ساغلاملىق

ئەگەر بۇ ئۈچ ئالامەت بولمىسا بالىياتقۇڭىز پاكىزكەن

كونىلاردا «ئاياللارنىڭ بالىياتقۇسى ياخشى بولسا، ئاسان قېرىمايدۇ» دېگەن گەپ بار. بالىياتقۇنى ئاياللارنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئەزاسى دېيىشكە بولىدۇ، ساغلام بالىياتقۇغا ئىگە بولغاندىلا ئاندىن مۇكەممەل بىر ئايال بولغان ھېسابلىنىدۇ. بالىياتقۇ بالىلىق بولۇشتا مۇھىم ئورۇندا تۇرۇپلا قالماستىن، ھەيز كېلىشىمۇ مۇشۇ ئەزا بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئۇ ئاياللارنىڭ ھورمۇن ئاجرىتىپ چىقىرىپ، بەدەندىكى ئىچكى ئاجراتمىلارنى تەڭشەپ، تېخىمۇ ياش تۇرۇشىدا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئەمما، بالىياتقۇ ئىنتايىن ئاجىز بولۇپ، كۈتۈنۈشكە ئەھمىيەت بەرمىگەندە، بىر قىسىم كېسەللىكلەر پەيدا بولىدۇ. ئۇنداقتا، بىز بالىياتقۇنىڭ ساغلام ياكى ساغلام ئەمەسلىكىنى قانداق بىلىمىز؟ ھاجەتخانىغا كىرگەندە، ئەگەر بۇ ئۈچ ئالامەت بولمىسا، مۇبارەك بولسۇن، بالىياتقۇڭىز پاكىز ھېسابلىنىدىكەن.

ئەگەر بۇ ئۈچ ئالامەت بولمىسا بالىياتقۇڭىز پاكىزكەن

1. سۈيدۈك سېسىق پۇراش

بەدىنىمىزنىڭ %70ى سۇ، بەدەندىكى ماددا ئالمىشىش جەريانىدا، ھەر كۈنى سۈيدۈك ئاجرىلىپ بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىلىدۇ. سۈيدۈك بىزنىڭ تەن ساغلاملىقىمىزنى پەرقلەندۈرۈشتىكى بىر ئۆلچەم. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئەمدىلا چىققان سۈيدۈكتە بىر خىل ئالاھىدە پۇراق بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە سۈزۈك بولۇپ دۇغلاشمايدۇ. ئەگەر سۈيدۈك سارغىيىپ، دۇغلىشىپ كەتكەن بولسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر خىل سېسىق پۇراق بولسا، بۇ بالىياتقۇنىڭ ئىچكى قىسمىدا باكتېرىيە ۋە ۋىرۇسنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى، ئۇنىڭ سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسىنىڭ يۇقۇملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلگەندە، ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، ۋاقتىدا بەدەننى تەڭشەش كېرەك.

ئەگەر بۇ ئۈچ ئالامەت بولمىسا بالىياتقۇڭىز پاكىزكەن

2. ئاق خۇندا قان يىپچىلىرى بولۇش

ئاق خۇن كېسەللىكنى تەكشۈرۈشتىكى مۇھىم ئۆلچەم بولۇپ، مۇبادا ئۇنىڭدا نورمالسىزلىق كۆرۈلسە، ئاياللارغا «بەدىنىدە كېسەللىك بار» دېگەن ئاگاھلاندۇرۇشنى بېرىدۇ. ھەيزدىن كېيىن، ئاق خۇندا ئاز مىقداردا قان يىپچىلىرى بولىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭغا بالىياتقۇدىكى قالدۇق قانلار ئارىلىشىپ قالغان بولىدۇ، بۇ نورمال فىزىئولوگىيىلىك ھادىسىگە تەۋە. ئادەتتە ئاياللاردىكى ئاق خۇن سۈزۈك يىپسىمان ھالەتتە بولىدۇ، ئەمما ھەيز كەلمىگەن ئادەتتىكى ۋاقىتلاردىمۇ قان چىققان ياكى سېسىق پۇراق چىققان بولسا، بۇ بالىياتقۇ ئىچكى توكسىنىنىڭ بىر قەدەر كۆپ ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئەگەر بالدۇر داۋالانمىسا، كېسەللىك ئەھۋالى تەدرىجىي ئېغىرلىشىشى مۇمكىن. خانىم-قىزلار بۇنىڭغا چوقۇم ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.

ئەگەر بۇ ئۈچ ئالامەت بولمىسا بالىياتقۇڭىز پاكىزكەن

3. ئۇزۇن مۇددەت قورساق ئاغرىش

ھەممىگە ئايانكى، ھاجەتخانىغا كىرىش بەدەندىكى كېرەكسىز ماددىلارنى چىقىرىپ تاشلاپ، بەدەننىڭ ساغلام، مۇقىم ھالىتىنى ساقلاش ئۈچۈندۇر. نۇرغۇن ئاياللار ھەيز كېلىشتىن بۇرۇن قورسىقىنىڭ ئىنتايىن ئاغرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ قېلىنلاپ چۈشۈپ كېتىشىدىن بولۇپ، قان تەركىبىدە بەلگىلىك ئىچكى پەردە توقۇلمىسى ۋە ئەخلەتلەر بولىدۇ. لېكىن بەزى ئاياللارنىڭ قورسىقى ئۇزۇن مۇددەت ئاغرىيدۇ، بۇ بەلكىم بالىياتقۇنىڭ «ياردەم تەلەپ قىلىشى» دىن بولغان بولۇشى مۇمكىن. بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ ئورنى غەيرىيلىشىش كېسىلى، داس بوشلۇقى ياللۇغى قاتارلىق ئاياللار كېسەللىكلىرى كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر كۆپچىلىكتە بۇنداق ئەھۋال بولمىسا، بالىياتقۇنىڭ پاكىزلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ.

ئەگەر بۇ ئۈچ ئالامەت بولمىسا بالىياتقۇڭىز پاكىزكەن

بالىياتقۇنى ئاسراشنىڭ ئەپچىل چارىلىرى:

1. پۇتنى چىلاش. كونىلاردا سوغۇق پۇتتىن كىرىدۇ، پۇت ئادەمنىڭ ئىككىنچى يۈرىكى دەيدىغان گەپ بار. چۈنكى ئىككى پۇتتا 66 پەللە بار بولۇپ، پۈتۈن بەدەندىكى پەللىلەرنىڭ ئوندىن بىرىنى ئىگىلەيدۇ. دائىم پۇتنى چىلىغاندا پۈتۈن بەدەندىكى پەللە ۋە قان تومۇرلارنىڭ راۋانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاياللار كېسەللىكلىرىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ.

2. مايلىق يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش. يۇقىرى مايلىق يېمەكلىكلەر بەزى ھورمۇنلارنىڭ ھاسىل بولۇشى ۋە قويۇپ بېرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسىنىڭ شەكىللىنىشى زور مىقداردىكى ئانىلىق ھورمۇننىڭ غىدىقلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، تۆۋەن مايلىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كۆپرەك سۇ ئىچىش كېرەك. ئاچچىق، سوغۇق يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك، ھاراق ئىچمەسلىك كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى!

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۈنۇپكىسى