ساغلاملىق

ئوڭخاي ياكى سولخاي بولۇش گېن بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ؟

«سولخاي» تۇرمۇشىمىزدا دائىم ئاڭلاپ تۇرىدىغان سۆز بولۇپ، ئۇ ئادەتتە مەلۇم بىر ئادەمنىڭ سول قولى بىلەن تاماق يېيىش، خەت يېزىش ۋە خىزمەت قىلىشقا بەكرەك ئادەتلەنگەنلېكىنى كۆرسىتىدۇ.
كۆپ قىسىم كىشىلەر ئوڭ قولىنى ئىشلىتىشكە بەكرەك ئادەتلەنگەن بولۇپ، سولخايلارنىڭ ئەكسىچە، ئۇلار ئوڭ قولىنى ئىشلىتىشكە ئادەتلەنگەن كىشىلەرنى «نورمال» ئادەم دەپ قارىماي، «ئوڭخاي» دەپ ئاتايدۇ. شۇڭا سولخايلار بىر توپ نورمال كىشىلەر ئارىسىدىن چىققان بىر قانچە بىنورمال كىشىلەر ئەمەس، ئۇلار ئوڭخايلارغا ئوخشاش بولۇپ، پەقەت سانى ئازراق.

ئوڭخاي ياكى سولخاي بولۇش گېن بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ؟

بىر تۈرلۈك ئىستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئىنسانلار ئىچىدە ئوڭخاي بىلەن سولخاينىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى تەخمىنەن 9:1 بولغان، لېكىن بەزى ھايۋانلار ئىچىدە بۇ نىسبەت 1:1 بولغان.
سولخايلارنىڭ بىزدىن ئالاھىدىمۇ؟ بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ دېگەندەك ئۇلار ئادەتتىكى ئادەملەردىن ئەقىللىقمۇ؟

ئوڭخاي ياكى سولخاي بولۇش گېن بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ؟

نېمە ئۈچۈن بەزىلەر سولخاي بەزىلەر ئوڭخاي بولىدۇ؟
سولخايلار سول قولىنى ئىشلىتىشكە ئادەتلەنگەن، ئوڭخايلار ئوڭ قولىنى ئىشلىتىشكە ئادەتلەنگەن. يەنە ناھايىتى ئاز بىر قىسىم كىشىلەر (تەخمىنەن%1) ئىككى قولىنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتەلەيدۇ، ئۇلارنىڭ ئىككى قولى ئوخشاش جانلىقلىققا ئىگە بولۇپ، بۇ خىل ھادىسە ئىككى قولدىن تەڭ مەنپەئەتلىنىش دەپ ئاتالغان.
نېمە ئۈچۈن قولنى ئىشلىتىش ئادىتىدە ئوخشىماسلىق ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ؟

ئەمەلىيەتتە بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى يەكۈن بىردەك ئەمەس. لېكىن، ئۇ بىر خىل خاراكتېر پەرقى بولۇش سۈپىتى بىلەن گېن بىلەن مۇھىتنىڭ ئورتاق تەسىرىدىن بولۇشى مۇمكىن. ئالىملار ئىزچىل كىشىلەرنىڭ ئوڭ ياكى سول قولىغا بولغان ئامراقلىقىنى مەلۇم ئالاھىدە گېن بەلگىلەيدۇ، دەپ پەرەز قىلىپ كەلگەن.
2013-يىلى بىر گۇرۇپپا ئامېرىكىلىق تەتقىقاتچىلار «PLOS Genetics» (ئاممىۋى پەنلەر كۇتۇپخانىسى: ئىرسىيەتشۇناسلىق) ژۇرنىلىدا ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان، ئۇلار ئىنسانلارنىڭ ئىشلىتىشكە ئادەتلەنگەن خاراكتېرگە مۇناسىۋەتلىك گېن تورىنى تاپقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئوڭخاي ياكى سولخاي بولۇش گېن بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ؟

گېن تورى ئادەتلەنگەن خاراكتېرنىڭ يەككە ئالاھىدە گېنغا باغلىق ئەمەسلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، بەلكى كۆپلىگەن مۇناسىۋەتلىك گېنلارنىڭ بىرلىكتە ئادەمنىڭ ئادەتلەنگەن خاراكتېرىنى كونترول قىلىدۇ. بۇ بايقاش ئۇلارنىڭ Pcsk6 گېنىغا بولغان تەتقىقاتىدىن كەلگەن.
Pcsk6 بەدەندىكى سىممېترىكسىز تەرەققىيات بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك گېن بولۇپ، ئۇنىڭدا ئىككى تەڭ ئورۇنلۇق گېن بار، بۇ ھەر بىر pcsk6 گېنىنىڭ ئىككى قېتىم توساتتىن ئۆزگىرىش پۇرسىتى بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
دەسلەپتە، تەتقىقاتچىلار ئوقۇش توسالغۇسى كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەرنىڭ بەدىنىدىكى Pcsk6 گېنىنىڭ ئادەت بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى بايقىغان، Pcsk6نىڭ ئۆزگىرىشى قانچە چوڭ بولسا، بىمار ئوڭ قولىنى ئىشلىتىشكە ئادەتلەنگەن بولۇشى مۇمكىن.
قايسى قولنى ئىشلىتىشنىڭ ئوقۇش توسالغۇسى بىلەن ئانچە چوڭ مۇناسىۋىتى يوق بولغاچقا، شۇڭا ئۇلار تەتقىقات ئوبيېكىتىنى ئوقۇش توسالغۇسى يوق كىشىلەرگە قاراتقان.

ئوڭخاي ياكى سولخاي بولۇش گېن بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ؟

ئوقۇش توسالغۇسى يوق 2600 ئادەمنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، تەتقىقاتچىلار psck6 گېنىنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان تەسىرىنى بېكىتكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار پەقەت psck6 گېنىنىڭ بۇ خىل رولى بولۇپلا قالماستىن، يەنە باشقا psck6 بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان گېنلارنىڭ بارلىقىنى، بۇ گېنلارنىڭ گېن تورىنى تەشكىل قىلىپ ئادەت خاراكتېرلىك ئىشلىتىشكە ئورتاق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بايقىغان.
تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، بۇ گېنلارنىڭ ئادەت خاراكتېرلىك ئىشلىتىشكە بولغان تەسىرى ئۇلارنىڭ قانچىلىك توساتتىن ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىگە باغلىق بولۇپ، قايسى يۆنىلىشكە قاراپ توساتتىن ئۆزگىرىش بولسا، بۇ ئۇلارنىڭ قايسى قولىنى ئىشلىتىشكە بەكرەك ئادەتلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

ئوڭخاي ياكى سولخاي بولۇش گېن بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ؟

شۇڭا بىز ۋاقتىنچە مۇنداق دەپ قارايمىز: pcsk6نى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن گېنلارنىڭ توساتتىن ئۆزگىرىشى ئىنسانلارنى سولخاي ياكى ئوڭخايغا ئايرىغان.
ئەمما، بۇ گېنلار يەنە بەدەن ۋە چوڭ مېڭىنىڭ ئوڭ-سول سىممېترىكسىز تەرەققىياتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، بۇ بەدەننىڭ سىممېترىكسىز تەرەققىياتى بىلەن ئادەت خاراكتېرنىڭ مەلۇم خىل باغلىنىشى بارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئوڭ قول ياكى سول قولنى ئىشلىتىش ئادىتى گېننىڭ توساتتىن ئۆزگىرىشىگە باغلىق، ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن ئىنسانلاردىكى سولخاي بىلەن ئوڭخاينىڭ نىسبىتى شۇنچە چوڭ پەرق قىلىدۇ؟
بۇ نىسبەتنى ئىرسىيەت ئىلمىدە چۈشەندۈرۈپ بولغىلى بولمايدۇ، ئالىملار بۇنى ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمائىيلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن دەپ قارايدۇ.
يۇقىرى ئۈنۈملۈك جەمئىيەت قۇرۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى يۈكسەك ھەمكارلىق بولۇشتا، ئەمما ھەمكارلىق كۆپ ھاللاردا ئوخشاشلىققا ئىگە بولىدۇ، ئۇزاق مۇددەتلىك ھەمكارلىق نەتىجىسىدە ھەممە ئادەم ئوڭچىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا بەكرەك ئامراق بولۇپ قالغان.

سولخاي ئوڭخايغا قارىغاندا تېخىمۇ ئەقىللىقمۇ؟
بىز ئادەتتە ئاز ئۇچرايدىغان نەرسىلەرنى قىممەتلىك دەپ قارايمىز، بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن كىشىلەر سان جەھەتتىن ئوڭخايدىن ئاز بولغان سولخاينى ئاز ئۇچرايدىغان كىشىلەر دەپ قارايدۇ، ئۇلار بەلكىم ئادەتتىن تاشقىرى ئەقلىي قابىلىيەتكە ئىگە بولۇشى مۇمكىن.
ئوڭخاي ياكى سولخاي بولۇش گېن بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ؟ئەمەلىيەتتە، سولخاي بىلەن ئوڭخاينىڭ ئەقىل جەھەتتە ئانچە چوڭ پەرقى يوق، ئىككىسىنىڭ پەرقى بولسا، چوڭ مېڭىنىڭ ئوڭ- سول يېرىم شارىنىڭ ئىش تەقسىماتىنىڭ ئوخشاش بولمىغانلىقىدا.
بەزى تەتقىقاتچىلار، سولخايلار تېخىمۇ مۇرەككەپ ئەقلىي خۇلاسە چىقىرالايدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ چوڭ مېڭىسى ئادەتتىكىچە بولمىغان ئۇسۇلدا بوشلۇق، تىل ۋە ھېسسىياتنى بىر تەرەپ قىلىدۇ، بۇ ئۇلارنى تېخىمۇ كۈچلۈك يېڭىلىق يارىتىش كۈچىگە ئىگە قىلغان، دەپ قارايدۇ. بۇ خىل قاراش بويىچە قارىغاندا، سولخايلار يازغۇچى ياكى سەنئەتكار بولۇشى مۇمكىن دېگەندەك، خۇددى توردا تارقىلىپ يۈرگەن داڭلىق گىتارچىلار تىزىملىكىدە كۆپىنچە سولخاي بولغىنىدەك.

ئوڭخاي ياكى سولخاي بولۇش گېن بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ؟

لېكىن ئىنچىكىلىك بىلەن ئىزدىسەك، سولخايلار سانىنىڭ توققۇز ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدىغان ئوڭخايلارنى ئاسانلا تاپالايمىز، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ، نېمىلا دېگەنبىلەن %90 ئىنسان ئوڭخاي. شۇڭا، ھازىر سولخاينىڭ ئوڭخايدىن ئەقىللىق ياكى ئالاھىدە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان يېتەرلىك دەلىل-ئىسپات يوق، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سولخاينىڭ ئوڭخايدىن ناچارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان يېتەرلىك ئىسپاتمۇ يوق.
بىر خىل ئېھتىماللىق شۇكى: سىز ئۆزىڭىزنىڭ سولخايلىقىڭىزنى ۋە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ سولخاينىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەنئەت تالانتى بار دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلگىنىڭىزدە، ئۇنداقتا بۇ خىل قاراشنىڭ، سىزنىڭ سەنئەت ئىجادىيىتىگە بولغان ئىشەنچىڭىزنى ئاشۇرۇشقا تېخىمۇ كۈچلۈك ياردىمى بولۇشى مۇمكىن، بۇ ئەمەلىيەتتە بىرخىل ياندىن كۆرگۈچى ئېففېكتى.
گەرچە سولخاي بىلەن ئوڭخاينىڭ روشەن پەرقى بولمىسىمۇ، لېكىن مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئوڭخايلار ياراتقان ۋە ئۇلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان بۇ دۇنيادا، سولخايلارغا نۇرغۇن قولايسىزلىقلار بار.

ئوڭخاي ياكى سولخاي بولۇش گېن بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ؟

ئەڭ ئاددىي مىسال بولسا قايچا بولۇشى مۇمكىن، دائىم ئىشلىتىدىغان قايچىلارنىڭ ھەممىسى ئوڭخايلار ئۈچۈن لايىھەلەنگەن، قايچىنى سولخايلار ئىشلەتكەندە قولايسىزلىق ھېس قىلىدۇ. قىزىقارلىق يېرى شۇكى، سولخايلارنىڭ ئۇرۇشۇش ماھارىتى ئوڭخايلاردىن ئۈستۈن تۇرۇشى مۇمكىن، چۈنكى ئۇلار قائىدە بويىچە ئىش قىلمايدۇ، سىز قارشى تەرەپنى سول مۇشت ئاتىدۇ دەپ ئويلىغىنىڭىزدا، ئەمەلىيەتتە ئۇ ئوڭ مۇشت ئاتىدۇ! بۇ ھەرگىزمۇ چاقچاق ئەمەس، بەلكى ھەقىقىي ئەھۋال، مەسىلەن: قىلىچۋازلىق، مۇشتۋازلىقتىن ئىبارەت «بىۋاسىتە ئېلىشىش» ۋە ۋاسكېتبول، پەي توپ، تېننىس توپ قاتارلىق «ۋاسىتىلىك ئېلىشىش» ھەرىكىتىدە سولخايلار ناھايىتى زور ئەۋزەللىككە ئىگە!

ئوڭخاي ياكى سولخاي بولۇش گېن بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ؟

ئاخىرىدا، ئەگەر سولخاي بىلەن ئوڭخاينى گېننىڭ توساتتىن ئۆزگىرىشىنىڭ نەتىجىسى دېسەك، ئۇنداقتا بۇنى بىر خىل تەبىئىي تاللاش دېسەك بولىدۇ، روشەنكى، سولخاينىڭ گېنى ئاز بولسىمۇ، لېكىن شاللىۋېتىلمىگەن. بۇ ئۇلاردىكى تېخىمۇ كۈچلۈك ئېلىشىش ئىقتىدارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى