ساغلاملىق

بالا ئۇخلاپ قالغاندىن كېيىن تۇيۇقسىز قاتتىق يىغلىشىنىڭ سەۋەبى نېمە؟

بالا باققاندا دائىم بەزى قىيىن مەسىلىلەرگە يولۇقىمىز. بولۇپمۇ بالا ئەمدىلا ئېمىپ بولغاندىن كېيىن ئۇخلاپ قېلىپ، يەنە بەزىدە تۇيۇقسىز يىغلاپ كەتكەندە، نېمە سەۋەبتىن ئىكەنلىكىنى بىلەلمەي پايپىتەك بولۇپ كېتىمىز. ئۇنداقتا بۇ زادى قانداق ئىش؟ ئەمەلىيەتتە بالىلارنىڭ ھەممىسىدە بۇ خىل ئەھۋال مەۋجۇت، ئاتا-ئانىلار بۇنىڭ سەۋەبىنى چوقۇم ئېنىق چۈشىنىشى كېرەك.

بالا ئۇخلاپ قالغاندىن كېيىن تۇيۇقسىز قاتتىق يىغلىشى بەلكىم تۆۋەندىكى بەش سەۋەبتىن بولۇشى مۇمكىن.

بالا ئۇخلاپ قالغاندىن كېيىن تۇيۇقسىز قاتتىق يىغلىشىنىڭ سەۋەبى نېمە؟

بىرىنچى سەۋەب: ئۇخلاشتىن بۇرۇن بەك ھاياجانلىنىش

بالىلارنىڭ ھەممىسى بىر قەدەر كەپسىز، كارىۋاتقا چىققاندىن كېيىن يەنە بىردەم ئوينىغۇسى كېلىدۇ، بەزى ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا ھەمراھ بولۇپ ئوينايدۇ، بەزىدە ئويناپ بولغاندىن كېيىن بالىلارنى كۈلدۈرۈپ توختىتالماي قالىدۇ. يەنە بەزىدە بالىلار تۇيۇقسىز خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويىدۇ، ئاتا-ئانىلار بالىلارنى ئۇرۇپ-تىللايدۇ. بۇ ئەھۋاللار بالىلارنى بەك ھاياجانلاندۇرىدۇ، بالىلار بۇ خىل ھالەتتە ئۇخلىسا، ناھايىتى تەستە ئۇخلايدۇ، ئۇخلىغاندىن كېيىن تۇيۇقسىز ئويغىنىپ يىغلايدۇ. شۇڭا بالىلارنىڭ ياخشى ئۇخلىتىش ئۈچۈن ئۇخلاشتىن بۇرۇن چوقۇم ئەركىن-ئازادە ھالەتكە كەلتۈرۈپ، تىنچ ئۇخلىتىش كېرەك.

بالا ئۇخلاپ قالغاندىن كېيىن تۇيۇقسىز قاتتىق يىغلىشىنىڭ سەۋەبى نېمە؟

ئىككىنچى سەۋەب: كالتسىي كەملىك

ئەگەر بالىلاردا كالتسىي كەمچىل بولۇش ئەھۋالى ئېغىر بولسا، ئۇخلىغاندا ئازراق شەپە چىقسىلا ئويغىنىپ كېتىدۇ. چۈنكى، كالتسىي كەمچىل بولغاندىن كېيىن، بەدەندىكى ۋېگېتاتىۋ نېرۋىلار روھلىنىپ، سەزگۈرلىشىپ كېتىدۇ. يەنە كالتسىي كەمچىل بالىلاردا ئاسانلا پەي تارتىشىش، تەرلەش، بىئارام بولۇش، كېچىدە يىغلاش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ، ئاتا-ئانىلار بۇنىڭغا دىققەت قىلىشى كېرەك. ئەگەر بالىدا كالتسىي كەمچىل بولسا، بالىنى دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈش كېرەك.

بالا ئۇخلاپ قالغاندىن كېيىن تۇيۇقسىز قاتتىق يىغلىشىنىڭ سەۋەبى نېمە؟

ئۈچىنچى سەۋەب: بەك ناچار مۇھىت

بالا ئۇخلىغاندىن كېيىن، ئۆيدە توختىماي ۋاراڭ-چۇرۇڭ ئاۋاز چىقسا ياكى سىرتتا توختىماي غەلىتە ئاۋاز چىقسا، بالا ياخشى ئۇخلىيالمايدۇ. بەلكىم بەك قېلىن كېيىنىپ ياكى بەك قېلىن يوتقان يېپىنىۋالغانلىقتىن، بالا ئىسسىپ بىئارام بولۇپ، ئۇيقۇغا تەسىر يەتكۈزۈپ، ئۇخلىغاندىن كېيىن تۇيۇقسىز يىغلاپ كېتىشى مۇمكىن.

بالا ئۇخلاپ قالغاندىن كېيىن تۇيۇقسىز قاتتىق يىغلىشىنىڭ سەۋەبى نېمە؟

تۆتىنچى سەۋەب: ئىسسىقى ئېشىپ كېتىش

بالىنىڭ ئاشقازان-ئۈچىيى ناھايىتى ئاجىز بولۇپ، ئەگەر كۈندۈزى توغرا ئۇسۇلدا باقمىسا، ئۇنداقتا بالىدا ئىشتىھا تۇتۇلۇش، ئىسسىقى ئېشىپ كېتىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. بۇنداق بولغاندا بالا ئۇخلاپ قالغاندىن كېيىن ناھايىتى بىئارام بولۇپ يىغلايدۇ، بۇ ۋاقىتتا بالىنى ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ تەكشۈرتسەك ياخشى بولىدۇ.

بۇ سەۋەبلەرنى بىلگەندىن كېيىن، ئاتا-ئانىلار تۆۋەندىكېلەرنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك:

بالىلارغا قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى بەرگەندە، تەركىبىدە كالتسىي مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك بېرىش كېرەك. مەسىلەن، پۇرچاق ياسالمىلىرى، تۇخۇم، بېلىق قاتارلىقلار؛

ھەر كۈنى بالىنىڭ ئۇخلاش ۋاقتىنى بەلگىلەپ، بالدۇر ئۇخلاش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، ئەڭ ياخشىسى بىر سائەت بۇرۇن كارىۋىتىغا چىقىرىپ، بالىغا ياخشى ئۇيقۇ مۇھىتى ۋە كەيپىيات يارىتىپ بېرىش كېرەك.

بالا ياتقان كارىۋاتنىڭ راھەت ياكى ئەمەسلىكىنى، يوتقاننىڭ نېپىز، يۇمشاق ياكى ئەمەسلىكىنى تەكشۈرۈپ بېقىڭ؛

بالا ئۇخلاپ قالغاندىن كېيىن تۇيۇقسىز قاتتىق يىغلىشىنىڭ سەۋەبى نېمە؟

ئۇخلاشتىن بۇرۇن بالىنى كىچىك تەرەت قىلىدۇرۇپ ئاندىن ئۇخلىتىڭ. بۇنداق بولغاندا كىچىك تەرەت قىلىپ چۆچۈپ ئويغىنىپ كېتىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ؛

بالا چۆچۈپ ئويغانغاندىن كېيىن، ئائىلە باشلىقلىرى تاقەتسىزلەنمەسلىكى، بالىنى ئەيىبلىمەسلىكى، گەپ-سۆزدە سىلىق بولۇشى، يەنە بالىنىڭ قورساق قىسمىنى ئۇۋۇلاپ بېرىشى كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى!

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۈنۇپكىسى