ساغلاملىق

ئاياللار ئادەتتە قانچە ياشتا كىلىماكتېرىيە دەۋرىگە قەدەم قويىدۇ؟

ئادەتتىكى ئەھۋالدا، ئاياللار 45 ياشتىن 55 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا ھەيز ئاستا-ئاستا توختايدۇ، ھەيز توختاش ئاياللارنىڭ كىلىماكتېرىيە دەۋرىگە قەدەم قويغان-قويمىغىنىغا ھۆكۈم قىلىشتىكى ئەڭ ياخشى ئۆلچەملەرنىڭ بىرى، شۇڭا ئاياللارنىڭ 45 ياشتىن 55 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا كىلىماكتېرىيە دەۋرىگە قەدەم قويۇشى نورمال ئەھۋال.

ئاياللار ئادەتتە قانچە ياشتا كىلىماكتېرىيە دەۋرىگە قەدەم قويىدۇ؟

ئادەتتە 50 ياش ئۆپچۆرىسىدە كىلىماكتېرىيە دەۋرىگە قەدەم قويىدىغانلار كۆپ ئۇچرايدۇ، بۇ ھەر بىر ئايالنىڭ بەدەن ساپاسى، بېسىمىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قارىتا ئوخشاش بولمايدۇ، شۇڭا كىلىماكتېرىيەگە قەدەم قويۇش ۋە داۋاملىشىش ۋاقتىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. مەسىلەن، ئۇزاق مۇددەت يۇقىرى بېسىم ھالىتىدە ياشىغانلار ئاسانلا مۇددەتتىن بۇرۇن كىلىماكتېرىيە دەۋرىگە قەدەم قويىدۇ، ھەمدە داۋاملىشىش ۋاقتىمۇ ئۇزىراپ كېتىشى مۇمكىن.
كىلىماكتېرىيە دەۋرى ياش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاندىن باشقا، يەنە بەدەندە بىر قاتار ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ. 45 ياشتىن ئاشقان ئاياللار بۇ ئۆزگىرىشلەرگە دىققەت قىلغىنى ياخشى.
1. ھەيز نورمالسىزلىشىپ، دەۋرىيلىكى قانۇنىيەتسىزلىشىدۇ. ھەيز بەلكىم بىر نەچچە ئايدا بىر قېتىم كېلىشى، ھەر قېتىملىق ھەيز مىقدارىمۇ بەزىدە كۆپىيىپ بەزىدە ئاز بولۇشى مۇمكىن.

ئاياللار ئادەتتە قانچە ياشتا كىلىماكتېرىيە دەۋرىگە قەدەم قويىدۇ؟

2. ئۇيقۇ سۈپىتى ناچارلىشىپ، دائىم يېرىم كېچىدە ئويغىنىپ كېتىدۇ. كۆپ تەرلەپ، يۈزلىرى قىزىرىپلا تۇرىدۇ.

ئاياللار ئادەتتە قانچە ياشتا كىلىماكتېرىيە دەۋرىگە قەدەم قويىدۇ؟

3. سۆڭەك شالاڭشىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، بەدەندە سۆڭەك شالاڭشىش كۆرۈلۈپ، ئاسانلا بوغۇم ۋە بەل تېلىپ ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

ئاياللار ئادەتتە قانچە ياشتا كىلىماكتېرىيە دەۋرىگە قەدەم قويىدۇ؟

4. سۈيدۈك چىقىرىش نورمالسىزلىشىدۇ، ئاسانلا سۈيدۈك قىستاش بولىدۇ.

تەۋسىيە:
يېمەك–ئىچمەكنى تەڭشەش، يەنى مايلىق، تۇزلۇق يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستېمال قىلىش، پۇرچاق ۋە سۈت تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش، يەنە چىلان، قارا ئاشلىق، پەمىدۇر ۋە ھەرخىل مېۋىلەرنى دائىم ئىستېمال قىلىپ تۇرۇش لازىم. ئۇندىن باشقا، قانۇنىيەتلىك ھەرىكەت ۋە دەم ئېلىشقا دىققەت قىلىش، كۆپرەك ئائىلىسىدىكىلەر ۋە دوست-يارەنلىرى بىلەن پاراڭلىشىپ، ئۆز كەيپىياتىنى تەڭشەشنى ئۆگىنىپ، ياخشى كەيپىياتنى ساقلاش كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى