ساغلاملىق

تاماكا چەككەندىنمۇ زىيانلىق سەككىز ئادەت، ھەيران قالىسىز!

 

تاماكا چېكىشنىڭ سالامەتلىككە بولغان زىيىنى ھەممىگە ئايان. ئەمەلىيەتتە، تاماكا چەكمىگەن ھالەتتىمۇ تۇرمۇشتىكى بەزى ساغلام بولمىغان ئادەتلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيان تاماكا چەككەندىن قېلىشمايدۇ.

تاماكا چەككەندىنمۇ زىيانلىق سەككىز ئادەت، ھەيران قالىسىز!

1. بىر ئولتۇرۇشىدا پۈتۈن كۈن مىدىرلىماي ئولتۇرۇش

ئۇزاق ۋاقىت ئىشخانىدا ئولتۇرۇش ياكى ماشىنىدا ئولتۇرۇش، كۆپ خىل ساغلاملىق كېسەللىكلىرىنى ئېلىپ كېلىدۇ. دائىم چېنىققان تەقدىردىمۇ، ئۇزاق ئولتۇرۇشنىڭ خەۋپىنى تۈگەتكىلى بولمايدۇ.

كانادا ئالبېرتا ئۆلكىلىك سەھىيە مۇلازىمىتى ۋە راك كېسىلى ساقلىقنى ساقلاش مەركىزىنىڭ يېڭى تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە، ھەر يىلى يۈز بېرىدىغان سۈت بېزى راكى، بوغماق ئۈچەي راكى، مەزى بېزى راكى ۋە ئۆپكە راكى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ھەرىكەت كەمچىل بولۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن، لېكىن بۇنىڭ ئىچىدە پەقەت ئۈچتىن ئىككى قىسمىلا تاماكا چېكىش كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاقىۋەت ئىكەن.

تەكلىپ: خىزمەتتە پات-پات ئورنىدىن تۇرۇپ مېڭىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش ، ئۆيدىمۇ كۆپرەك ھەرىكەت قىلىپ تۇرۇش كېرەك.

 

2. گۆشنى بەك كۆپ يېيىش

ھايۋانات ئاقسىلىنىڭ تەركىبىدە ئۆسمە ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئۆستۈرگۈچى ھورمون IGF-1 بار بولىدۇ. ئامېرىكا «ھۈجەيرە مېتابولىزمى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان جەنۇبىي كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، ئوتتۇرا ياش مەزگىلىدە كۆپ مىقداردا ھايۋانات ئاقسىلى ئىستېمال قىلىدىغان كىشىلەر توپىنىڭ راك كېسىلى بىلەن ئۆلۈش نىسبىتى ئوخشاش ياشتىكى كىشىلەرنىڭكىدىن تۆت ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن. لېكىن 65 ياشتىن ئاشقانلارغا ھېچقانداق زىيىنى بولمايدىكەن.

تەكلىپ: پۇرچاق تۈرىدىكى ئۆسۈملۈك ئاقسىلىنى بىر قىسىم ھايۋانات ئاقسىلىنىڭ ئورنىغا ئىستېمال قىلىش كېرەك. ئوتتۇرا ياشلىقلار ھەر كۈنى بەدەن ئېغىرلىقى بويىچە ئاقسىل تولۇقلىشى، ھەر ئىككى قاداق (0.9 كىلوگرام) بەدەن ئېغىرلىقىغا 0.8 گىرام ئاقسىل تولۇقلىشى كېرەك.

 

3. يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنى يېيىش

كۆپ تۈرلۈك تەتقىقاتلاردىن ئىسپاتلىنىشىچە، يېمەكلىك مېيىنىڭ تېمپېراتۇرىسى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتسە ئاكرولېئىن ۋە كۆپ مىقداردىكى كۆپ ھالقىلىق ئاروماتىك بىرىكمىلەر ھاسىل بولىدىكەن. بۇ تۈردىكى راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلار ئوخشاشلا تاماكىدىمۇ مەۋجۇت بولۇپ، ئاسانلا قەپەس يولى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

تەكلىپ: زەيتۇن مېيىنى كۆپ ئىشلىتىش، قورۇما قورۇغاندا ماي تېمپېراتۇرىسىنىڭ بەك يۇقىرى بولۇپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

 

4. ئۇزاق مۇددەت ئۇيقۇ كەملىك

ئۇزاق مۇددەت ئۇيقۇ يېتەرلىك بولمىغاندا، ئاسانلا يۇقىرى قان بېسىم، يۈرەك كېسىلى، سەكتە، سېمىزلىك ۋە باشقا ساغلاملىق مەسىلىلىرى كېلىپ چىقىرىدۇ. تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، ھەر كۈنى ئۇخلاش ۋاقتى يەتتە سائەتتىن ئالتە سائەتكىچىمۇ يەتمەسلىكتىن كېلىپ چىققان ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ ئېشىشى تاماكا چېكىش بىلەن ئوخشاش بولىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇيقۇنىڭ چوڭقۇر بولماسلىقى ۋە كېچە-كۈندۈز رىتىمىنىڭ قالايمىقانلىشىشى يەنە ئۆسمىنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتىنى تېزلىتىدۇ.

تەكلىپ: ھەر كۈنى يەتتە سائەتتىن سەككىز سائەتكىچە قېنىپ ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىش سالامەتلىك ئۈچۈن ئىنتايىن زۆرۈر.

 

5. يېتەرلىك سۇ ئىچمەسلىك

يېنىك دەرىجىدىكى سۇسىزلىنىش (پەقەت%2لىك نورمال بەدەن سۇيۇقلۇقى كەمچىل بولۇش)مۇ بەدەننىڭ ئېنېرگىيە سەۋىيەسىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. سۇسىزلىنىش قاننى تېخىمۇ يېپىشقاقلاشتۇرۇپ، يۈرەكنىڭ ھەرقايسى توقۇلما، ئەزالارغا ئوكسىگېن ۋە ئوزۇقلۇق يەتكۈزۈش ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ.

تەكلىپ: ئادەتتە بىز خىزمەت قىلغان ۋاقتىمىزدا، ئۇزۇن ۋاقىت كومپيوتېر ئالدىدا ئولتۇرىدىغان بولغاچقا، كۆپرەك سۇ تولۇقلىشىمىز كېرەك. نورمال سۇ ئىچىش مىقدارىغا يەتكەن-يەتمىگەنلىكىنى ھېسابلاش ئۈچۈن، بەدەن ئېغىرلىقىنى قاداق بىرلىكىگە ئايلاندۇرۇپ (بىر قاداق 0.45 كىلوگرامغا تەڭ)، شۇ ئېغىرلىقنى ئىككىگە بۆلۈپ ئاندىن 28.35كە كۆپەيتىش ئارقىلىق بىر كۈندە قانچە مىللىلىتىر سۇ ئىچىشىڭىز كېرەكلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ.

 

5. چارچىدىم دەپلا چېنىقماسلىق

بۇ خىل ئادەتنىڭ تەسىرى دەل ئەكسىچە بولىدۇ. تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، ئۇزاق ئولتۇرۇشقا ئادەتلەنگەن، ئەمما تېنى ساغلام قورامىغا يەتكەنلەر ھەر ھەپتىدە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 20 مىنۇت چېنىقىپ بەرگەندە، ئالتە ھەپتىدىن كېيىنلا ھارغىنلىق ھېس قىلمايدىكەن، ئەكسىچە تېخىمۇ زېھنىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدىكەن. دائىم چېنىقىپ تۇرغاندا بەدەننىڭ كۈچ-قۇۋۋىتى ۋە چىدامچانلىقىنى ئاشۇرغىلى بولۇپلا قالماي، يۈرەك قان تومۇر سىستېمىسىنىڭ ئوكسىگېن ۋە ئوزۇقلۇق ماددىلارنى بەدەننىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا يەتكۈزۈشىگە ياردىمى بولىدىكەن.

تەكلىپ: بارلىق ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك چارچاشنى پەسەيتىشكە پايدىلىق، مەسىلەن، ناخشا ئېيتىش، چوڭقۇر نەپەس ئېلىش، سەيلە قىلىش قاتارلىقلار.

 

7. كارىۋاتتا يېتىپ تېلېفون ئويناش

كومپيوتېر، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون قاتارلىقلارنىڭ ئېكرانىدىن چىققان كۆك نۇر بەدەندىكى مېلاتونىن (چوڭ مىڭە ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان ئۇخلاشقا ياردەم بېرىدىغان بىر خىل ھورمۇن)نىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى چەكلەپ، تەبىئىي فىزىئولوگىيىلىك رىتىمىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ھارغىنلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

تەكلىپ: ھېچ بولمىغاندا ئۇخلاشتىن يېرىم سائەت بۇرۇن يانفوننى ئېتىۋېتىش كېرەك.

 

8. ئۇخلاشتىن بۇرۇن ھاراق ئىچىش

ئىسپىرت قاندىكى قەنت مىقدارىنى تۆۋەنلىتىپ، مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنى تورمۇزلاپ، تىنچلاندۇرۇش ئېففېكتى پەيدا قىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇيقۇنى قالايمىقانلاشتۇرىدۇ. چۈنكى ئىسپىرت مېتابولىزم جەريانىدا بۆرەك ئۈستى بېزى ئاجرالمىلىرىنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ھاراق ئىچكۈچىلەرنى كېچىدە ئاسانلا ئويغىتىۋېتىدۇ.

تەكلىپ: ئۇخلاشتىن ئاۋۋالقى تۆت سائەتتىن ئۈچ سائەتكىچە بولغان ئارىلىقتا ھاراق ئىچمەسلىك كېرەك.

ئادەم ساغلام بىر بەدەنگە موھتاج بولۇپلا قالماي، ساغلام روھىي ھالەتكە تېخىمۇ ئىھتىياجلىقتۇر.

كىشىلىك ھاياتتا بىزنى خاتىرجەم قىلىدىغىنى نېمە؟ پۇل؟ ئورۇن-مەرتىۋە؟ گۈزەل چىراي؟ نازۇ-نېمەت؟ ئۆي؟ ياكى ماشىنا؟ ھېچقايسىسى ئەمەس.

ئەمەلىيەتتە، ئادەم «مېھىر-مۇھەببەت» دېگەن بىر سۆز بىلەن ياشايدۇ، مەيلى ئۇ قېرىنداشلىق مېھرى ياكى دوستلۇق رىشتىسى ۋە ياكى مۇھەببەت بولسۇن، بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر خىل گۈزەل روھىي ھالەتتۇر.

كىشىلىك ھاياتتا ياخشى كەيپىيات ئىنتايىن مۇھىم.

خۇشاللىق بىر خىل كەيپىيات، بىر خىل تەبىئىي ھەم ئاكتىپ روھىي ھالەت.

بۈگۈندىن باشلاپ ناچار ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىپ، تۇرمۇشىڭىزنى خۇشال ئۆتكۈزۈڭ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى!

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . مەن ، ئاددىيلىقنى ياقتۇرىمەن ! شۇڭىلاشقا بۇ بىلوگنىمۇ ئاددىيلا بېزىدىم ، بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۈنۇپكىسى