ساغلاملىق

چىش چىقىۋاتقان بوۋاقلاردا كۆرۈلىدىغان بىئاراملىقنى قانداق پەسەيتىش كېرەك؟

چىش چىقىۋاتقان بوۋاقلاردا كۆرۈلىدىغان بىئاراملىقنى قانداق پەسەيتىش كېرەك؟

بوۋاقلارنىڭ چىشى چىقىۋاتقان مەزگىلدە ناھايىتى بىئارام بولىدۇ، ئاتا-ئانىلار بوۋاقنىڭ يېنىدىن ئايرىلماي، سەۋرچانلىق بىلەن بوۋاقلارنىڭ كەيپىياتىنى تەڭشەپ تۇرۇشى كېرەك، بوۋاقتىكى بىئاراملىقنى تۆۋەندىكى ئۇسۇلدا پەسەيتىشكە بولىدۇ:

1) بالىغا چىشلەپ ئوينايدىغان (سىلىتسىي يېلىمىدا ئىشلەنگەن) ئويۇنچۇق ئوينىتىش. ئويۇنچۇقنى 30-15 مىنۇت توڭلىتىۋەتسە ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. بالىغا بېرىشتىن بۇرۇن يەنە دېزىنفېكسىيە قىلىۋېتىش كېرەك.

2) بارماق بىلەن بوۋاقنىڭ چىش مىلېكىنى ئۇۋۇلاپ بېرىش. ئاتا-ئانىلار قولىنى پاكىز يۇيۇپ، سوغۇق سۇغا چىلىۋېتىپ، بوۋاقنىڭ چىش مىلېكىنى ئاستا ئۇۋۇلاپ بەرسىمۇ بولىدۇ.

3) دورا ئارقىلىق پەسەيتىش. بوۋاق ئاغرىق پەسەيمەي يىغلىسا، بالىغا كاۋچۇك ئويۇنچۇقنىڭ ئورنىغا چىشقا سۈركەيدىغان قاتتىقراق ئويۇنچۇقنى ياكى چىشى چىقىۋاتقان بوۋاقلارغا بېرىدىغان قەنتسىز پىچىنە بېرىش كېرەك. بۇ ئامالمۇ كار قىلمىسا، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئاتسېتوفېنول (乙酰氨基酚) ياكى بلوفېن (布洛芬) قاتارلىق دورىلار بىلەن ئاغرىقىنى پەسەيتسە بولىدۇ.

4) بالىلارنىڭ ئۇخلاش ۋاقتىنى ياخشى تەڭشەش. چىش چىقىۋاتقاندا بوۋاقلار بىئارام بولۇپ، ئىشتىھاسى ۋە ئۇيقۇسىغا تەسىر يېتىدۇ، ئاتا-ئانىلار بوۋاقنىڭ ئۇخلاش ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلىپ، باشقا بىئاراملىق كۆرۈلۈشىدىن ساقلىنىشى كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى