان ئەھۋال، بەزى كىشىلەر بۇنىڭغا ئېتىبار قىلىپ كەتمەيدۇ. جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى راكېتا ئارمىيە باش دوختۇرخانىسى ئىچكى ئاجراتما رېماتىزىم بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى لى چۈەنمىننىڭ ئەسكەرتىشىچە، ياشانغانلار پۇت-قولىنىڭ ئۇيۇشۇشى خەتەر سېگنالى بولۇپ، خۇلاسىلىگەندە تۆۋەندىكىدەك 7 چوڭ سەۋەب بولىدىكەن.
1. يەلكە نېرۋىلىرى بېسىلىش.
2. دورىنىڭ ئەكس تەسىرى.
3. ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك.
4. بويۇن ئومۇرتقا كېسەللىكى.
5. دىيابېت كېسىلى نېرۋا ئەگەشمە كېسەللىكلىرى.
6. مېڭە تىقىلىش.
7. يەللىك بوغۇم ئاغرىقى.
لى چۈەنمىننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، قول-پۇت ئۇيۇشۇش نۇرغۇن كېسەللىكلەرنىڭ ئەگەشمە كېسەللىكى بولۇپ، ئالاھىدىلىكى بولسا ئاسانلا تەكرار قوزغىلىدىكەن، يىلتىزىدىن ساقايتىش قىيىن ئىكەن. پۇت-قول ئۇيۇشۇشتىن قۇتۇلۇشتا، دورا ئىچىشنى داۋاملاشتۇرۇپلا قالماي، يەنە كۈندىلىك تۇرمۇشتىمۇ نۇرغۇن نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك. يەنى: يېمەك-ئىچمەك مۇۋاپىق بولۇش، كۆپ سۇ ئىچىش، ۋىتامىن تولۇقلاش، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش، ئۇخلاش ھالىتىگە دىققەت قىلىش، قەرەللىك سالامەتلىك تەكشۈرتۈش، خىزمەت ۋە دەم ئېلىش تەرتىپلىك بولۇش كېرەك.