ساغلاملىق

«بالىياتقۇم بارغانسېرى ياخشىلانسۇن» دېسىڭىز مۇنداق قىلىڭ

ھەيز ئاياللارنىڭ تۇغۇت ئىقتىدارىنىڭ ئىپادىسى، شۇنداقلا تەن ساغلاملىقىنىڭ ئۆلچىگۈچى، كىشىلەر ئادەتتە ئۇنى يېقىملىق قىلىپ «مېھمان» دەپ ئاتايدۇ، ئۇ ھەقىقەتەن ئايدا بىر كېلىپ تۇرىدىغان مېھمانغا ئوخشايدۇ. ئاياللارنىڭ ھەر ئايدا بىر قېتىم ھەيز كۆرۈشى بەدىنىنىڭ نورمال زەھەر تازىلاۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ، بۇنداق بولغاندا بالىياتقۇ تېخىمۇ ساغلام بولىدۇ.

«بالىياتقۇم بارغانسېرى ياخشىلانسۇن» دېسىڭىز مۇنداق قىلىڭ

ئەمما، بەزى ئاياللار ھەيز مەزگىلىدە ھەيز ئاغرىتىپ كېلىشنىڭ ئازابىنى تارتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئاياللار بۇ نۇقتىلارغا دىققەت قىلسا، بەلكىم بالىياتقۇسى ياخشى «جاۋاب قايتۇرۇشى» مۇمكىن. تۆۋەندە بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى.

ئاياللار ھەيز ئەمدىلا ئاخىرلاشقاندا، بۇ ئىككى ئىشنى قىلماسلىقتا چىڭ تۇرۇشى كېرەك.

«بالىياتقۇم بارغانسېرى ياخشىلانسۇن» دېسىڭىز مۇنداق قىلىڭ

يولدىشى بىلەن يېقىنچىلىق قىلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.

نۇرغۇن ئاياللار ئۆزىنىڭ ياش ۋاقتىدىكى سالامەتلېكىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىپ، بەزى ئىشلارنى قىلغاندا ھېچنېمە بىلەن كارى بولمايدۇ. نۇرغۇن ئاياللار ھەيز كەلگەندە جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسە بولمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ. لېكىن نۇرغۇن ئاياللار ھەيز يېڭىلا ئاخىرلاشقاندىمۇ بۇنداق قىلماسلىق كېرەكلىكىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن. بۇنىڭغا دىققەت قىلمىغاندا، ناھايىتى ئاسانلا بالىياتقۇنىڭ زەخىملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بالىياتقۇ زەخىملەنگەندىن كېيىن ئاسانلا ھەر خىل ئاياللار كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇمۇ بىر خەتەرلىك ئەھۋال، شۇڭا ئاياللار ھەيز ئەمدىلا ئاخىرلاشقان ۋاقىتتا بۇ تۆۋەن چەكنى ساقلىشى كېرەك.

«بالىياتقۇم بارغانسېرى ياخشىلانسۇن» دېسىڭىز مۇنداق قىلىڭ

ئاسراش سېلىنچىسى (护垫) ئىشلىتىش

نۇرغۇن ئاياللار ھەيز ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، يەنە قالدۇق قانلارنىڭ كېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ، شۇڭا ئاسراش سېلىنچىسىنى ئىشلىتىشكە ئادەتلىنىپ قالىدۇ. ئەمما، بۇ نەرسىنى ئۇزۇن مۇددەت ئىشلەتكەندە، مەخپىي ئەزانىڭ ئۇزۇن مەزگىل ھاۋا ئۆتكۈزمەيدىغان ھالەتتە تۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ناھايىتى ئاسانلا كۆپ مىقداردا باكتېرىيە ۋە ۋىرۇسلارنى پەيدا قىلىدۇ. ھەيز ئەمدىلا ئاخىرلاشقان ۋاقىتتا، بالىياتقۇ بوينى ئېغىزى يەنىلا ئوچۇق ھالەتتە تۇرىدۇ، بۇ ۋاقىتتا باكتېرىيىلەر ناھايىتى ئاسانلا ئاياللارنىڭ بالىياتقۇسىغا كىرىپ، ئاسانلا ئاياللار كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر بۇ مەزگىلدە چوقۇم ئاسراش سېلىنچىسى ئىشلىتىش كېرەك بولسا، سېتىۋالغاندا چوقۇم سۈپىتى ياخشىلىرىنى تاللاش كېرەك، ھەرگىزمۇ ئەرزان نەرسىنى كۆزلەپ ئۆزىگە زىيان يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ.

«بالىياتقۇم بارغانسېرى ياخشىلانسۇن» دېسىڭىز مۇنداق قىلىڭ

ئاياللار ھەيز يېڭىلا ئاخىرلاشقاندا، بۇ ئىككى ئىشنى قىلىشتا چىڭ تۇرۇشى كېرەك.

بالىياتقۇ ئىللىتىدىغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش كېرەك.

كۆپ ساندىكى ئاياللارنىڭ بەدىنى سوغۇق تەبىئەتلىك بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇزۇن مۇددەت سوغۇق ئىچىملىك ياكى سوغۇق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلسا، بەدەندىكى سوغۇقنىڭ ئېشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، يەنى بالىياتقۇ سوۋۇپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. شۇڭا بالىياتقۇ ئىللىتىدىغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىش ئىنتايىن مۇھىم، بۇنداق قىلغاندا بالىياتقۇ سوۋۇپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، مەسىلەن: راك، قوي گۆشى، يەرياڭىقى، دۇريان قاتارلىقلار. بۇ يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسى ياخشى تاللاش بولالايدۇ.

پەقەت يېمەك-ئىچمەككە تايىنىپلا بالىياتقۇنى ئاسراش كۇپايە قىلمايدۇ، كۈندىلىك تۇرمۇشتىمۇ كۆپرەك ھەرىكەت قىلىش كېرەك، مەسىلەن، بالىياتقۇ ئىللىتىش گىمناستىكىسى ئاياللارنىڭ بالىياتقۇسىنى ئاسرىشىغا ئىنتايىن ماس كېلىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى