ئاجايىباتلار

كامېرۇندىكى 100 ئايالى، 500 بالىسى بار پادىشاھ

 

كامېرۇندىكى 100 ئايالى، 500 بالىسى بار پادىشاھ

گەرچە ھازىر دۇنيانىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا بىر ئەر بىر خوتۇنلۇق بولۇش تۈزۈمى ئومۇملاشقان بولسىمۇ، ئەمما بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولۇۋاتقان دۆلەتلەرمۇ ئاز ئەمەس. ئافرىقىغا جايلاشقان كامېرۇندىكى بافۇت رايونىدا ھازىرغىچە پادىشاھلىق تۈزۈم قوللىنىلىدىغان بولۇپ، ھازىرقى پادىشاھ ئاباڭبى (Ⅱ) ياش تۇرۇپلا يەنى 16 يېشىدىلا تەختكە چىققان. ئۇ دادىسىنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغاندىن باشقا، يەنە 72 نەپەر ئايالىنىمۇ ئەمرىگە ئالغان. ھازىر ئۇنىڭ يېنىدا 100دەك خانىش-توقىلى، يەنە تېخى 500 بالىسى بار.

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئاباڭبى (Ⅱ) بافۇت رايونىنىڭ 11-ئەۋلاد پادىشاھى بولۇپ، 16 يېشىدا دادىسىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقتىن ئورنىغا تەختكە ۋارىسلىق قىلغان.

كامېرۇندىكى 100 ئايالى، 500 بالىسى بار پادىشاھ

يېڭى پادىشاھ تەختكە چىققاندا، شۇ جاينىڭ ئۆرپ-ئادىتى بويىچە تەختكە ۋارىسلىق قىلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئىلگىرىكى پادىشاھنىڭ خانىش-توقاللىرىنىمۇ قوبۇل قىلىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا سابىق پادىشاھ 72 ئايالىنى قالدۇرۇپ كەتكەن، كېيىن ئۆزى ياقتۇرۇپ ئالغان ئاياللىرى بىلەن قوشۇلۇپ ئاباڭبىنىڭ يېنىدا ھازىر 100 ئايال بار.

ئاباڭبىنىڭ (Ⅱ)نىڭ 3-ئايالى، خانىش كونستەنس: «مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئەرلەرنىڭ كەينىدە ھەمىشە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئايال بولىدۇ. بۇ ئەنئەنىنىڭ داۋاملاشتۇرۇلۇشىدا يېڭى پادىشاھ تەختكە چىققاندا چوڭ ئايالنىڭ تەجرىبە ۋە ئۆرپ-ئادەتلەرنى ياش توقاللارغا ئۆگىتىپ قويۇشى كۆزدە تۇتۇلغان، چوڭ ئايال يەنە يېڭى پادىشاھقا ئۆز ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەتلىرىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. چۈنكى ئۇ يېشى كىچىك، يېڭىدىن تەختكە چىققانلىقى ئۈچۈن نۇرغۇن ئىشلارنى بىلمەيدۇ» دېدى.

كامېرۇندىكى 100 ئايالى، 500 بالىسى بار پادىشاھ

گەرچە بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش تۈزۈمى كامېرۇننىڭ قىسمەن رايونلىرىدا قانۇنلۇق بولسىمۇ، ئەمما بۇ تۈزۈمنى بىكار قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك تەشەببۇسلار بارغانسېرى كۈچەيمەكتە. ئاباڭبى بۇ مەسىلە توغرىسىدا توختالغاندا، ئاياللىرىنىڭ ئۆزىگە نىسبەتەن تولىمۇ مۇھىملىقى، مىللىتى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداشنىڭ ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئىكەنلىكى، شۇڭا بۇ ئۆرپ-ئادەتنى يەنىلا داۋاملاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

نۇر تورىدىن ئېلىندى!

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۈنۇپكىسى