ساغلاملىق

ھەيز مەزگىلىدە دائىم ئىچى سۈرۈپ قېلىشنىڭ ئۈچ خىل سەۋەبى

ئادەتتىكى ئەھۋالدا، ھەيز كەلگەندە ئاياللار كۆپرەك ئارام ئېلىشقا دىققەت قىلىشى، ئارام ئېلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق بەدەن يۈكىنى يېنىكلىتىشى كېرەك، بولمىسا ھەيز كەلگەندە ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش ئەھۋالى ئاسان كۆرۈلىدۇ. ھەتتا بەل-دۈمبە تېلىپ ئاغرىش، ماغدۇرسىزلىنىش، باش قېيىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ، بۇنداق بولغاندا ئاياللار ئىنتايىن بىئارام بولىدۇ.

شۇڭا، ھەيز كەلگەندە بەدەننى پەرۋىش قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، ياخشى تۇرمۇش ئادىتىنى ساقلاش كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا ھەيز مەزگىلىنى بىخەتەر ئۆتكۈزگىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بىر قىسىم ئاياللار ھەيز مەزگىلىدە دائىم ئىچى سۈرۈپ قالىدۇ، بۇ خىل ئەھۋال ئاياللارنى ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. ھەيز مەزگىلىدە دائىم ئىچى سۈرۈپ قېلىشنىڭ سەۋەبى نېمە؟

ھەيز مەزگىلىدە دائىم ئىچى سۈرۈپ قېلىشنىڭ ئۈچ خىل سەۋەبى

1. يېمەك-ئىچمەك بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلمىغان
ھەيز مەزگىلىدە دائىم ئىچى سۈرۈپ قېلىشنىڭ سەۋەبى ھەيز كەلگەندە شەخسىي يېمەك-ئىچمەككە دىققەت قىلمىغانلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ. بەزى ئاياللار بۇ مەسىلىگە ئەھمىيەت بەرمەيدۇ، ھەيز كەلگەندە يەنىلا سوغۇق، غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەرنى يەيدۇ. ھەيز كەلگەندە، ئاياللارنىڭ بالىياتقۇسى ۋە تۇخۇمدىنى سەزگۈر ھالەتتە تۇرىدۇ، سوغۇق، غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەر ئاياللارنىڭ بەدىنىنى غىدىقلايدۇ، بۇنداق بولغاندا پەيدا بولىدىغان سەلبىي تەسىرى بىر قەدەر روشەن بولىدۇ.
يەنە كېلىپ خام، سوغۇق، غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەرمۇ ئاشقازان-ئۈچەي ئىقتىدارىغا ئاسان تەسىر كۆرسىتىدۇ، بۇ ئالاھىدە ۋاقىتتا ئېلىپ كېلىدىغان سەلبىي تەسىرى تېخىمۇ ئېغىر بولۇشى مۇمكىن، بۇنداق بولغاندا ئاياللاردا كۆرۈنەرلىك تەسىر پەيدا بولىدۇ. بەدەننىڭ نورمال ھالىتىنى ساقلاش ئۈچۈن، ئاياللار ھەيز كەلگەندە ياخشى تۇرمۇش ئادىتىنى ساقلىشى، يېمەك-ئىچمەكنىڭ مايسىز، ساغلام بولۇشىغا دىققەت قىلىشى، خام، سوغۇق، غىدىقلاشچانلىقى كۈچلۈك يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىشى ياكى يېمەسلىكى كېرەك.

ھەيز مەزگىلىدە دائىم ئىچى سۈرۈپ قېلىشنىڭ ئۈچ خىل سەۋەبى

2. ئاشقازان ئۈچەي كېسىلى بارلار

ئاياللاردا ھەيز كەلگەندە ئاسانلا ئىچى سۈرۈش ئالامىتى يۈز بېرىدۇ. ئاشقازان-ئۈچەي ئىقتىدارى ئاجىز كىشىلەرنىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ، يېمەكلىكلەرنى يېگەندىن كېيىن ئادەم بەدىنى تېز ھەزىم قىلالمايدۇ، ئوزۇقلۇق ماددىلارنىمۇ تولۇق سۈمۈرەلمەيدۇ.

ھەيز مەزگىلىدە ھەر خىل ناچار ئامىللارنىڭ كاشىلىسىغا ئۇچراپ، ئەھۋال تېخىمۇ ئېغىرلاپ كېتىشى مۇمكىن. شۇڭا، ئاشقازان-ئۈچەي ئىقتىدارى ياخشى ئەمەسلەر بەدەننىڭ كۈتۈنۈشىگە دىققەت قىلىپ، ئاشقازان-ئۈچەينىڭ ساغلام ھالىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن، ھەيز مەزگىلىدە، بەدەن يۈكى ئېغىرلاپ، يامان تەسىر پەيدا قىلىدۇ-دە، ئاياللارنىڭ تېنى ئاسانلا ئاجىزلاپ كېتىدۇ.

ھەيز مەزگىلىدە دائىم ئىچى سۈرۈپ قېلىشنىڭ ئۈچ خىل سەۋەبى

3. قورساق قىسمى سوغۇقنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ
بەزى ئاياللاردا ھەيز كەلگەندە، سوغۇقنىڭ تەسىرىدىن ئىچى سۈرۈش ھادىسىسى ئاسانلا يۈز بېرىدۇ، شۇڭا ئىسسىق ساقلاشقا دىققەت قىلىش كېرەك. چۈنكى ھەيز كەلگەندە، ئاياللارنىڭ قورساق قىسمىغا سوغۇق ئۆتۈپ قالسا، ھەيز ئاغرىتىپ كېلىپلا قالماستىن، يەنە ئىچى سۈرۈپ قالىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئاسانلا ئىچى سۈرۈپ قېلىشى قورساق قىسمىنى ئىسسىق تۇتمىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، كېچىدە ئۇخلىغاندا قورساق قىسمىنى دائىم ئوچۇق قويۇشى مۇمكىن، شۇنىڭ بىلەن سوغۇقنىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچراش ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ.

شۇڭا، ھەيز كەلسىلا ئىچى سۈرۈپ قالىدىغان ئاياللار ئۆزىنىڭ ناچار ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ياكى ئەمەسلېكىنى بىلىشى كېرەك. ھەيز مەزگىلىدە ئۆزىنى ئىسسىق ساقلاشقا دىققەت قىلمايدىغانلار ئۆزىنىڭ بۇ خىل ناچار ئادىتىنى ئۆزگەرتىپ، بەدەننى ئىسسىق تۇتۇپ، قورساققا سوغۇق ئۆتۈپ قېلىش ئەھۋالىنى ياخشىلىسا، ئىچى سۈرۈپ قالىدىغان ئەھۋاللار ئاسانلا ياخشىلىنىپ كېتىدۇ.
بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئاياللارنىڭ ھەيز مەزگىلىدە ئىچى سۈرۈپ قېلىشى كۆپ تەرەپلىمىلىك ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك، بۇ بىر قانچە سەۋەبنى ئاياللار چوقۇم ئېنىق بىلىشى كېرەك. كېسەلگە قاراپ مۇۋاپىق ئۇسۇل ئارقىلىق ياخشىلاپ، بەدەننى ياخشى تەڭشەپ، ئەڭ ياخشى ھالەتنى ساقلىغاندىلا، ئاياللارنىڭ ھەيز كېلىشى بىلەنلا ئىچى سۈرۈپ قالىدىغان ئەھۋالى ياخشىلىنىپ، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى