يېمەك-ئىچمەك

پىياز تۈرىدىكى كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىڭ

پىياز تۈرىدىكى كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىڭ  

جۇڭگو تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىنىڭ تەتقىقاتچىسىنىڭ بايقىشىچە، پىياز تۈرىدىكى كۆكتاتلار، مەسىلەن: سامساق، جۈسەي، باش پىياز، سېرىق جۈسەي ۋە سۇڭپىياز قاتارلىق كۆكتاتلارنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا بوغماق ئۈچەي راكى، تۈز ئۈچەي راكى بولۇش خەۋپىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن.

  تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، كۈندىلىك يېمەك-ئىچمەك جەريانىدا پىياز تۈرىدىكى كۆكتاتلارنى ئەڭ كۆپ ئىستېمال قىلىدىغانلارنىڭ بوغماق ئۈچەي راكى، تۈز ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى ئەڭ ئاز قوبۇل قىلىدىغانلارغا قارىغاندا %79 ئاز بولىدىكەن، ھەر يىلى ئاز دېگەندە 16 كىلوگىرام پىياز تۈرىدىكى كۆكتات ئىستېمال قىلغاندا (ھەركۈنى تەخمىنەن 44 گىرام) كېسەلگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن، ئىستېمال قىلىش مىقدارى قانچە كۆپ بولسا، ئاسراش ئۈنۈمى تېخىمى ياخشى بولىدىكەن.

تەتقىقاتچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پىشۇرۇش ئۇسۇلىمۇ پىياز تۈرىدىكى كۆكتاتلارنىڭ راكقا قارشى تۇرۇش ئۈنۈمىگە مەلۇم دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدىكەن. مەسىلەن، پىيازنى دۈملەپ پىشۇرغاندا راكقا قارشى تۇرۇش ئۈنۈمى بار خىمىيەلىك تەركىبلەرنىڭ مىقدارى ئازىيىپ كېتىدىكەن، يېڭى سامساقنى نېپىز توغراپ ياكى يانجىپ يېگەندە تېخىمۇ پايدىلىق ئىكەن.

جۇڭگو قەشقەر تورىدىن ئېلىندى!

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى