ساغلاملىق

ئانىدا خامۇشلۇق ياكى تەشۋىشلىنىش كەيپىياتى كۆرۈلسە، بوۋاقنىڭ يۈرەك رىتىمى كۆرۈنەرلىك تېزلىشىپ كېتىدىكەن

ئانىدا خامۇشلۇق ياكى تەشۋىشلىنىش كەيپىياتى كۆرۈلسە، بوۋاقنىڭ يۈرەك رىتىمى كۆرۈنەرلىك تېزلىشىپ كېتىدىكەن

ياۋروپا تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە، ئەگەر ئانىدا خامۇشلۇق ياكى تەشۋىشلىنىشتەك نورمالسىز كەيپىيات كۆرۈلسە، كىچىك ئۈچ ئايلىق بوۋاقلارنىڭ يۈرەك رىتىمى باشقا ساغلام ئانىلارنىڭ بالىلىرىنىڭكىدىن كۆرۈنەرلىك تېز بولىدىكەن. تەتقىقاتچىلار بۇ نەتىجىنىڭ بالىلارنىڭ پىسخىكىلىق ساغلاملىقىغا ئۇزاققىچە تەسىر كۆرسىتىشىدىن ئەنسىرىگەن، شۇڭا ئاياللارنىڭ تۇغۇتتىن كېيىنكى پىسخىكىلىق ساغلاملىقىغا ئەھمىيەت بېرىشىنى مۇراجىئەت قىلغان.

گېرمانىيە ھېيدېلبېرگ ئۇنىۋېرسىتېتى، ميۇنخېن ئۇنىۋېرسىتېتى، ئورم ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ئاۋسترىيە ۋېينا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى ھەمكارلىشىپ، 50 نەپەر ئانا ۋە ئۇلارنىڭ بىر ياشقا توشمىغان بالىلىرىنى يىغىپ تەتقىقات ئوبېيكتى قىلغان. تەتقىقاتچىلار ھەر بىر ئانا-بالىنى «چىراي ئىپادىسى يوق سىناق»قا قاتناشتۇرغان، يەنى ئانا ئاۋۋال بالىسى بىلەن ئىككى مىنۇت ئوينايدۇ، ئاندىن بالا بىلەن بولغان بارلىق ئالاقىنى ئۈزىدۇ، چىرايىدا ھېچقانداق ئىپادە بولمىغان ھالدا بالىغا قارايدۇ. يەنە ئىككى مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن بالا بىلەن ئويناشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئانىسىنىڭ چىرايىدا ئىپادە بىلدۈرمەسلىك باسقۇچىدا بالىنىڭ پاسسىپ كەيپىياتى كۈچەيگەن، ئالاقىسى ئازايغان، ئۆزىنى قاچۇرۇش قىلمىشى كۆرۈلگەن، مەسىلەن: قورقۇش، قاتتىق يىغلاش قاتارلىقلار.

تەتقىقاتچىلار مۇنداق دېدى: ئاياللاردا ھامىلىدار بولۇشتىن ئىلگىرى ۋە تۇغۇتتىن كېيىن كەيپىياتىدا ئاسان ئاچچىقلىنىش، يېنىك دەرىجىدىكى خامۇشلۇق، كەيپىياتى تۇراقسىز بولۇشتەك بىنورماللىقلار كۆرۈلسە، بەلكىم بالىلاردا چوڭ بولغاندىن كېيىن بىخەتەرلىك تۇيغۇسى تۆۋەن بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. (خۇ جېن)

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى