ساغلاملىق

ھامىلىدارلار زۇكام بولۇپ قالغاندا دورا يېسە بولامدۇ؟

ھامىلىدار ئانا ھامىلىدار بولغاندىن تارتىپ يەڭگىگىچە ئون ئاي ۋاقىت كېتىدۇ، بۇ ئون ئايدا پەسىل ئالماشقاندا، زۇكام بولۇپ قالىدىغان ئەھۋال دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ. ئادەتتە ھامىلىدار ئاياللار دورا ئىستېمال قىلسا ھامىلىنىڭ غەيرى بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ، زۇكام بولۇپ قالسا دورا يېيىش كېرەكمۇ-يوق دېگەن مەسىلە ناھايىتى باش قاتۇرىدۇ. ئۇنداقتا، ھامىلىدار ئانا زۇكام بولۇپ قالسا دورا ئىچسە بولامدۇ؟ قانداق ئەھۋالدا دورا ئىچىش كېرەك؟ يېقىندا، بېيجىڭ سەھىيە ساغلاملىق كومىتېتى تور بېكىتى كەڭ ھامىلىدار ئانىلارغا چۈشەندۈرۈش بەردى. تۆۋەندە «ئىقتىساد گېزىتى» جۇڭگو ئىقتىساد تورى ساغلاملىق قانىلىنىڭ بەرگەن چۈشەنچىسىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى.

ھامىلىدارلار زۇكام بولۇپ قالغاندا دورا يېسە بولامدۇ؟

كېسەللىك ئالامىتى يېنىك بولسا قىزىتما قايتۇرۇش دورىسى يېمىسىمۇ بولىدۇ.

ئادەتتىكى زۇكام ئۆزىنى چەكلەش خاراكتېرلىك كېسەللىك بولۇپ، ئەگەر كېسەللىك ئالامىتى يېنىكرەك بولسا ياكى بۇرۇنى پۈتۈش، يۆتىلىش، بەلغەم تۈكۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلسە، ھامىلىگە ناچار تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، دورا يېمىسىمۇ بولىدۇ، زۇكام ئۆزلۈكىدىن ساقىيىپ كېتىدۇ. يېنىك دەرىجىدىكى زۇكام مەزگىلىدە، ھامىلىدار ئاياللار كۆپرەك ئارام ئېلىشى، كۆپرەك سۇ ئىچىشى، يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە مايسىز تاماق يېيىشى كېرەك، ئادەتتىكى ئەھۋالدا بەشتىن يەتتە كۈنگىچە ئۆزلۈكىدىن ساقىيىپ كېتىدۇ.

ئادەتتىكى ئەھۋالدا، بەدەن تېمپېراتۇرىسى ℃38.5 دىن تۆۋەن بولسا، قىزىتما قايتۇرۇش دورىسى ئىشلىتىش ھاجەتسىز، پۇت-قولنى شامالدىتىش، ئىلمان سۇدا يۇيۇنۇش، سوغۇق لۆڭگىنى ھۆل قىلىپ سۈرتۈش قاتارلىق فىزىكىلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلەتسە بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كۆپ مىقداردا ئىلمان قايناق سۇ ئىچسە، مېتابولىزمنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئاستا-ئاستا تۆۋەنلىشىگە ياردەم بېرىدۇ.

بەدەن تېمپېراتۇرىسى ℃38.5 دىن ئېشىپ كەتسە دورا ئىچىش كېرەك.

ھامىلىدار ئانىنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى ℃38.5 دىن ئېشىپ كەتسە، فىزىكىلىق تېمپېراتۇرا تۆۋەنلىتىش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولمىسا ياكى قىزىشتىن كۆرۈنەرلىك بىئارام بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلسە، قىزىتما قايتۇرۇش دورىسىنى تاللاپ ئىشلەتسە بولىدۇ. ئەمما، ھامىلىدار ئانا ئالاھىدە بىر توپ بولۇپ، ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئۆزى دورا ئىشلەتمەسلىكى، چوقۇم دوختۇرخانىغا بېرىپ دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك.

دورا ئىچىشتە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:

1.بىر كۈندە ئىچىدىغان دورا تۆت قېتىمدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، ۋاقىت ئارىلىقى ئالتە سائەتتىن سەككىز سائەتكىچە بولۇشى، ئەڭ ئاز بولغاندا تۆت سائەتتىن كەم بولماسلىقى كېرەك.

2. ئەڭ ياخشىسى ئوخشاش بىر خىل تەسىر قىلىش تۈرىدىكى دورىلارنى ئىستېمال قىلىش كېرەك، پەقەت داۋاملىق يۇقىرى قىزىتما يانماسلىق، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلگەندە، ئاندىن تۆتتىن-ئالتە سائەت ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، يەنە بىر خىل تۈردىكى قىزىتما ياندۇرۇش دورىسىنى ئىستېمال قىلىش كېرەك.

3. قىزىتما ياندۇرۇش دورىسىنى ئۈچ كۈندىن ئاشۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ. ھامىلىدار ئانىنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى ℃39-℃39.5 تىن ئېشىپ كەتكەندە، ھامىلىدە ئوخشاشلا غەيرىيلىك پەيدا قىلىش خەتىرى بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ، پايدا-زىياننى دەڭسەپ كۆرگەندىن كېيىن داۋالاش كېرەك. يۇقىرى قىزىتما ئۇدا ئۈچ كۈندىن ئارتۇق داۋاملاشقان ھامىلىدار ئاياللار، كېسىلى ساقايغاندىن كېيىن B تىپلىق ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ئاپپاراتىدا تەكشۈرتۈپ، يۇقىرى قىزىتمىنىڭ ھامىلىگە تەسىرى بار-يوقلۇقىغا قاراش كېرەك.

ھامىلىدارلار زۇكام بولۇپ قالغاندا دورا يېسە بولامدۇ؟

 

نۇر تورىدىن ئېلىندى!

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . مەن ، ئاددىيلىقنى ياقتۇرىمەن ! شۇڭىلاشقا بۇ بىلوگنىمۇ ئاددىيلا بېزىدىم ، بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

2 باھا

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۈنۇپكىسى