ئاجايىباتلار

چوڭقۇر دېڭىز سىرى: ئىنسانلار چوڭقۇر دېڭىز دۇنياسىدا بايقىغان بەش چوڭ غەلىتە جانلىق

ئېيتىشلارغا قارىغاندا، دۇنيادىكى %95 سۇ رايونى بولۇپمۇ دېڭىز ئوكياننىڭ ئەڭ چوڭقۇر يەرلىرى تېخى تەكشۈرۈلمىگەن نامەلۇم رايون ئىكەن. بۇ ئىنسانلارغا نىسبەتەن ئىزدىنشكە تېگىشلىك بىر نىشان، چۈنكى يورۇقلۇق ئۇ يەرگە يېتىپ بارسىلا نۇرغۇن بىيولوگىيە ۋە قۇرۇلۇش ئىلمىدىكى يېڭىلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. شۇڭا، قاراڭغۇلۇقنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن بايقالغان ھەر قانداق نەرسە بىز ئۈچۈن ئاجايىپ غەلىتە ۋە ناتونۇش بولىدۇ. تۆۋەندە ئىنسانلار چوڭقۇر دېڭىز دۇنياسىدا بايقىغان بەش چوڭ غەلىتە جانلىقنى چۈشەندۈرىمىز.

1. غەلىتە سەككىز ئاياغ

سەككىز ئاياغ ئەسلىدىنلا غەلىتە جانلىق. شۇنى بىلىش كېرەككى، ئۇلارنىڭ سەككىز مۇستەقىل ئەپچىل سەزگۈر بۇرۇتى، يۇمشاق، جانلىق تېنى، توققۇز چوڭ مېڭىسى، ئۈچ يۈرىكى بولۇپ، قېنى كۆك رەڭدە. ئۇلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى دېلفىن بىلەن ئورانگوتاندىن قېلىشمايدۇ.

ئەمما، چوڭقۇر دېڭىز ئاستىدىكى سەككىز ئاياغقا سېلىشتۇرغاندا، بىزگە بىر قەدەر تونۇشلۇق بولغان سەككىز ئاياغ قارىماققا ناھايىتى ئاددىي كۆرۈنىدۇ. مەسىلەن، چوڭقۇر دېڭىزدا بايقالغان بۇ خىل بېلىق قارىماققا دېسنىي كىنولىرىدىكى سەككىز ئاياغقا ئوخشايدۇ. ئۇلار سۇ ئاستىدىكى 200 مېتىردىن 1500 مېتىرغىچە بولغان ئارىلىقتا ياشايدۇ، ئاساسلىقى شەرقىي تىنچ ئوكياندىن چىقىدۇ، ئاز ساندىكى تۈرلىرى ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا تارقالغان.

بۇ خىل سەككىز ئاياغنىڭ جۇغى كىچىك بولۇپ، تېنى شىلىمشىق كېلىدۇ، پۈتۈن گەۋدىسى قارىماققا بەزىدە ئوماق، بەزىدە قورقۇنچلۇق تۇيۇلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ تەن قۇرۇلمىسىمۇ بىزگە تونۇشلۇق بولغان سەككىز ئاياغقا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. ئۇلارنىڭ بەدىنى ئادەتتىكى سەككىز ئاياغقا قارىغاندا تېخىمۇ سۈزۈك، سىلىق، سەزگۈ مۈڭگۈزچىسى قىسقىراق. ئۇلارنىڭ يەنە بىر غەيرىي رەسمىي نامى «كاسپېر سەككىز ئايىغى» بولۇپ، بەزىلەر ئۇنى «ئەرۋاھ سەككىز ئاياغ» دەپمۇ ئاتايدۇ.

يەنە بىر خىل سەككىز ئاياغ تېخىمۇ ئوماق بولۇپ، بالىلار چۆچەكلىرىدىكى ئوبرازلارغا بەكرەك ماس كېلىدۇ، بۇ خىل سەككىز ئاياغ ئۇچقۇر سەككىز ئاياغ دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

«ئەرۋاھ سەككىز ئاياغ» غا ئوخشاش، ئۇنىڭ بەدەن شەكلى ئادەتتىكى سەككىز ئاياغدىنمۇ كىچىك بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن 7000 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى جايدا تېخىمۇ ياخشى ھەرىكەت قىلالايدۇ.

2. باربىت بېلىقى

چوڭقۇر دېڭىز رايونى ئۈستىدە توختالغاندا، بىز ئۇ يەرگە يوشۇرۇنغان دەرىجىدىن تاشقىرى كەڭ ئېڭەكلىك غەلىتە مەخلۇقنى تىلغا ئالماي تۇرالمايمىز، ئۇ بولسىمۇ باربىت بېلىقى. بۇ نام ئۇنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى ئوۋ ئوۋلاش ماھارىتىدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ باش قىسمىدا بىر غەلىتە نۇر چىقىرىدىغان قوشۇمچە تەنچىسى بولۇپ، ئۇ قوشۇمچە تەنچىسىدىن پايدىلىنىپ ئولجىنى ئاغزىغا يېقىنلىشىشقا قىزىقتۇرىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇنىڭ يەنە بىر ئالاھىدە چېتىشىش جەريانى بار. ئەركەك باربىت بېلىقى بىر ئۆمۈر چىشى بېلىق قويۇپ بەرگەن فېرومونىننى ئىزدەيدۇ. بايقىغان ھامان ئۇ چىشىسىنى چىشلەپ ئۇنىڭ بىلەن قوشۇلۇپ كېتىدۇ. ئەركىكىنىڭ تەن شەكلى چىشىسىنىڭكىدىن خېلىلا كىچىك بولۇپ، ئۇلار پارازىت قۇرتقا ئوخشىشىپ قالىدۇ، ئۇلار چىشىسىنى چىڭ چىشلىۋىلىپ، بىر جان بىر تەن بولۇپ كېتىدۇ ھەمدە چىشىسىدىن ياشاش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئوزۇقلۇققا ئېرىشىدۇ.

يەنە بىر خىل قورقۇنچلۇق بېلىق قارا يىلانبېلىق بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 60 سانتىمېتىر كېلىدۇ. ئۇ ماھىيەتتە قارىماققا تېخىمۇ ناتونۇش بولغان باربىت بېلىقى. ئۇنىڭ ھىڭگاڭ چىشلىق ئاستىنقى تاڭلىيى 90 گىرادۇسقا يېقىن كېرىلىدىكەن، ئۇنىڭ ئوخشاش سەپلىمىلىك بىئولوگىيەلىك نۇر چىقىرىدىغان ئەزاسى ئولجىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدىكەن.

3. ساقىيقۇش كامبالا بېلىقى

چوڭقۇر دېڭىز جانلىقلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ مۇھىتتا يورۇقلۇقنىڭ مەۋجۇت بولۇش-بولماسلىقى ئەڭ چوڭ مەسىلە ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئەڭ ئەنسىرەيدىغىنى چوڭقۇر دېڭىزدىكى ئادەتتىن تاشقىرى كۈچلۈك بېسىم كۈچىدۇر. ئەمما، بۇلارنىڭ ھەممىسى ساقىيقۇش كامبالا بېلىقىغا نىسبەتەن ھېچقانچە ئىش ئەمەس، چۈنكى ئۇلارنىڭ تېنى ياپىلاق ھەم چاققان. نۆۋەتتە ئالىملارنىڭ ئۇلارغا بولغان چۈشەنچىسى ئانچە چوڭقۇر ئەمەس.

ساقىيقۇش كامبالا بېلىقى بىر خىل ئىنتايىن سىرلىق جانلىق بولۇپ، كىچىك ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ بەدىنى ئىنتايىن سۈزۈك بولىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ كۈشەندىلىرىدىن ساقلىنىشىغا پايدىلىق. ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا، ئۇلارنىڭ تېرىسى تەدرىجىي قېنىقلىشىپ ھەمدە قوڭۇر رەڭگە ئۆزگىرىدۇ.

4. چوڭ ئاياغلىقلار ۋە ئۇچلۇق پۇتلۇقلار

ئەلۋەتتە، قەدىمكى تىرىلوبىتا قۇرتى ۋە ئات تۇيىقى قىسقۇچپاقىسى قارىماققا ناھايىتى ئوماق كۆرۈنىدۇ، لېكىن دېڭىز ئاستىنىڭ چوڭقۇر يېرىدە ئادەمنى شۈركەندۈرىدىغان بىر قىسىم يەر بېغىرلىغۇچى ھايۋانلار بار، ئۇلار سىزنى نەچچە مىليون يىل بۇرۇنقى غايەت زور ھاشارات دەۋرىگە قايتۇرۇپ كېلىدۇ.

بۇ پادىشاھ پۇتلۇق قۇرت دەپ ئاتىلىدىغان چوڭ پۇتلۇق ھايۋانلارغا تەپسىلىي قاراپ بېقىڭ. ئۇنىڭ تاشقى پىلانىت جانلىقىغا ئوخشايدىغان شەكلى ۋە چوڭ-كىچىكلىكى كىشىلەرنى ئۇنىڭ مەلۇم ئۆزگەرگەن تۈر ياكى ئەمەسلىكىدىن گۇمانلاندۇرىدۇ.

قارىماققا كىشىنى ۋەھىمىگە سالىدىغاندەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئۇلار باشقا جانلىقلارنى ئوۋلىمايدۇ بەلكى چوڭقۇر دېڭىزدىكى ئەسكى-تۈسكى تەرگۈچى ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار ئادەتتە تېخىمۇ سوغۇق، تېخىمۇ چوڭقۇر مۇھىتتا ياشايدۇ، مانا بۇ ئۇلارنىڭ دۇنيادىكى كۆپ ساندىكى مۆتىدىل بەلباغنىڭ چوڭقۇر جايلىرىدا مەۋجۇت بولماسلىقىنىڭ سەۋەبىدۇر.

5. ئۆمۈچۈك قىسقۇچپاقىسى

قاسراقلىق ھايۋانلار تىلغا ئېلىنسا، ئەگەر چوڭقۇر دېڭىزنىمۇ ئويلاشقاندا قىسقۇچپاقىمۇ غەلىتە ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرگەن. لېكىن، بۇ قېتىمقى ئۆزگىرىش ئۇلارنىڭ چوڭ ـ كىچىكلىكىلا بولماستىن بەلكى پۈتۈنلەي ئوخشاش بولمىغان غەلىتە ئۆلچەم ئىدى.

مەسىلەن، ياپونىيە ئۆمۈچۈكسىمان قىسقۇچپاقىسى دۇنيا بويىچە پۇتى ئەڭ ئۇزۇن قىسقۇچپاقا بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە دۇنيا بويىچە پۇتى ئەڭ ئۇزۇن بوغۇم پۇتلۇق ھايۋان، ئۇلارنىڭ پۇتى بەش مېتىر ئۇزۇنلۇقتا ئۆسەلەيدۇ. گەرچە ئۇلارنىڭ تېنى نىسبەتەن كىچىك بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى يەنىلا ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ بېشىدىن چوڭراق بولىدۇ.

چوڭقۇر دېڭىز دۇنياسىدا يەنە بىر قىسىم تېخىمۇ غەلىتە تىكەنلىك قىسقۇچپاقىلار بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بايقالغان ۋاقتى بىرقەدەر كېيىن بولغاچقا ئۇلار تېخى توغرا تۈرگە ئايرىلمىغان، ھەتتا پەرقلەندۈرۈلمىگەن. بىزگە شۇنىسى ئېنىقكى، ئۇلار تۇرۇۋاتقان چوڭقۇر دېڭىز مۇھىتى چوقۇم ئىنتايىن ناچار.

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى