تەرمىلەر

1920-يىللىرىدىكى پارىژ شەھىرى

 

1920-يىللىرىدىكى پارىژ شەھىرى

[1-سۈرەت] 1920-يىلى پارىژلىق بىر جۈپ ئەر-خوتۇن ئامراق ماشىنىسى بىلەن ئېففىل تۆمۈر مۇنارى ئالدىدىكى مەيداندا خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈۋاتاتتى. بۇ ماشىنىنىڭ لايىھەلىنىشى ئىنتايىن ئۆزگىچە، ھازىر ئۇ ماشىنىنى كۆرۈش تولىمۇ مۇشكۈل بىر ئىش. ئەمەلىيەتتە، ئۇ ئىككى چاقلىق، ئىككى كىشىلىك موتسىكلىت، لېكىن ئۇنىڭغا رول ئورنىتىلغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە رول ئارقا ئورۇندۇققا ئورنىتىلغان. بۇنداق لايىھەنگەن ماشىنىسى ھەيدەش سىزنىڭچە ئاسانمۇ؟

1920-يىللىرىدىكى پارىژ شەھىرى

[2-سۈرەت] 1920-يىللىرى، كۆكتىن پارىژ شەھىرىگە نەزەر. سېيىن (Seine River) دەرياسى شەھەرنى كېسىپ ئۆتىدۇ، ئېففېل تۆمۈر مۇنارى قىرغاقتا مەغرۇر قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، شەھەر رايونىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنىمۇ ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ. 100 يىلدىن كېيىنمۇ، بۇ شەھەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشلاردا ئاساسەن ئۆزگىرىش بولمىدى.

1920-يىللىرىدىكى پارىژ شەھىرى

[3-سۈرەت] 20-يىللاردىكى پارىژ كوچىلىرى، ئىككى فرانسىيىلىك ئەر ئەينى چاغدا مودا بولغان ئۈچ چاقلىق ۋېلىسىپىتنى مىنىپ كوچىدا تۇراتتى. ئېففىل تۆمۈر مۇنارى ئۇلارنىڭ كەينىدە مەغرۇر قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. بۇ ئۈچ چاقلىق ۋېلسىپىتمۇ ئوخشاشلا ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە: ئوڭ تەرىپىدە بىر ئاسما سۈكەن بار، بىر بولسا پۈتۈنلەي يېپىق ھالەتتە، بىر بولسا تورۇسى باردەك قىلاتتى، ئۇلارنىڭ بالىلىرى ئىچىدە ئولتۇرۇپ، يامغۇردىن كېيىنكى پارىژنىڭ مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىۋاتاتتى.

1920-يىللىرىدىكى پارىژ شەھىرى

[4-سۈرەت] سىز بۇ بىر نەچچە ساياھەتچى تۇرۇۋاتقان جاينىڭ قەيەر ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ ئۇ دەل پارىژدىكى يەنە بىر دۇنياغا داڭلىق قۇرۇلۇش−زەپەر دەرۋازىسى. بۇ كىشىلەر زەپەر دەرۋازىسىنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ، يىراقتىكى ئېففېل تۆمۈر مۇنارىغا نەزەر سېلىۋاتاتتى. ئىككى ئۇلۇغ قۇرۇلۇش يىراقتىن ماسلىشىپ، ئادەمنىڭ روھىي كەيپىياتىنى كۆتۈرىدۇ.

1920-يىللىرىدىكى پارىژ شەھىرى

[5] بىر بوۋاي مەيداندا تۇراتتى، ئۇنىڭ پۇتىدا دانلاۋاتقان بىر توپ كىچىك قۇشلار چېچىلىپ تۇراتتى، ھەتتا ئۇنىڭ قولىغىمۇ قونۇۋالغان ئىدى. بۇ يەر پارىژ شەھىرىنىڭ مەركىزىدىكى لوۋېر سارىيى (the Louvre courtyard) قورۇسى، كىشىلەر ئۇزۇندىن بۇيان بۇ يەرگە يىغىلىپ ئوزۇقلۇق ئىزدەپ كەلگەن قۇشلارنى بېقىشنى ياخشى كۆرۈپ كەلگەن. شۇڭا بۇ قۇشلار ئادەمدىن ئازراقمۇ قورقمايدۇ.

1920-يىللىرىدىكى پارىژ شەھىرى

[6] كۆكتىن پارىژدىكى چامپ ئېلىس كوچىسىغا نەزەر ( Avenue des Champs-Elysées). بۇ كوچا لوۋېر سارىيى بىلەن زەپەر دەرۋازىسى ئوتتۇرىسىدىكى ئوق سىزىققا جايلاشقان بولۇپ، «زەپەر يولى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ پارىژنىڭ شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان غول يولىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1800 مېتىر، ئەڭ كەڭ يېرى 120 مېتىر، قوش يۆنىلىشلىك سەككىز ئاپتوموبىل يولى بار. بۈگۈنكى كۈندە، چامپ ئېلىس چوڭ يولى ھەر كۈنى 300 مىڭ ساياھەتچىنى كۈتۈۋالىدىغان بولۇپ، دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ ئاۋات مەركىزىي كوچىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

1920-يىللىرىدىكى پارىژ شەھىرى

[7-سۈرەت] بىر ئۇششاق تىجارەتچى پارىژ كوچىسىدا يايما ئېچىپ، ئەتراپتىكى كىشىلەرگە ئۆزىنىڭ تاۋارلىرىنى تونۇشتۇرماقتا. سىز ئۇنىڭ نېمە ساتىدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرەلەمسىز؟ ئۇنىڭ قولىدىكى بەلباغمۇ ئەمەسمۇ؟، تاماشىبىنلارغا كۆرسىتىۋاتقىنى زادى نېمە؟ تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، قەدىمىنى توختىتىپ قاراۋاتقان ئەرلەرنىڭ ھەممىسى كاستۇم-بۇرۇلكا، شىلەپە كىيىۋالغان ئىدى.

1920-يىللىرىدىكى پارىژ شەھىرى

[8-سۈرەت] پارىژنىڭ مەلۇم بىر كوچىسى، كىچىك قەھۋەخانا كوچىغا قاراپ تۇرغان، ئۈستەللەرنىڭ ھەممىسى سىرتقا تىزىلغانىدى. ئىستېمالچىلار ئۇ يەردە ئولتۇرۇپ، تەمكىن ھالدا مەززىلىك قەھۋەنى تېتىپ باقىدۇ ياكى كىتاب ئوقۇيدۇ، گېزىت كۆرىدۇ، ياكى مەمەدانلىق قىلىدۇ، ئارىلاپ-ئارىلاپ ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كىشىلەر بىلەن بىر-بىرىدىن ھۇزۇرلىنىدۇ. ئەگەر ئېففېل تۆمۈر مۇنارى فرانسىيە روھىنىڭ سىمۋولى دېيىلسە، ئۇنداقتا كوچىلاردىكى قەھۋەخانىلار فرانسىيە مەدەنىيىتىنىڭ كارتىنىسى ھېسابلىنىدۇ. بۈگۈنكى كۈندىمۇ، بۇ ئۆزگىچە قەھۋە مەدەنىيىتى يەنىلا پارىژ مەدەنىيىتىنىڭ جەۋھىرى ھېسابلىنىدۇ.

1920-يىللىرىدىكى پارىژ شەھىرى

[9-سۈرەت] پارىژدىكى تۇيلېرىس گۈللۈكى (Jardin des Tuileries)دە چوڭلار بالىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ بىر فونتاننىڭ يېنىغا يىغىلىشىپ، فونتانغا يەلكەنلىك كېمىنىڭ مودېلىنى قويۇشتى. 1564-يىلى ھېنرى Ⅳنىڭ خانىشى مارى دې مېدىچ (Marie de Médicis) تۇيلېرىس سارىيىنى سېلىش ئۈچۈن بۇ گۈللۈكنى لايىھەلەپ ياساتقان. بۇ يەر فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابىدىن كېيىن باغچىغا ئۆزگەرتىلىپ، پارىژ شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ دەم ئالىدىغان ياخشى جايىغا ئايلانغان.

1920-يىللىرىدىكى پارىژ شەھىرى

[10-سۈرەت] پارىژ مودا شەھىرى، رومانتىك، سەنئەت، شۇنداقلا «زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرى ئىستېمالى شەھىرى». پارىژدىكى داڭلىق تۈرلۈك ماللار ماگىزىنى Galeries Lafayette ئالدى، كىشىلەر مال سېتىۋېلىش ئۈچۈن بەس-بەستە كىرىپ كەتمەكتە. بۇ جاي 1983-يىلى تىجارەت باشلىغان، پارىژ تىياتىرخانىسىغا يېقىن بولۇپ، ئوردا كەبى ھەشەمەتلىك بېزىلىشى بىلەن بىر مەھەل زىلزىلە پەيدا قىلغان. ئۇزاق تارىخىي جەرياندا، ئۇ «قېرىسىمۇ مۇستەھكەملىنىپ»، تەرەققىي قىلىپ ھەقىقىي يۈز يىللىق تارىخقا ئىگە پىشقەدەم دۇكانغا ئايلاندى. دۇنيا داڭلىق ماركا تەجرىبىخانىسى ئېلان قىلغان «2018 دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك داڭلىق ماركا» تىزىملىكىدە، بۇ تۈرلۈك ماللار ماگىزىنى 489-ئورۇندا تۇردى.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى