خاتىرەم

سېغىنىش

ئاپتوماتىك كوپىيە

 

سېغىنىش

سېغىنىشتۇر شېرىن بىر ئازاپ ،
بىلىپ بىلمەي چېكسەن پىراق .
ھىجراندا سىنىلار مۇھەببەت دېگەن ،
سېغىنىش بولغۇسى ئۇنىڭغا تۇپراق .

 

ئاسمانغا ئېسىلغان يۇلتۇزغا قاراپ ،
ئەسلەيمەن سەن ئۈچۈن چىكىپ مەن پىراق .
سېغىنىش قىينايدۇ ، دىدار كەلمەيدۇ ،
كۆڭۈللەر زەپ يېقىن ، ئارلىق بەك يىراق .

 

بولساممۇ بىدىدار سەن بىلەن يايرىم ،
پەسەيمەس مۇھەببەت دولقۇنى بىراق .
شامالدىن خەۋەر ئال ، ئەۋەتتىم سوۋغا ،
سېغىنىش يۈرەكتە ئۆچمەس بىر چىراق .

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى