ساغلاملىق

زىيادە سەزگۈرلۈكنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان يېمەكلىكلەر

  ياز پەسلى زىيادە سەزگۈرلۈك كۆپ كۆرۈلىدىغان مەزگىل بولۇپ، زىيادە سەزگۈرلۈكتىن كېلىپ چىقىدىغان تېرە قىچىشىش، تېرە چۈشۈش ئالامەتلىرى كىشىنى بىئارام قىلىدۇ. تۆۋەندىكى يېمەكلىكلەر زىيادە سەزگۈرلۈكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

زىيادە سەزگۈرلۈكنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان يېمەكلىكلەر

  دېڭىز بېلىقى قاتارلىق تەركىبىدە ئومېگا-3 ياغ كىسلاتاسى مول بولغان يېمەكلىكلەر. ھەپتىدە ئىككى قېتىم تەركىبىدە ئومېگا-3 مول بولغان تۇنا بېلىقى، ساردىن بېلىقى ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە زىيادە سەزگۈرلۈكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ياڭاق قاتارلىق قاتتىق پوستلۇق مېۋە تەركىبىدىمۇ ئومېگا-3 مول بولۇپ، كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بېرىش كېرەك.

زىيادە سەزگۈرلۈكنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان يېمەكلىكلەر

  چېچەكسەي قاتارلىق تەركىبىدە مېلېتىن ماددىسى مول بولغان مېۋە ۋە كۆكتاتلار. كۆكتات تەركىبىدىكى مېلېتىن زىيادە سەزگۈرلۈكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان گىستامىننى كونترول قىلىپ، كۆزىدىن ياش ئېقىش، بۇرنى ئېقىش، بەدەن ئىششىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى ئازايتىدۇ. چېچەكسەي، بۆلجۈرگەن، ئالما قاتارلىق مېۋە تەركىبىدە مېلېتىن ماددىسى ئىنتايىن مول؛ پىياز مېلېتىننىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

زىيادە سەزگۈرلۈكنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان يېمەكلىكلەر

  مايمۇن شاپتۇل قاتارلىق تەركىبىدە ۋىتامىن C مول بولغان مېۋىلەر. مايمۇن شاپتۇل بىلەن ئاپېلسىن تۈرىدىكى مېۋىلەر تەركىبىدە ۋىتامىن C مول بولۇپ، بەدەندىكى گىستامىننىڭ تۆۋەنلىشىدە بەلگىلىك رول ئويناپ، زىيادە سەزگۈرلۈكنىڭ تەسىرىنى ئازايتىدۇ.

زىيادە سەزگۈرلۈكنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان يېمەكلىكلەر

  زەنجىۋىل. زەنجىۋىل كۆپ ئىشلىتىلىدىغان تەم تەڭشىگۈچ، ئۇنىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش، ياللۇغنى قايتۇرۇش رولى بولۇپ، بەدەندە گىستامىننىڭ چىقىرىلىشىنى چەكلەپ، ياللۇغ پەيدا قىلىدىغان ئاقسىلنى توسۇپ، زىيادە سەزگۈرلۈكنى ئازايتىدۇ.

زىيادە سەزگۈرلۈكنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان يېمەكلىكلەر

  سامساق. سامساقنى خام يېگەندە تېمپېراتۇرا ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىققان زىيادە سەزگۈرلۈكنىڭ تەسىرىنى ئازايتىدۇ. شۇڭا زىيادە سەزگۈرلۈك پەسلى يېتىپ كېلىشتىن بىرنەچچە ھەپتە بۇرۇن سامساقنى خام ئىستېمال قىلىپ بېرىش كېرەك، لېكىن كۈندە ئۈچ تالدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

زىيادە سەزگۈرلۈكنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان يېمەكلىكلەر

  تۇخۇم. تۇخۇم سېرىقى تەركىبىدە ۋىتامىن D نىڭ مىقدارى مول بولۇپ، زىيادە سەزگۈرلۈكتىن كېلىپ چىققان نەپىسى راۋان بولماسلىقنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

زىيادە سەزگۈرلۈكنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان يېمەكلىكلەر

  قېتىق. قېتىق تەركىبىدىكى سۈت كىسلاتا باكتېرىيەسى زىيادە سەزگۈرلۈكنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان «جەڭچى» بولۇپ، زىيادە سەزگۈرلۈك كېسىلى بارلار ئادەتتە قېتىقنى كۆپرەك ئىچىپ بېرىش كېرەك.

زىيادە سەزگۈرلۈكنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان يېمەكلىكلەر

  ئاناناس. ئاناناس ئاقسىل ئېنزىمى زىققا قاتارلىق سەزگۈرلۈك كېسەللىكلىرىدىن پەيدا بولغان ياللۇغنى پەسەيتىدۇ.

  ئىسسىق زەنجىۋىل چېيى، كۆك چاي. ئىسسىق زەنجىۋىل چېيى گۈل چېڭى قاتارلىق مۇھىت تەسىرىدىن بولىدىغان نەپەس يولى سەزگۈرلۈكىنى پەسەيتىدۇ، كۆك چاي زىيادە سەزگۈرلۈكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

جۇڭگو قەشقەر تورىدىن ئېلىندى!

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى