ساغلاملىق

بوۋاقنىڭ كۆپ سۇ ئىچىشى توغرىمۇ؟

يېرىم ياشلىق بوۋاققا سۇ بېرىش-بەرمەسلىك توغرىسىدىكى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ماقالىلىرى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە، لېكىن جۇڭگو ئائىلىلىرىدىكى چوڭقۇر يىلتىز تارتقان جاھىل ئىدىيەنى ئۆزگەرتىش يەنىلا ناھايىتى قىيىن، يۇقىرىدىن بوۋا مومىسىدىن باشلاپ، تۆۋەندە يېڭى ئاتا-ئانىلارغىچە: «بوۋاق سۇ ئىچمىسە قانداق چىدايدۇ، سۇ كەملەپ كەتسە بولمايدۇ»، «سۈت پاراشوكى ئىسسىق كېلىپ قالىدۇ، كۆپرەك سۇ قوشۇش كېرەك»، «بوۋاقتىن تەر چىقسا، سېرىق رەڭلىك سىيسە، تەرىتى قۇرۇق كەلسە كۆپ مىقداردا سۇ تولۇقلاش كېرەك»، «سۇ ئىچىش ھامان خاتا بولمايدۇ»، دەپ قارىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ كىشىلەر مېڭىسىگە ئورناپ كەتكەن بالا بېقىش تەجرىبىسى توغرا ئەمەس! ئۇنداقتا قانداق قىلىش كېرەك؟

ئانا سۈتى بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىنكى ئەڭ ياخشى يېمەكلىك بولۇپ، سۈت تەركىبىدە ئالتە ئايدىن تۆۋەن بوۋاققا ئېھتىياجلىق بولغان بارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار بولىدۇ، ئۇنىڭدا بوۋاققا كېرەكلىك ئاقسىل، ياغ، قەنت تۈرىدىكى ماددىلار بولۇپلا قالماستىن، يەنە يېتەرلىك مىقداردىكى مىكرو ئېلېمېنتلار، ۋىتامىن (ۋىتامىن D دىن باشقا) قاتارلىقلارمۇ بولىدۇ، سۈت تەركىبىنىڭ %80تىن كۆپرەكى سۇ بولىدۇ، ئەگەر بوۋاق سۇغا ئېھتىياجلىق دېيىلسە، سۈت بوۋاقنىڭ سۇيۇقلۇق ئېھتىياجىنى تامامەن قاندۇرالايدۇ.

ئامېرىكا بالىلار كېسەللىكلىرى ئىلمىي جەمئىيىتى «بالا بېقىش قامۇسى»، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، جۇڭگو ئوزۇقلۇق ئىلمىي جەمئىيىتى «بوۋاقلار قىبلىنامىسى» قاتارلىقلاردا بالىلارغا سۇ بېرىش مەسىلىسى تۆۋەندىكىچە خۇلاسىلەندى:

1. ئالتە ئاي ئىچىدە، مەيلى ئانا سۈتى، سۈت پاراشوكى، ئارىلاشما سۈت بولسۇن، بوۋاقلار ئېھتىياجلىق بولغان بارلىق ئوزۇقلۇق، جۈملىدىن سۇيۇقلۇق مىقدارى يېتەرلىك بولۇپ، سۇ ۋە مېۋە شەربىتى ئارقىلىق تولۇقلاش ھاجەتسىز؛

2. ئالتە ئايدىن بىر ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا ئاستا-ئاستا قوشۇمچە تامىقىغا يېمەكلىك قوشۇلغاندىن كېيىن مۇۋاپىق مىقداردا سۇ بېرىشكە بولىدۇ، بۇنىڭدىكى مەقسەت سۇنىڭ تەمى ۋە سۇ ئىچىشنى ئۆگىنىۋېلىش ھەمدە تاماقتىن كېيىن ئېغىز بوشلۇقىنى تازىلاش، سۇنى مەجبۇرىي ئىچكۈزمەسلىك، ھەر كۈنى 30-60 مىللىلىتىر ئەتراپىدا سۇ بېرىش؛

3. بىر ياشتىن كېيىن بالىنى كۆپرەك سۇ ئىچىشكە ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك.

بوۋاقنىڭ كۆپ سۇ ئىچىشى توغرىمۇ؟

تۆۋەندىكىسى ھەر كۈنى تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ياتىقىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا ۋە ھەر قايسى ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلەر مەسلىھەت بېرىش جەريانىدا يەكۈنلەنگەن بىر قانچە خاتا قاراش:

بىرىنچى خاتا قاراش: سۇنى كۆپ ئىچىشنىڭ زىيىنى يوق

كۆپ قىسىم ئاتا-ئانىلار «كۆپ سۇ ئىچسە ھامان خاتا بولمايدۇ» دېگەن پوزىتسىيەدە بولۇپ، بالىغا ئادەت خاراكتېرلىك سۇ بېرىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ خاتا قاراش، تۆۋەندىكى ئالتە ئايلىقتىن كىچىك بوۋاققا سۇ بېرىشنىڭ زىيانلىرى:

1. بوۋاقلارنىڭ ئاشقازان سىغىمى كىچىك بولۇپ، كۆپ سۇ بەرسە بەدەنگە سۈمۈرلىدىغان سۈت مىقدارى ئازىيىپ، بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىپ، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛

2. بوۋاقنىڭ سۈت ئېمىشى ئازلىسا، ئەمچەك ئىمىش قېتىم سانى ئازىيىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئانىنىڭ سۈتى ئازىيىدۇ؛

3. بوۋاقلارنىڭ بۆرىكى تولۇق يېتىلمىگەچكە، سۇ ۋە ئېلېكترولىتلارنى تەڭشەش ئىقتىدارى ئاجىز، قىسقا مۇددەت ئىچىدە كۆپ مىقداردا سۇ ئىچسە، بۆرەكنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ؛

4. تۆۋەن بېسىملىق سۇيۇقلۇق بەدەنگە كىرگەندىن كېيىن، «سۇدىن زەھەرلىنىش»، يەنى بوۋاقنىڭ قېنىدىكى ناترىي ئىيونى سۇيۇلدۇرۇلۇپ، تارتىشىپ قېلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشى مۇمكىن؛

2-خاتا قاراش: سۈت پاراشوكى ئىسسىق كېلىپ قالىدۇ، شۇڭا سۇيۇق تەڭشەش كېرەك

سۈت پاراشوكى ئىمكانقەدەر ئانا سۈتىگە تەقلىد قىلىنىدۇ، چۈشەندۈرۈلۈشى بويىچە دەملىگەندە، تەڭشەلگەن سۈتنىڭ سۇ مىقدارى، ئېلېكتىرولىت مىقدارى ۋە بېسىمىنىڭ ھەممىسى ئانا سۈتىگە يېقىنلىشىدۇ، تەڭشەلگەن سۈت ئىسسىق كېلىپ قالىدۇ دېگەن ئۇقۇم خاتا، بۇنىڭ ئىلمىي ئاساسى يوق، يېڭى ئاتا-ئانىلار سۇنى خالىغانچە كۆپەيتىپ، تەڭشەلگەن سۈتنىڭ سۇيۇق بولۇپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بىرىنچىدىن بوۋاققا كېلىدىغان ئوزۇقلۇق ئازىيىپ كېتىدۇ، ئىككىنچىدىن، بوۋاقلارنىڭ بۆرىكى ۋە ئۈچەي يوللىرىنىڭ بېسىمىنى ئاشۇرۇپ، ھەزىم قىلىش ناچارلىشىپ، ئېلېكترولىزلىنىش ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا چوقۇم چۈشەندۈرۈش قوللانمىسىدىكى نىسبەت بويىچە سۈت پاراشوكى دەملەش، بوۋاق ئالتە ئايلىق بولغىچە ئارتۇقچە سۇ تولۇقلىماسلىق كېرەك.

ئۈچىنچى خاتا قاراش: بوۋاقتىن تەر چىقىش، سۈيدۈك سېرىقلىشىش، قەۋزىيەت بولۇپ قېلىش سۇ كەملىكتىن بولغان

يازدا بوۋاقتىن تەر چىقسا، سۇ سەرپىياتى بىر قەدەر كۆپ بولىدۇ، بۇ خىل ئەھۋالدا ئانا سۈتى ياكى سۈت پاراشوكى ئارقىلىق سۇ تولۇقلاشقا بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىسسىقلىق تارقىتىش مەسىلىسىنى ئويلىشىشقا توغرا كېلىدۇ، مەسىلەن: ئازراق كېيىندۈرۈش، ئۆي ئىچى تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىقلار.

سۈيدۈكنىڭ رەڭگى سارغىيىپ كەتسە بوۋاقنىڭ بەدىنىدە مەسىلە بارلىقىنى ئىسپاتلىمايدۇ، سۈيدۈكنىڭ رەڭگى مۇھىم نوقتا ئەمەس، سۈيدۈك مىقدارى بوۋاقنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا ھۆكۈم قىلىدىغان تېببىي كۆرسەتكۈچ، ئەگەر بىرلا ۋاقىتتا سۈيدۈك مىقدارى ئازىيىپ ھەم سېرىق كەلسە، بوۋاقنىڭ بەدىنىدە سۇ تەركىبى ئازلاپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن، بۇ يەردىكى سۇ قايناقسۇ ئەمەس، بەلكى سۈت مىقدارىنى كۆرسىتىدۇ، سۈت ئېمىتسەكلا كۇپايە، شۇنىڭ بىلەن بوۋاقنىڭ بەدىنىدىكى سۇيۇقلۇق مىقدارىنىڭ تولۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

بوۋاقلاردىكى قەۋزىيەت چوڭلارنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ، بەلكىم قوبۇل قىلغان ئوزۇقلۇق مىقدارى يېتەرلىك بولماسلىقى مۇمكىن، بۇنداق بولغاندا بوۋاقلاردا يېتەرلىك يېمەكلىك يىغىندىسى ھاسىل بولماي چوڭ تەرەت پەيدا بولمايدۇ، بۇنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇلى ئوخشاشلا ئېمىتىش يەنىلا ئېمىتىش.

تۆتىنچى خاتا قاراش: قىزىپ قالغاندا، ئىچى سۈرۈپ قالسا كۆپ سۇ ئىچىش

قىزىش ھەقىقەتەن بالىنىڭ بەدىنىدىكى سۇ تەركىبىنى يوقىتىدۇ، ئېغىر بولغاندا سۇسىزلىنىش كېلىپ چىقىدۇ، بۇ خىل ئەھۋالدا دوختۇردىن مەسلىھەت سوراش كېرەك، ئەڭ ياخشىسى تۇز تولۇقلاش ئارقىلىق بەدەندىكى سۇ مىقدارىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، كۆپ سۇ ئىچسىلا مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ.

بەشىنچى خاتا قاراش: مېۋە شەربىتى، شېكەر سۈيى ئىچىش

بىر ياش ئىچىدە ئەڭ ياخشىسى مېۋە شەربىتى ئىچكۈزمەسلىك كېرەك، لېكىن ئالتە ئايلىق بولغاندىن كېيىن ئاستا-ئاستا مېۋە بوتقىسى بېرىشكە بولىدۇ، توققۇز ئايلىق بولغاندىن كېيىن مېۋە پارچىسى قوشۇشقا بولىدۇ، چۈنكى مېۋە شەربىتى تەركىبىدە قەنت مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى بولغاچقا، بالىنىڭ چىشىنى چىرىتىپ، سەمرىپ كېتىش، ئىچى سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، مېۋە شىرنىسىنى بالدۇر قوشسا، بوۋاقنىڭ تەم سەزگۈسىگە تەسىر يېتىپ، سۈتنى ياخشى ئەمگىلى ئۇنىمايدىغان، قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى يېگىلى ئۇنىمايدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ، بۇ بوۋاقنىڭ نورمال ئوزۇقلىنىشىغا پايدىسىز بولىدۇ.

 

نۇر تورىدىن ئېلىندى!

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۈنۇپكىسى