ساغلاملىق

بوۋاقلارنىڭ بۇ ئورۇنلىرىنى دائىم سىلاپ بەرسە بوۋاق ئەقىللىق چوڭ بولىدۇ

بوۋاقلارنىڭ بۇ ئورۇنلىرىنى دائىم سىلاپ بەرسە بوۋاق ئەقىللىق چوڭ بولىدۇ

بۇ دۇنيادا دۆت بالا يوق، پەقەت ھورۇن ئانا بار، بالىلارنىڭ ئەقىللىق ياكى ئەقىللىق ئەمەسلىكى ئانىلارنىڭ ئىشچان ياكى ئىشچان ئەمەسلىكىگە باغلىق بولىدۇ.

مەلۇم بىر بوۋاق ئەمدىلا تۆت ئايلىق بولغاندا تۇيۇقسىزلا «دادا» دەپ چاقىردى، يەنە كېلىپ ئۇنىڭ تەلەپپۇزى ناھايىتى ئېنىق ئىدى، بۇ ئىش بوۋاقنىڭ ئاتا-ئانىسىنى تولىمۇ خۇشال قىلدى. ئۇلارنىڭ بىر دوستى بۇ ئىشنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى، «سىزنىڭ بالىڭىز ئۈچ ئايلىق بولماستىنلا ئۆزى ئۆرۈلەلەيتتى، مانا ئەمدى تۆت ئايلىق بولۇپلا دادا دېيەلىدى. مېنىڭ بالام تۆت ئايلىق بولغاندىمۇ ئۆزى ئۆرۈلەلمەيتتى، ھازىر بىر ياشقا كىرەي دەپ قالغان بولسىمۇ ئاپام دەپ چاقىرالمايدۇ، بوۋاقلارنىڭ پەرقى نېمىشقا بۇنچە چوڭ بولىدۇ؟»

ئەمەلىيەتتە، بالىلارنىڭ ئەقىللىق ياكى ئەقىللىق ئەمەسلىكى ئاتا-ئانىلارغا باغلىق بولىدۇ. يۇقىرىقى بوۋاقنىڭ ئاتا-ئانىسى بوۋاقنى دائىم ئۇۋۇلاپ بەرگەن، ئەمما ئۇلارنىڭ دوستى بولسا ئۇنداق قىلمىغان، شۇنىڭ بىلەن ئاستا-ئاستا پەرق كېلىپ چىققان، ئانىلار بالىلارنىڭ بۇ ئورۇنلىرىنىڭ دائىم سىلاپ بەرگەندە ئۇلار شۇنچە ئەقىللىق چوڭ بولىدۇ.

بوۋاقلارنىڭ بۇ ئورۇنلىرىنى دائىم سىلاپ بەرسە بوۋاق ئەقىللىق چوڭ بولىدۇ

1. يۈز قىسىمى

بوۋاقنىڭ يۈز قىسىم ئىنتايىن نازۇك بولۇپ ئۇۋۇلىغاندا بەك كۈچەپ كەتمەسلىك كېرەك، يەنى نامسىز بارماقنىڭ بوغۇملىرى بىلەن ئۇۋۇلاشقا بولىدۇ، پېشانە قىسىمىدىن باشلاپ بۇرۇنىنىڭ ئۈستىدىن ئۆتكۈزۈپ ئاغزىنىڭ ئۈستۈنكى قىسىمىغىچە، كېيىن يەنە پېشانە قىسىمىغىچە ئاستا تەكرار سىلاپ بېرىش كېرەك. ئەگەر بوۋاق بىئارام بولسا توختىتىپ باشقا كۈنى قايتا سىناش كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندا بوۋاقنىڭ كۆرۈش سەزگۈسى سىستېمىسىنىڭ يېتىلىشى ۋە چوڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.

بوۋاقلارنىڭ بۇ ئورۇنلىرىنى دائىم سىلاپ بەرسە بوۋاق ئەقىللىق چوڭ بولىدۇ

2. بويۇن قىسىمى

بوۋاقنىڭ بويۇن قىسمىنى سىلىغاندا بوۋاقنى كارىۋاتتا دۈم ياتقۇزۇپ قويۇپ، ئىككى قول بىلەن بېشىدىن باشلاپ ئوشاگىرتقا قىسمىنى بويلاپ تۆۋەنگە قارىتىپ سىلاپ بېرىش كېرەك، بۇنداق قىلغاندا بوۋاقنىڭ دۈمبە مۇسكۇللىرىنى ياخشى ئارام ئالدۇرغىلى بولۇپلا قالماستىن يەنە بوۋاقنىڭ نېرۋا سىستېمىسىنىڭ يېتىلىشىگە تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بوۋاق تېخىمۇ ئەقىللىق چوڭ بولىدۇ.

بوۋاقلارنىڭ بۇ ئورۇنلىرىنى دائىم سىلاپ بەرسە بوۋاق ئەقىللىق چوڭ بولىدۇ

3. قول قىسىمى

قول بولسا مۇھىم سەزگۈ ئەزا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، قولنى كۆپ سىلاش بوۋاقنىڭ چوڭ مېڭىسىدىكى مەركىزىي نېرۋا قىسىملىرىنى غىدىقلاپ، بالىنىڭ مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ھەمدە مېڭىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ بوۋاقنى بارغانسېرى ئەقىللىق قىلىدۇ. بوۋاقلار بىلەن قول ئىشلىتىدىغان ئويۇنلارنى كۆپرەك ئويناپ بېرىش، بوۋاقلارنىڭ قولىنى دائىم سىلاپ بېرىش، بوۋاقلارنى نەرسە يىرتىپ ئويناشقا يېتەكلەش، كىتاب ۋاراقلىتىش، نەرسە كېرەكلەرنى تۇتقۇزۇش كېرەك.

بوۋاقلارنىڭ بۇ ئورۇنلىرىنى دائىم سىلاپ بەرسە بوۋاق ئەقىللىق چوڭ بولىدۇ

4. قورساق قىسىمى

بوۋاقلارنىڭ قورساق قىسىمىمۇ ئىنتايىن ھالقىلىق يېرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، دائىم سائەت ئىسترېلكىسىنىڭ يۆنىلىشى بويىچە سىلاپ بەرگەندە ھەزىم قىلىشقا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن يەنە چوڭ مېڭە نېرۋىلىرىنى غىدىقلاپ بوۋاقلارنى تېخىمۇ ئەقىللىق قىلغىلى بولىدۇ. بىراق سوغۇق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

بوۋاقلارنىڭ بۇ ئورۇنلىرىنى دائىم سىلاپ بەرسە بوۋاق ئەقىللىق چوڭ بولىدۇ

5. پۇت قىسىمى

بوۋاقلارنىڭ پۇت قىسىمىغا نۇرغۇن نېرۋىلارنىڭ ئاخىرقى ئۇچلىرى توپلانغان بولىدۇ، بوۋاقلارنىڭ پۇت قىسىمىنى دائىم سىلاپ، تۇتۇپ بەرگەندە، بوۋاقلارنىڭ سەزگۈ ئەزالىرىنىڭ يېتىلىشنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ، چوڭ مېڭە بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ تېخىمۇ ئەقىللىك قىلغىلى بولىدۇ.

بوۋىقىڭىزنىڭ تېخىمۇ ئەقىللىق ھەم زېرەك بولۇشىنى ئارزۇ قىلامسىز؟ ئۇنداقتا يانفونىڭىزنى قويۇپ بوۋاقنىڭ يۈز، بويۇن، قول، قورساق قىسىملىرىنى كۆپرەك ئۇۋۇلاپ بېرىڭ، بوۋىقىڭىز ئۈچۈن بۈگۈن بەش مىنۇت جاپا تارتسىڭىز ئۇنىڭغا ئۆمۈرلۈك بەخت ئاتا قىلالايسىز!

نۇر تورىدىن ئېلىندى!

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . مەن ، ئاددىيلىقنى ياقتۇرىمەن ! شۇڭىلاشقا بۇ بىلوگنىمۇ ئاددىيلا بېزىدىم ، بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۈنۇپكىسى