ساغلاملىق

بوۋاقلار ئايرىلالمايدىغان، ئەمما ئەڭ مەينەت 4 نەرسە

بوۋاقلار ئايرىلالمايدىغان، ئەمما ئەڭ مەينەت 4 نەرسە

يېقىندا، بىر چەتئەللىك ئانا تورغا يازما يوللاپ بوۋىقى ئىشلىتىۋاتقان چىش مەشىقلەندۈرگۈچنى يېرىپ قارىغاندا ئىچىنىڭ قاپقارا زەمبۇرۇغلار تولۇپ ئۆيىدىكى ئۈستەل سۈرتكۈچتىنمۇ مەينەت بولۇپ كەتكەنلېكىنى ئېيتتى.

بۇ يازمىنى كۆرگەن باشقا ئاتا-ئانىلارمۇ بوۋىقىنىڭ چىش مەشىقلەندۈرگۈچىسىنى يېرىپ كۆرۈپ ئوخشاش ئەھۋال يۈز بەرگەنلېكىنى بايقىدى، ئۇ نەرسىلەرنى بوۋىقى ھەر كۈنى چىشلەپ، چايناپ ئوينايدىغانلىقى ئېسىگە كېلىپ قاتتىق قورقۇپ كەتتى.

ئەمەلىيەتتە، بوۋاقلار ئىشلىتىدىغان باشقا نەرسىلەرمۇ ئاسانلا مەينەت بولۇپ كېتىدۇ.

بوۋاقلار ئايرىلالمايدىغان، ئەمما ئەڭ مەينەت 4 نەرسە

1. نەيچىسى بار چاي قۇتىسى، ئۆردەك تۇمشۇق چاي قۇتىسى.

ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ تولغاپ ئاچىدىغان چاي قۇتىلىرىنى يۇيغاندا ئېغىز ئەتراپىنى تازىلاشقا ئانچە ئېتىبار قىلىپ كەتمەيدۇ. 

بوۋاقلار ئايرىلالمايدىغان، ئەمما ئەڭ مەينەت 4 نەرسە

ناۋادا بوۋاقلار سۈت، مېۋە شەربىتى، ئۇماچ ئىچكەن نەيچىلەر ۋە چاي قۇتىلىرى ۋاقتىدا پاكىزە يۇيۇۋېتىلمىگەندە نەيچىنىڭ ئىچكى دىۋارىغا ۋە باشقا جايلىرىغا چاپلىشىۋالغان غەيرىي پۇراقلىق قالدۇقلارنى چىقىرىۋېتىش قىيىن بولىدۇ.

بوۋاقلار ئايرىلالمايدىغان، ئەمما ئەڭ مەينەت 4 نەرسە

2. چىش مەشىقلەندۈرگۈچ:

چىش مەشىقلەندۈرگۈچ بوۋاقلارغا چىش چىقىشقا باشلىغاندىكى ئاغرىق ۋە بىئاراملىقنى پەسەيتىدۇ. بىراق، بۇنىڭغا بوۋاقلارنىڭ ئاغزىدىكى سۈتنىڭ قالدۇقى، يېمەكلىك، شۆلگەي ھەمدە بوۋاقنىڭ ئەتراپىدىكى مەينەت نەرسىلەر يۇقۇپ قالسا ئاسانلا مىكروب پەيدا قىلىدۇ.

بوۋاقلار ئايرىلالمايدىغان، ئەمما ئەڭ مەينەت 4 نەرسە

3. مۇنچا ئويۇنچۇقلىرى:

بالىلارنى يۇيۇندۇرغاندا ئويۇنچۇق كەم بولسا بولمايدۇ. بىراق، بالىلارنى مۇنچىغا چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ۋاننىغا چىلاقلىق ئويۇنچۇقلارنى ۋاقتىدا تولۇق قۇرۇتۇۋەتمىگەندە ئاسانلا مىكروب ۋە كىرلەر يىغىلىپ قالىدۇ.

ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاتا-ئانىلار ئويۇنچۇقلارنى مۇنچىغا خالىغانچە تاشلاپ قويۇشنى ياخشى كۆرىدۇ. بىراق، مۇنچا نەم، ھاۋا ئۆتۈشمەيدىغان بولغاچقا ھەرقانچە پاكىزە يۇيۇلغان ئويۇنچۇقلارمۇ ئاسانلا كۆكىرىپ قالىدۇ.

بوۋاقلار ئايرىلالمايدىغان، ئەمما ئەڭ مەينەت 4 نەرسە

4. بوۋاقلارنى ئارام ئالدۇرغاندا ئىشلىتىلىدىغان بۇيۇملار:

مەسىلەن، لۆڭگە، ئىمزەك قاتارلىقلاردا ئاسانلا مىكروب ۋە چاڭ-توزان يىغىلىپ قالىدۇ.

ئەڭ مۇھىمى، بالىلار چىشلەپ، سىيلاپ ئويناشنى ياخشى كۆرىدىغان بۇيۇملارنىڭ تازىلىقىغا دىققەت قىلىش تېخىمۇ زۆرۈر.

مىكروبلاردىن قانداق ساقلىنىش كېرەك؟

پاكىزە يۇيۇش، تولۇق قۇرۇتۇش، قەرەللىك ئالماشتۇرۇش.

بوۋاقلار بۇيۇمىنى پاكىزە يۇيۇپ، دېزىنفېكسىيە قىلىش، قۇرۇتۇش، قاقلاشقا دىققەت قىلىش، پەقەت پاكىزلىغىلى بولمايدىغان نەرسىلەرنى يۇيۇش-تازىلاشقا ئاسان بۇيۇملارغا ئالماشتۇرۇۋېتىش كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى