ئاجايىباتلار

دۇنيادىكى ئەڭ غەلىتە تاش ئۆي

    • تاشئۆي

    • بۇ ئۆي قارىماققا چوڭ نومۇرلۇق رادىئوغا ئوخشاپ قالامدۇ نېمە؟ بۇ ئۆي پورتۇگالىيەنىڭ شىمالىدىكى فافى تېغىغا جايلاشقان بولۇپ، فافې تېغىدىكى تاش ئۆي دەپ ئاتالغان.

    •  

    • بۇ تاش ئۆي 1972-يىلى ئەتىيازدا سېلىنىشقا باشلىغان بولۇپ، ئىككى يىلدا پۈتكەن، ھازىرغىچە 40 نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە. كىشىلەر بۇ ئۆينى تۇنجى كۆرۈپلا سىرتقى قىياپىتىدىن ھەيران قالغان.

 

  • بۇ ئادەتتىكى ئۆيلەرگە ئوخشاش ئۇنداق ئۆلچەملىك ئەمەس، بەلكى بىر تەرتىپسىز ياپىلاق تۇخۇم شاكىلى شەكلىدە، چۈنكى ئۇ ئىككى غايەت زور تەبىئىي تاش ئارىسىغا سېلىنغان.

  •  

  •  

ئىلگىرى بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرى دەم ئالىدىغان كىچىك ئۆي ئىدى، كېيىن ئۆزگەرتىش ئارقىلىق مۇزىيغا ئايلاندى.

    •  

    • بۇ غايەت زور تاش ئۆينىڭ تېمىنى ھاسىل قىلغان بولۇپ، ئەگەر بىرەرسى بۇ ئۆينىڭ ئىچىدە تۇرسا خۇددى تاشنىڭ ئارىسىدا تۇرغاندەك ھېس قىلىدۇ. بۇنى دۇنيادىكى ئەڭ غەلىتە ئۆي دېيىشكە بولىدۇ.

    • بۇ ئۆي ئېسىل سەرەمجانلاشتۇرۇلغان بولۇپ، گەرچە توك بولمىسىمۇ، لېكىن تام مەش بار بولۇپ، ھەتتا قورام تاشلاردىن سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى كولاپ چىقىلغان.

  • تاش ماتېرىياللاردىن باشقا، ئۆينىڭ قالغان قىسمىغا ھازىرقى زامان ئۆي جاھازىلىرى لايىھەسى، يەنى دېرىزە، ئىشىك ۋە تۇرخۇن ئىشلىتىلگەن. تاش ئۆي ئىچىنى بېزەشتە تەبىئەت لايىھەسى قوللىنىلغان بولۇپ، ئۆي جاھازلىرى ئېۋكالىپىت ياغىچىدىن ياسالغان.

  • لايىھىلىگۈچى ئىككى يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ بۇ تاش قەلئەنى پۈتتۈرگەن، ئۇنىڭ لايىھىلەش ئىلھامى ئامېرىكىدا ناھايىتى كەڭ تارقالغان كارتون فىلىم «مودا ئىپتىدائىي ئادەملەر»دىن كەلگەن بولغاچقا، بۇ تاش ئۆي كىشىلەر تەرىپىدىن «مودا قەلئە» دەپ ئاتالغان.

  • مەنبە: نۇر تورى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى