ساغلاملىق

ئاياللار ھامىلە چۈشۈرسە راستىنلا ھېچقانداق ئىزناسى بولمامدۇ؟

ئاياللار ھامىلە چۈشۈرسە راستىنلا ھېچقانداق ئىزناسى بولمامدۇ؟

ھەر يىلى سۈنئىي ئۇسۇلدا بالا چۈشۈرۈش قېتىم سانى 9 مىليون ئادەم (قېتىم) غا يېتىپ، يېشى كىچىكلەش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك بولۇۋاتماقتا.

تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا: 2017-يىلى يەرشارىدىكى سۈنئىي ئۇسۇلدا بالا چۈشۈرۈش قېتىم سانى 55 مىليون بولۇپ، ئېلىمىز %17.4نى ئىگىلەپ، تەخمىنەن 9 مىليون 620 مىڭ ئادەمگە يېتىدىكەن ۋە دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن. ھالبۇكى بۇ بەزى شەخسىي دوختۇرخانا، ئامبولاتورىيە، دورا بىلەن بالا چۈشۈرۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىكەن. شۇڭا ئەمەلىي سان ئىستاتىسكا قىلىنغان سانغا قارىغاندا خېلىلا يۇقىرى بولۇشى ئېنىق.

سۈنئىي ئۇسۇلدا بالا چۈشۈرۈدىغانلار بارغانسېرى ياشلىشىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، (يېشى 25 تىن تۆۋەن ئاياللار%47.5نى)، توي قىلمىغان ئاياللار%49.7نى، تەكرار بالا چۈشۈرگەنلەرنىڭ يەنى قېتىم سانى ئىككىدىن يۇقىرىلار %55.9نى ئىگەللەيدىكەن.

سۈنئىي ئۇسۇلدا بالا چۈشۈرۈش گەرچە دائىملىق ئەھۋالغا ئايلانغان بولسىمۇ، بىراق كۆپىنچە ئاياللار ئۇنىڭ ئېلىپ كېلىدىغان خەتىرىنى چۈشىنىپ كەتمەيدۇ، ھەتتا ئاغرىتماي ھامىلە چۈشۈرۈشنى بىر كېچە ئۇخلاپ قوپسىلا ھېچ ئىش بولمايدۇ دەپ ھېس قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ ئىنتايىن خاتا قاراش.

سۈنئىي ئۇسۇلدا ھامىلە چۈشۈرۈش نۆۋەتتە تېخنىكا جەھەتتە بىر قەدەر پىشىپ يېتىلگەن ۋە بىر قەدەر يۇقىرى بىخەتەرلىك خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ تۈپ مەنىسىدىن ئېيتقاندا، يەنىلا بىر تۈرلۈك جاراھەت خاراكتېرلىك ئوپېراتسىيە بولۇپ، بەلگىلىك خەۋپى بار. ھامىلە چۈشۈرۈش قېتىم سانى قانچە كۆپەيسە، ئەگەشمە كېسەللىكلىرىنىڭ نىسبىتىمۇ ئۆرلەيدۇ.

ئاياللار ھامىلە چۈشۈرسە راستىنلا ھېچقانداق ئىزناسى بولمامدۇ؟

ئوپېراتسىيە جەريانىدىكى خەۋپ: ئەگەر قان كېلىپ، مىقدارى بەلگىلىك دەرىجىگە يەتكەندە، شوك بولۇش ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ھاياتقا خەتەر يەتكۈزىدۇ ياكى مەشغۇلاتنىڭ توغرا بولماسلىقىدىن بالىياتقۇ جاراھەتلىنىش، بالىياتقۇ بوينى ياللۇغى يېرىلىپ زەخمىلىنىشنى پەيدا قىلىدۇ. ناركوزمۇ بىر قاتار مەسىلىلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.

ئوپېراتسىيەدىن كېيىنكى خەۋپ: مەسىلەن يۇقۇملىنىش، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى، قوشۇمچە ئەزا، داس بوشلۇقى ياللۇغى قاتارلىقلار ئوپېراتسىيەدىن كېيىنكى ئىككى ھەپتە ئىچىدە يۈز بېرىدۇ.

ئوپېراتسىيەدىن كېيىنكى ئۇزاق مەزگىللىك خەۋپ: بالىياتقۇ بوشلۇقى چاپلىشىش، سوزۇلما خاراكتېرلىك داس بوشلۇقى ياللۇغى، بالىياتقۇ ئىچى پەردسىنىڭ ئورنى ئۆزگىرىش كېسىلى، تۇغماسلىق قاتارلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ.

شۇڭا، سۈنئىي ئۇسۇلدا ھامىلە چۈشۈرۈشنى پەقەت بىر ئۇخلىۋالسىلا بولدى دەپ قالماڭ. بالا چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلىش بالىغا بولغان ئادالەتسىزلىك بولۇپلا قالماي، قىز-ئاياللارغا بولغان تەسىرىمۇ ئىنتايىن چوڭ، ئوپېراتسىيەدىن كېيىن بەدەندە بەزى«ئىزلار» قېلىشى مۇمكىن، شۇڭا ياش ئاياللارنىڭ ئىككى جىنسنىڭ تۇرمۇشىدا ئەقلىي ھۆكۈم چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئاياللار ھامىلە چۈشۈرسە راستىنلا ھېچقانداق ئىزناسى بولمامدۇ؟

1. ھەيز قانۇنىيەتسىز بولۇش

ھەيز نېرۋا مېتابولىزمىنىڭ تەڭشىشىگە ئۇچرايدۇ. ئورگانىزم ئىچكى ۋە تاشقى تەسىرىگە ئۇچرىغاندا، مەسىلەن: سۈنئىي بالا چۈشۈرۈش قاتارلىقلار، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنى نېپىزلىتىپ، نېرۋا ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسى ئارقىلىق ھەيز نورمالسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، نۇرغۇن ئاياللارنىڭ بويىدىن ئاجراپ كەتكەندىن كېيىن ھەيز تەرتىپسىز بولۇپ كېتىدۇ، بولۇپمۇ ھامىلە چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلىنىپ بىر نەچچە ئاي ئىچىدە، بۇ خىل ئەھۋال بىرقەدەر كۆپ كۆرۈلىدۇ، ئېغىر بولغاندا ھەتتا ھەيز كېسىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

2. بالىياتقۇ بوينى ئېغىزى زەخمىگە ئۇچرايدۇ

سۈنئىي بالا چۈشۈرۈشنى كۆپ قېتىم قىلغاندا، بالىياتقۇ بوينىنىڭ زەخىمىگە ئۇچرىشى بەكلا ئېغىرلاپ، بالىياتقۇ بوينى مۇسكۇللىرى ۋە تالالىرىنىڭ ئۈزۈلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، كېسەللىك ئالامىتى يېنىكرەك بولغاندا بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى ياللۇغى، تۇخۇم نەيچىسى ياللۇغى بولۇشى مۇمكىن. ئېغىر بولغاندا داس بوشلۇقى ياللۇغى، ھامىلدار بولالماسلىق كېسىلى، ئادەت خاراكتېرلىك بويىدىن ئاجراپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئەگەر بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى بىلەن ئاستىنقى قەۋەت ئارىسىدىكى نورمال توقۇلمىلار بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىسا، يەنە ئاسانلا بالىياتقۇ بەز مۇسكۇلى كېسەللىكى ياكى بەز مۇسكۇل ئۆسمىسى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

3. ھامىلدار بولۇش تەسلىشىشى مۇمكىن

تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بويىدىن ئاجراپ كېتىش قېتىم سانى بىلەن ھامىلدار بولالماسلىق نىسبىتى ئوڭ تاناسىپ بولىدىكەن، سۈنئىي ئۇسۇلدا ھامىلە چۈشۈرگەندىن كېيىن، ئاسانلا داس بوشلۇقىدىكى قوشۇمچە ئەزالار ياللۇغى، تۇخۇم نەيچىسى ياللۇغلىنىش قاتارلىق مەسىلىلەر كېلىپ چىقىدىكەن. ناۋادا كېسەللىك ئۆزگىرىشى تەرەققىي قىلىپ مەلۇم دەرىجىگە يەتكەندە، تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنىڭ توسۇلۇپ قېلىشى ۋە سۇ يىغىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، كېيىنكى ھامىلدار بولۇشقا ناھايىتى چوڭ توسالغۇلارنى پەيدا قىلىدىكەن. تۇرمۇشتا نۇرغۇن ياش ئايال بىمارلار كۆپ قېتىم سۈنئىي بالا چۈشۈرۋەتكەنلىكتىن، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى ئۈزۈل-كېسىل بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، ئانا بولۇش ئىقتىدارىنى يوقاتقان.

ئاياللار ھامىلە چۈشۈرسە راستىنلا ھېچقانداق ئىزناسى بولمامدۇ؟

خۇلاسە:

بالا چۈشۈرۈش پەقەت ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش مەغلۇپ بولغاندىن كېيىنكى بىر خىل قۇتقۇزۇش ئۇسۇلى بولۇپ، ئامالسىزلىقتىن ئاندا-ساندا بولۇپ قالىدۇ، شۇڭا كۆپچىلىك بالا چۈشۈرۈشنى ئۇنداق ئاددىي دەپ قارىۋالماسلىقى كېرەك. بالا چۈشۈرۈشنىڭ ئاياللارغا ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنى ناھايىتى ئېغىر، شۇڭا مۇھەببەت ئۈچۈن خۇدىنى يوقىتىپ قويماسلىق كېرەك، ئەگەر بالىلىق بولۇش ئويى بولمىسا، چوقۇم ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش تەدبىرىنى ياخشى قوللىنىش كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى