ساغلاملىق

ھەيز مەزگىلىدە بۇ ئۈچ نەرسىنى يېسىڭىز ئاسان ئورۇقلايسىز

 

ھەيز قىزلار بەلگىلىك ياشقا كىرگەندە پەيدا بولىدىغان بىر خىل نورمال فىزىئولوگىيىلىك ھادىسە. گەرچە بۇ مەزگىلدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ناھايىتى كۆپ بولسىمۇ، بىراق بۇ بالىياتقۇ ئەخلىتىنى تازىلاشنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلى. شۇڭا نۇرغۇن خانىم-قىزلار مۇشۇ مەزگىلدە ئىلمىي غىزالىنىش، زەھەر تازىلاش قاتارلىقلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئۇنداقتا سىز ھەيز مەزگىلىنى قانداق قىلغاندا خاتىرجەم ئۆتكۈزگىلى بولىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ قىزلار فىزىئولوگىيىلىك مەزگىلىدە، بۇ ئۈچ نەرسىنى كۆپ يېسە، بالىياتقۇدىكى ئەخلەتلەرنى پاكىز چىقىرىپ، بەدەن ئېغىرلىقىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.

ھەيز مەزگىلىدە بۇ ئۈچ نەرسىنى يېسىڭىز ئاسان ئورۇقلايسىز

1. كاۋا

كاۋىنىڭ تەمى بىر قەدەر تاتلىق بولۇپ، تەركىبىدە مول سىنك ئېلېمېنتى بار. ئۇ ئادەم بەدىنىنىڭ قان ئايلىنىشىنى ئۈنۈملۈك تېزلىتىپ، كېرەكسىز قاننى پاكىز چىقىرىپ تاشلايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى مول مېۋە يېلىمى ئاشقازان، ئۈچەينىڭ ساغلاملىقىنى قوغداپ، ھەيز مەزگىلىدىكى ئۇزۇقلۇقلارنىڭ سۈمۈرۈشى ۋە ھەزىم قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاياللار ھەيز مەزگىلىدە ئاسانلا تاشقى مۇھىت ۋە ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچراپ، ئاشقازان ئۈچەي ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىدۇ. كاۋا ئاشقازان ئۈچەي ئىقتىدارىنى تەڭشەپ، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، كاۋىنىڭ يەنە ياللۇغ قايتۇرۇش رولى بولۇپ، ھەيز مەزگىلىدە ئاياللارنىڭ كېسەللىك باكتېرىيەسىدىن يۇقۇملىنىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. شۇڭا، ھەيز مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان ئاياللار كاۋىنى كۆپ يەپ بەرسە، بالىياتقۇنىڭ ساغلاملىقىغا پايدىلىق.

ھەيز مەزگىلىدە بۇ ئۈچ نەرسىنى يېسىڭىز ئاسان ئورۇقلايسىز

2. پۇرچاق ئۇيۇتمىسى

پۇرچاق ئۇيۇتمىسىنىڭ تەبىئىتى سوغۇق بولۇپ، ئىسسىقنى ياندۇرۇپ زەھەرنى قايتۇرىدۇ، بەدەننى قۇۋۋەتلەيدۇ. ئاشقازان، ئۈچەيدە ساقلانغان ئەخلەت ۋە توكسىنلارنى تازىلاشقا ياردەم بېرىدۇ. ئاياللار ھەيز مەزگىلىدە كالتسىي ئېلېمېنتلىرى كۆپ مىقداردا ئېقىپ كېتىدۇ. پۇرچاق ئۇيۇتمىسى پۇرچاقتىن ياسىلىدۇ، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى مىكرو ئېلېمېنتلارنىڭ مىقدارى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ئادەم بەدىنى تەرىپىدىن ئاسان سۈمۈرۈلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر ناھايىتى ياخشى بولغان زەھەر تازىلاش رولىغا ئىگە. شۇڭا مۇۋاپىق مىقداردا پۇرچاق ئۇيۇتمىسى يېسە، سۆڭەكنىڭ ساغلاملىقىنى ساقلاپلا قالماستىن، يەنە بەدەندىكى ھورمۇنلارنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، بالىياتقۇ ۋە تۇخۇمداننىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىدۇ، بەدەن ئېغىرلىقىنى يېنىكلىتىدۇ.

ھەيز مەزگىلىدە بۇ ئۈچ نەرسىنى يېسىڭىز ئاسان ئورۇقلايسىز

3. دۇريان

دۇريان تىلغا ئېلىنسا، كۆپچىلىكنىڭ بىرىنچى ئىنكاسى«سېسىق پۇراق» بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ. لېكىن دۇريان ئاياللارنىڭ بالىياتقۇسىنى قوغدايدىغان ياخشى مېۋە بولۇپ، ئۇنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ۋىتامىن ۋە مىكرو ئېلېمېنتلار بار. ھەيز مەزگىلىدە بەدەندىكى كۆپ مىقداردىكى ئوزۇقلۇق ماددىلار، مىكرو ئېلېمېنتلار، ۋىتامىن قاتارلىقلار كەملەپ كېتىدۇ. دۇريان يېگەندە ئۇزۇقلۇقلارنى تولۇقلىغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە دۇرياننىڭ تەبىئىتى ئىسسىق بولۇپ، قاننى جانلاندۇرۇپ، سوغۇقنى تارقىتىش رولىنى ئوينايدۇ. فىزىئولوگىيىلىك مەزگىلىدە كۆپ يېسە، ھەيز ئاغرىتىپ كېلىشنى پەسەيتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا دۇريان تەركىبىدە ئۇچۇچان ماددىلار بولۇپ، مىكروب ئۆلتۈرۈپ، ياللۇغ قايتۇرۇش رولىنى ئويناپ، ئاياللار كېسەللىكلىرىنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىدۇ.

قىزلار ھەيز مەزگىلىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار:

1. دۈمبە، بەلنى كۈچەپ ئۇۋۇلىماسلىق، ئۇرماسلىق كېرەك: ھەيز مەزگىلىدە بەل ۋە دۈمبە ئاغرىش داس بوشلۇقىغا قان تولۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ، بۇ نورمال ھادىسە. ئەگەر دۈمبە، بەل قىسمىنى قارىغۇلارچە كۈچەپ ئۇۋۇلىسا ياكى ئۇرسا، بەل ۋە دۈمبە ئاغرىشنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

2. ھاراق ئىچىشكە بولمايدۇ: ھەيز مەزگىلىدە ئاياللارنىڭ بەدىنىدىكى ھورمۇن سەۋىيەسىدە بىر قەدەر چوڭ داۋالغۇش يۈز بېرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ھاراق ئىچسە، ئاسانلا مەست بولۇپ قالىدۇ، جىگەرنىڭ يۈكىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ.

3. يۇقىرى ئاۋازدا ناخشا ئېيتماسلىق كېرەك: ئاياللار ھەيز مەزگىلىدە، نەپەس يولى شىللىق پەردىسىگە، ئاۋاز پەردىسىگە قان تولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا يۇقىرى ئاۋازدا ناخشا ئېيتسا ياكى يۇقىرى ئاۋازدا گەپ قىلسا، ئاسانلا ئاۋاز پەردە مۇسكۇلى چارچاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئۈنى پۈتۈپ قالىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى