ساغلاملىق

تېرەم قۇرغاقلىشىپ كەتتى دەپلا ھەرگىز قارىغۇلارچە سۇ تولۇقلىماڭ

تېرەم قۇرغاقلىشىپ كەتتى دەپلا ھەرگىز قارىغۇلارچە سۇ تولۇقلىماڭ، مەسىلەن «10مىنۇتتا تېرىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا سۇ تولۇقلاش يۈز چاپلىقى »، «يېنىدا ئېلىپ يۈرىدىغان سۇ پۈركۈش ئەسۋابى»، «تېرىنى سۇغا قاندۇرۇش» قاتارلىقلار.

راستىنى ئېيتقاندا، بازاردا تارقىلىپ يۈرگەن نۇرغۇن سۇ تولۇقلاش تەكلىپىنى تېرە كېسەللىكلىرى دوختۇرلىرى يالغانچىلىق دەپ قارايدۇ.

تېرەم قۇرغاقلىشىپ كەتتى دەپلا ھەرگىز قارىغۇلارچە سۇ تولۇقلىماڭ

1.تېرە قۇرغاقلىشىپ كەتسە، دەرھال سۇ تولۇقلاش كېرەكمۇ؟

قىش پەسلى كىرگەندىن كېيىن، تېرىدە دائىم تارتىشىش تۇيغۇسى پەيدا بولغاندەك ھېس قىلامسىز؟ نۇرغۇن كىشىلەر خاتا ھالدا بۇنى سۇ تولۇقلاش چاپلىقى چاپلىسام بولغۇدەك دەپ چۈشىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ ۋاقىتتا تېرە ئېھتىياجلىق بولغىنى بەلكىم سۇ تولۇقلاش بولماستىن، بەلكى سۇنى قۇلۇپلاش بولۇشى مۇمكىن.

بىز ھېس قىلغان تېرىنىڭ سۇ كەمچىل بولۇش ھالىتى تېرە تارتىشىش، كېپەكلىشىش، كۆيۈشۈش تۇيغۇسى، ھەتتا بەزى ئېغىر ياللۇغ خاراكتېرلىك رېئاكسىيەلەر تېرە توسۇقى ئىقتىدارىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن، بۇ تېرىدىكى سۇ تەركىبىنىڭ يوقىلىشىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ ھەم شۇنداقلا پەيدا بولغان بىر قاتار كىلىنىكىلىق ياكى ئىككىلەمچى كىلىنىكىلىق كېسەللىكنىڭ ئالامەتلىرى.

تېرە توسۇقى ئىقتىدارى نېمىشقا زىيانغا ئۇچرايدۇ؟

بۇنىڭدا ھەر خىل سىرتقى ئامىللارنى ئويلىشىش كېرەك، مەسىلەن، فىزىكىلىق ئامىل، خىمىيەلىك ئامىل، ئۇلترا بىنەپشە نۇر بىلەن يورۇتۇش ئامىلى، تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىش مۇۋاپىق بولماسلىق ئامىلى، ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش ئامىلى قاتارلىقلار.

ئەگەر تېرە توسۇقنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىغا توغرا تاقابىل تۇرمىغاندا، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى تېرىنىڭ قېرىشىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، بىزنىڭ قىلىدىغىنىمىز نوقۇل سۇ تولۇقلاش بولماستىن، بەلكى سۇنى قۇلۇپلاش، يەنى تېرىدىكى سۇنىڭ پارغا ئايلىنىپ كېتىشىنى ئازايتىش.

تېرەم قۇرغاقلىشىپ كەتتى دەپلا ھەرگىز قارىغۇلارچە سۇ تولۇقلىماڭ

2. ھەر ۋاقىت سۇ پۈركۈش ئارقىلىق سۇ تولۇقلىغىلى بولامدۇ؟

ئادەتتىكى ئەھۋالدا، تېرە سىرتقى مەنبەلىك سۇ تولۇقلاشقا ئېھتىياجلىق بولمايدۇ.

بىرىنچىدىن، مۇكەممەل تېرە پەقەت ناھايىتى ئاز مىقداردىكى سىرتقى سۇ تەركىبىنى سۈمۈرەلەيدۇ. تېرىمىزنىڭ مۈڭگۈز قەۋىتىنىڭ فىزىكىلىق خۇسۇسىيىتى خېلى مۇقىم بولۇپ، ئۇنىڭ سىرتقى مۇھىتتىكى ماددىلارنى سۈمۈرۈش دەرىجىسى ئورۇن، تېرە قۇرۇلمىسى، تېرىنىڭ سۇ بىلەن بىرىكىش دەرىجىسى، ماددىلارنى كىرگۈزۈشنىڭ فىزىكىلىق ـ خىمىيەلىك خۇسۇسىيىتى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، شۇڭا ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا يۈزگە پۈركۈلگەن سۇ شۇ ھامان پارلىنىپ كېتىدۇ.

ئىككىنچىدىن، مۇكەممەل تېرە ئورگانىزمدىكى توقۇلمىلارنى سىرتقى مۇھىتنىڭ زىيىنىدىن ساقلاپلا قالماي، يەنە توقۇلمىدىكى ھەر خىل ئوزۇقلۇق ماددىلار، ئېلېكتىرولىت ۋە سۇ تەركىبىنىڭ يوقاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. شۇڭا بىزنىڭ تېرىگە سۇ يېتىشمەسلىكتىن زىيادە تەشۋىشلىنىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق.

ئەگەر تېرىگە بەك كۆپ سۇ پۈركۈۋەتسە ياكى تېرە راھەتلەندۈرۈش سۈيى، گىرىم سۈيى قاتارلىق تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى توغرا ئىشلەتمىسە، ئەكسىچە تېرىدىكى سۇ تەركىبىنىڭ پارغا ئايلىنىشىنى تېزلىتىپ، تېرىنى قۇرغاقلاشتۇرىۋېتىدۇ. قىسقىسى، تېرىگە سۇ پۈركۈسە سۇ تولۇقلايدۇ، دېگەن قاراش ئىلمىي ئەمەس!

تېرەم قۇرغاقلىشىپ كەتتى دەپلا ھەرگىز قارىغۇلارچە سۇ تولۇقلىماڭ

3. نەملىك ساقلاش يۈز چاپلىقىنى كۈندە چاپلاش كېرەكمۇ؟

بازاردا سېتىلىۋاتقان يۈز چاپلىقى ھەرخىل، سۇ تولۇقلايدىغان، ئاقارتىدىغان، دانىخورەك يوقىتىدىغان، قورۇققا قارشى تۇرىدىغان دېگەندەك …… مەيلى قانداق ئۈنۈمدىكى يۈز چاپلىقى بولسۇن، تەركىبىدىكى مىقدارى ئەڭ كۆپ بولغىنى سۇ. ئەگەر ھەر كۈنى يۈز چاپلىقى چاپلاپ، كۆپ مىقداردا سۇ تولۇقلاشنى داۋاملاشتۇرغاندا، مۈڭگۈز ماددا ھۈجەيرىسى ئىزچىل تۈردە كۆپۈپ، ئىششىش ھالىتىدە تۇرىدۇ، يەنى زىيادە كۆپۈپ كېتىش ھالىتىدە تۇرىدۇ. كۆپكەن مۈڭگۈز ماددا ھۈجەيرىسى توسۇق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرالمايدۇ ياكى بىر قاتار تېرە مەسىلىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، مەسىلەن دانىخورەك، تېرە توسۇقى ئىقتىدارى تۆۋەنلەش قاتارلىقلار.

بۇنىڭغا بېرىلىدىغان تەكلىپ:

1 .بىر ھەپتىدە يۈز چاپلىقىنى ئىككى قېتىمدىن ئارتۇق چاپلىماسلىق، ئالاھىدە ئېھتىياج بولمىسىلا، بەك كۆپ چاپلىماسلىق كېرەك؛

2. چاپلاش ۋاقتى ئەڭ ياخشىسى 10 ـ 20 مىنۇت ئەتراپىدا بولۇشى، ئەھۋالغا قاراپ بېكىتىلىشى كېرەك؛

3. يۈز چاپلىقىنى ئىشلەتكەندىن كېيىن، سۈزۈك سۇ بىلەن ئارتۇق جەۋھەر سۇيۇقلۇقىنى يۇيۇۋېتىپ، ئاندىن يۈز مېيى ياكى يۈز مەلھىمى ئىشلەتسەك تېرىنىڭ سۇ تەركىبىنى قۇلۇپلاشقا ياردەم بېرىدۇ. قىسقىسى، يۈز چاپلاقنىڭ رولى ۋاقىتلىق بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈنۈمى ئادەتتىكى تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىدىن پەرقلەنمەيدۇ.

تېرەم قۇرغاقلىشىپ كەتتى دەپلا ھەرگىز قارىغۇلارچە سۇ تولۇقلىماڭ

4. قانداق قىلغاندا تېرىنى تېخىمۇ نەم، سۇلۇق قىلغىلى بولىدۇ؟

1. يۈز تازىلاش مەھسۇلاتلىرىنى ھەر كۈنى 1 ـ 2 قېتىم ئىشلەتسىلا بولىدۇ مەيلى سىزنىڭ ئىشلەتكىنىڭىز قايسى خىلدىكى يۈز تازىلاش مەھسۇلاتى بولسۇن، مەسىلەن، يۈز يۇيۇش سۇيۇقلۇقى، يۈز يۇيۇش ماغزىپى، يۈز تازىلاش پاراشوكى بولسۇن، مەيلى خۇسۇسىيىتى قانچىلىك مۆتىدىل بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇ باشتىن ـ ئاخىر بىر خىل يۈز تازىلاش مەھسۇلاتى ،شۇڭا ئېھتىياجغا قاراپ ھەر كۈنى بىر ـ ئىككى قېتىم ئىشلەتسىڭىزلا بولىدۇ.

يۈز تازىلاش مەھسۇلاتلىرىنى زىيادە ئىشلەتكەندە يۈزدىكى تېرە ياغ پەردىسى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ، تېرە تېرە ياغ پەردىسىنىڭ قوغدىشىدىن ئايرىلىپ قالغاندا، سىرتقى قەۋەتتىكى تېرىنىڭ سۇ قۇلۇپلاش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ، سۇ تەركىبى تېخىمۇ ئاسان پارغا ئايلىنىپ كېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن تېرە ئاسانلا قۇرغاقلىشىپ كېتىدۇ، ھەتتا سەزگۈرلىشىدۇ ۋە قىچىشىدۇ.

2. مۈڭگۈز ماددىسىنى چىقىرىۋېتىشتە ئېھتىياتچان بولۇش كېرەك

كۆپ قىسىم مايلىق تېرىلىق كىشىلەر مۈڭگۈز ماددىسىنى يوقىتىدىغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلىتىشكە ئادەتلەنگەن. ئەمما مۈڭگۈز ماددىسىنى زىيادە ئېلىۋەتكەندە، ئەكسىچە تېرىنىڭ سىرتقى قەۋىتى بارغانسېرى ئاجىزلاپ كېتىدۇ، ھەتتا تېرە توسۇقىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى تۈپەيلىدىن، تېخىمۇ كۆپ ماي ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ. بىز ھەر قېتىم مۈڭگۈز ماددىسىنى تازىلىغاندا ھېس قىلغان سالقىنلىق تېرىنىڭ ئېھتىياجى بولۇشى ناتايىن.

تېرەم قۇرغاقلىشىپ كەتتى دەپلا ھەرگىز قارىغۇلارچە سۇ تولۇقلىماڭ

3. يۈز يۇيغان سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى ℃25- 30 بولۇشى كېرەك.

يۈزىمىزنى يۇيغاندا يەنە بىر نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك، يەنى يۈز يۇيىدىغان سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتمەسلىكى، يۇيۇش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

يۈز يۇيىدىغان سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى ℃25-30 سېلسىيە گىرادۇس بولۇشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ، بۇنداق سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى بەك سوغۇقمۇ ئەمەس، بەك ئىسسىقمۇ ئەمەس، تېرىگە بولغان تەسىرى كىچىكرەك بولىدۇ.

4. نەملىك ساقلاش مەھسۇلاتلىرىنى توغرا تاللاش كېرەك

ئادەتتە ياخشى بولغان نەملىك ساقلاش بۇيۇملىرىنىڭ ھەممىسى بىرىكمە تىپلىق بولۇپ، يېپىق ھالەتتە بولۇپلا قالماي، يەنە تېرىنىڭ سۇ سۈمۈرۈشىگە ياردەملىشىپ، توسۇقنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. ئوخشاش بولمىغان پەسىلدە ئىشلىتىدىغان تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىمۇ ئوخشىمايدۇ .

ياز پەسلىدە ئارىلاش مايلىق تېرە بىلەن مايلىق تېرىگە نەملىك ساقلاش يۈز مېيى ئىشلەتسەك تېرىنىڭ راھەتلىك تۇيغۇسى تېخىمۇ ئاشىدۇ.

قىش پەسلىدە ئارىلاش قۇرغاق ۋە قۇرغاق تېرىگە نىسبەتەن، نەملىك سېزىمى تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان نەملىك ساقلاش مەلھىمىنى تاللىساق بولىدۇ.

مەيلى يۈز مېيى بولسۇن ياكى يۈز مېيى بولسۇن، ھەممىسى تېرىنى راھەتلەندۈرىدۇ.

تېرەم قۇرغاقلىشىپ كەتتى دەپلا ھەرگىز قارىغۇلارچە سۇ تولۇقلىماڭ

5. داۋالاش ۋە گۈزەللەشتۈرۈش تۈرىنى سىناپ بېقىشقا بولىدۇ.

ئەگەر كۈندىلىك تېرە ئاسراشتا يەنىلا تېرە قۇرغاقلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولمىسا، سۇلۇق فاكتورنى ئىشلىتىپ كۆرسەك بولىدۇ، ئۇنىڭ تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىغا ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، بۇ بىر خىل ھەقىقىي تېرىگە ئېلېكتىرونلۇق ئوكۇل سېلىش تېخنىكىسى بولۇپ، مەنپىي بېسىملىق كاۋاك مىكرو يىڭنە ئارقىلىق تېرىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلار ياكى دورىلارنى بەلگىلەنگەن نۇقتىدا، بەلگىلەنگەن مىقداردا تېرىنىڭ ھەقىقىي تېرە قەۋىتىگە كىرگۈزگىلى بولىدۇ.

تېرىگە ئوزۇقلۇق ماددىلارنى تېز تولۇقلاش ئېھتىياجىنى قاندۇرغاندىن كېيىن، يەنە كوللاگېن ئاقسىلىنىڭ ھاسىل بولۇشىنى غىدىقلاپ، تېرىنى سىلىق، پارقىراق قىلىدۇ. ئۇنىڭغا خاس بولغان مىكرو كونتاكىتلىق گىئالۇرونىك كىسلاتا يېلىمى تەركىبىنىڭ رولى ھەقىقىي تېرە قەۋىتىگە بىۋاسىتە يېتىپ بېرىپ، ھەقىقىي تېرە قۇرۇلمىسىنى قايتا بەرپا قىلىپ، ھەقىقىي تېرىنىڭ تىرەكلىك رولىنى ئاشۇرىدۇ ھەمدە ھەقىقىي تېرىدىن تالا ھاسىل قىلىدىغان ھۈجەيرىلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى ئاشۇرىدۇ، بۇ ئارقىلىق ھەقىقىي تېرە قەۋىتىنى غىدىقلاپ تېخىمۇ كۆپ كوللاگېن ئاقسىلى ھاسىل قىلىدۇ، ئۇزۇن مۇددەت تېرىنىڭ نەملېكىنى ساقلاپ، تېرىنىڭ ئېلاستىكلىقى، سۇ مىقدارى، پارقىراقلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى