تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنىڭ ئىچىدىكى «جەۋھەر»نىڭ قانداق رولى بار؟
تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنىڭ ئىچىدىكى «جەۋھەر»نىڭ قانداق رولى بار؟
جاۋاب: ئاۋۋال «جەۋھەر»نىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك، بىز بەلكىم كۆپ ئاڭلىغان بولۇشىمىز مۇمكىن، مەسىلەن ئۆسۈملۈكلەرنىڭ جەۋھىرى ، دېڭىز – ئوكيان جەۋھىرى ، ئاقارتىش جەۋھىرى ، چىڭىتىش جەۋھىرى….«جەۋھەر»نىڭ ئۆزى بىر ياخشى سۆز، بۇ سۆزنى ئاڭلىغان ۋاقىتتا كاللىمىزدا بۇنى ناھايىتى ياخشى نەرسە دەپ ئويلايمىز، چۈنكى نېمىلا دېگەن بىلەن «جەۋھەر» ئەمەسمۇ. لېكىن دۇنيادا «جەۋھەر» دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ماددا مەۋجۇت ئەمەس، بىر خىل نەرسە مەيلى «جەۋھەر» دەپ ئاتالسۇن ياكى «شاكىلىنى چىقىرىپ تاشلاش» دېيىلسۇن ئۇنىڭ ئەسلى كونكرېت تەركىبىگە قاراش كېرەك.
ئېنىقلىما تەركىبى مۇئەييەنلەشتۈرۈلمىگەن ئۇقۇم بىلەن پاكىتنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىش ھادىسىسى ئەمەلىيەتتە كۆپ ئۇچرايدۇ، ئەگەر پىكىر كەمچىل بولسا ھەتتا بەزى كىشىلەر گاڭگىراپ قېلىپ، ئاددىي ھەم ئاساسلىق پاكىتلارنى ئۇنتۇپ قېلىشى مۇمكىن، شۇڭلاشقا تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى سېتىۋالغاندا ئىسىمىگە ئەمەس تەركىبىگە قاراپ سېتىۋېلىشنى ئۇنۇتماڭ.