ساغلاملىق

بوۋاقلارنىڭ ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان بولمىغانلىقىغا قانداق ھۆكۈم قىلىمىز؟

نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار ئۆپكە ياللۇغىنى ناھايىتى ئېغىر كېسەللىك دەپ ئويلايدۇ، بالىلاردا يۆتىلىش ياكى گېلى پۈتۈپ قېلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە قورقىدۇ، تەشۋىشلىنىدۇ. ئۇنداقتا بالىلاردىكى ئۆپكە ياللۇغى قانداق پەرقلەندۈرۈلىدۇ؟ تۆۋەندە ئۈچ خىل ئۇسۇل تونۇشتۇرۇلىدۇ:

بىرىنچى، بوۋاقلار ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغاندىن كېيىن نەپەسلىنىشى تېزلىشىدۇ. ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان بولمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىشنىڭ ئەڭ ئاددىي ئۇسۇلى بوۋاقلارنىڭ نەپەسلىنىش قېتىم سانى ۋە ئۇسۇلىنى كۆزىتىش: بوۋاقلارنىڭ نورمال نەپەسلىنىش چاستوتىسى تەخمىنەن مىنۇتىغا 40 قېتىم، بوۋاقلارنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، نورمال نەپەسلىنىش چاستوتىسى تەخمىنەن مىنۇتىغا 30-35 قېتىم بولىدۇ. بىراق بالىلار ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغاندا نەپەسلىنىش قېتىم سانى كۆرۈنەرلىك كۆپىيىدۇ، ھەمدە سىجىل بولىدۇ.

ئىككىنچى، بوۋاقلارنىڭ نەپەسلىنىش ئۇسۇلىنى كۆزىتىش. ئەگەر بوۋاقلارنىڭ نەپەسلىنىشى راۋان بولماي، بۇرۇقتۇرما بولسا، بۇرۇن قانىتى پۇلاڭلىسا، نەپەسلەنگەندە بۇرۇن تۆشۈكى بىر ئېچىلىپ بىر يېپىلسا ياكى كالپۇكى كۆكىرىش بىلەن بىرگە زېرىكىش، روھىي ھالىتى ناچار بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، بالىدا ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى بولىدۇ.

ئۈچىنچى، يۇقىرىقى نەپەس يولىنىڭ يۇقۇملىنىشى ناھايىتى ئاسانلا ئۆپكە ياللۇغىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. ئەگەر بوۋاقلاردا يۇقىرىقى نەپەس يولى يۇقۇملىنىش كۆرۈلسە يەنە نەپەسلىنىش توسقۇنلۇققا ئۇچراش، نەپەسلىنىش جىددىيلىشىش، نەپەسلىنىش قىيىن بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، ئۆپكە ياللۇغىغا ئايلىنىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن.

دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان بوۋاقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ يۆتىلىشى ناتايىن، كۆپۈكچە چىقىرىشىمۇ ناتايىن، پات-پات سۈتتىن قېقىلىپ كېتىش تېخىمۇ بەكرەك ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلىقتىن دېرەك بېرىدۇ، شۇڭلاشقا ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ نەپەسلىنىش چاستوتىسىغا ۋە نەپەسلىنىش ھەرىكىتىنىڭ دائىرىسىگە دىققەت قىلىشى كېرەك. ئەگەر يۇقىرىقى ئالامەتلەر كۆرۈلسە ئاتا-ئانىلار كۆپرەك كۆزىتىشى ھەمدە ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرسىتىشى كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى