ئاجايىباتلار

ناھايىتى غەلىتە لېكىن مائاشى يۇقىرى بەش كەسىپ

ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىڭىزدا، چوڭ بولغاندىن كېيىن نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقىڭىزنى ئويلاپ باققانمۇ؟ بەلكىم سىز بىر تەنھەرىكەتچى بولۇشنى ئارزۇ قىلغان بولۇشىڭىز، ياكى بىر ئاشپەز ۋە ياكى كارتونلاردىكىدەك ئالۋاستى تۇتۇش ئۇستىسى بولۇشنى ئارزۇ قىلغان بولۇشىڭىز مۇمكىن. بالىلىقتا بىزنىڭ نۇرغۇن ئارزۇلىرىمىز بولغان، لېكىن بەزى ئارزۇلار بىزنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىمىزگە ئەگىشىپ غايىب بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىز پەقەت ئاز بىر قىسىم ئارزۇلىرىمىزنىلا ئەڭ ئاخىرقى نىشان قىلىپ بېكىتتۇق. جەمئىيەتكە قەدەم قويغاندىن كېيىن، ھەتتا ئۆزىمىز ئارزۇ قىلغان خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنالماسلىقىمىز مۇمكىن، لېكىن بىزنىڭ خىزمىتىمىز يەنىلا كۆپ ساندىكى كىشىلەرگە تونۇشلۇق، كىشىلەر ئاڭلاپ باققان خىزمەت. لېكىن بۇنىڭدىن باشقا، دۇنيادا يەنە بىز ئاڭلاپ باقمىغان، ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان، ئەمما يۇقىرى مائاشلىق خىزمەتلەر بار بولۇپ، بۈگۈن بىز ئاڭلىماققا ناھايىتى غەلىتە، لېكىن مائاشى يۇقىرى بەش كەسىپ بىلەن تونۇشۇپ ئۆتىمىز.

(دوللار ۋە خەلق پۇلى)

  1. ئايروپىلان يىغىۋالغۇچى: ھەر كۈنلىكىگە 500 ئامېرىكا دوللىرىدىن 1700 ئامېرىكا دوللىرىغىچە مائاش ئالىدۇ.

كىشىلەر مۇددەتكە بۆلۈپ پۇل تۆلەش، ھەر ئايدا پۇل قايتۇرۇش بىلەن ئاۋارە يۈرىدىغان ھازىرقى زاماندا، قەرز پۇلنى ۋاقتىدا قايتۇرالمىسىڭىز بەزى نەرسىلەرنى قەرز ھېسابىدا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ نەرسىلەر ئادەتتە ماشىنا ياكى ئۆي قاتارلىق ئىگىدارچىلىقىڭىزدىكى نەرسىلەر بولىدۇ. ئەگەر سىز تاسادىپىي ۋەيران بولغان مىلياردېر بولۇپ قالغان بولسىڭىز، ئۇ ھالدا بۇ سىزنىڭ شەخسىي ئايروپىلانىڭىزنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇ سەۋەبتىن «ئايروپىلان يىغىۋالغۇچى» دېگەن بۇ خىزمەت پەيدا بولغان. بىراق بۇ كەسىپنى پەقەت ئۇچقۇچىلىق كىنىشكىسى بار، ھەمدە جېنىنى تىكىپ قويۇپ پۇلغا ئىنتىلىدىغان كىشىلەرلا قىلالايدۇ (چۈنكى ئايروپىلاننى يىغىۋالغان ۋاقىتتا ساق ياكى ساق ئەمەسلېكىنى بىلىش ئۈچۈن سىناق قىلىپ ئۇچۇشقا توغرا كېلىدۇ). بۇ خىزمەت شۇغۇللىنىدىغانلار ھەر كۈنى 500 ئامېرىكا دوللىرىدىن 1700 ئامېرىكا دوللىرىغىچە كىرىم قىلالايدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، يىغىۋېلىنغان ئايروپىلاننى بانكىغا قايتۇرۇش جەريانىدا ئايروپىلان يىغىۋالغۇچى تەرەپ %6 دىن %10گىچە شېرىنكانە ئالىدىكەن، بۇ ھەر بىر ئايروپىلاندىن 100 مىڭ دوللاردىن 90 مىڭ دوللارغىچە پايدا ئالغىلى بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئىقتىساد پەسكويغا چۈشۈپ قالغان ھازىرقى مەزگىلدە، بۇ خىل شىركەتلەر ئىشسىز قالغان ئۇچقۇچىلارنى ياللاش ئارقىلىق غايەت زور پايدىغا ئېرىشەلەيدۇ.

2. چۈجىنىڭ جىنسىنى ئايرىش ئۇستىسى: ھەر يىلى 60 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن يۇقىرى مائاش ئالىدۇ.

قارىماققا، توخو چۈجىسىنىڭ جىنسىنى پەرق ئېتىش بەك تەس. دۇنيادا بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بىر كەسىپ بار بولۇپ، بۇ ئاڭلىماققا بەك غەلىتە بولسىمۇ، لېكىن ئۇ راستتىنلا مەۋجۇت. چۈجىلەرنىڭ جىنسىنى ئايرىش ئۇستىسىنىڭ خىزمىتى بولسا ئۇلارنىڭ ئەركەك ياكى چىشى ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاشتىن ئىبارەت، چۈنكى ئەركەك چۈجىلەرنىڭ تۇخۇم شىركىتىگە ھېچقانداق پايدىسى يوق.

چۈجىنىڭ جىنسىنى ئايرىش ئۇستىلىرى ئىچىدە، ياپونىيەلىك ئۇستاملار پۈتۈن دۇنيادا بەك ئالقىشقا ئېرىشىدۇ. چۈنكى ئۇلار بىر خىل «گاز چىقىرىش» دەپ ئاتىلىدىغان ئۇسۇل ئارقىلىق چۆجىنىڭ جىنسىنى بېكىتەلەيدۇ. بۇ جەرياندا ئۇلار چۆجىنىڭ ئۇستخىنىنى چىڭ بېسىپ تەرەت قىلغۇزىدۇ. بۇنداق بولغاندا ئايرىش ئۇستىلىرى چۈجىلەرنىڭ جىنسىنى ئاسانلا ئېنىقلىيالايدۇ. يەنى، ئەگەر چۈجىنىڭ چىقرىندىسى كىچىك دانچە شەكىللىك مونەك بولسا، بۇ چۈجىلەرنىڭ ئەركەك (خوراز) ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئەكسىچە چۈجىنىڭ چىقرىندىسى ياپىلاق بولسا ئۇ چىشى (مېكىيان) بولىدۇ.

بۇ خىزمەت ئاڭلىماققا ناھايىتى ئاساندەك ھەم پۇلى ئازدەك بىلىنىدۇ. ئەمما تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، تەجرىبىسى مول ئايرىش ئۇستىسى ھەر يىلى 60 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن كۆپرەك پۇل تاپالايدىكەن. ئەنگلىيەدە ھەتتا چۈجىنىڭ جىنسىنى ئايرىش ئۇستىلىرى ناھايىتى كەمچىل بولۇپ، ئەنگلىيەدە بۇ كەسپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىنىڭ يىللىق مائاشى 40 مىڭ فوندستېرلىڭ ئەتراپىدا بولىدىكەن.

3. گولف توپ تەرگۈچى غەۋۋاس: ھەر يىلى 150 مىڭ دوللاردىن ئاشىدۇ.

ئەگەر سىز يۈسۈنلەرگە تولغان پاتقاق كۆلچىكىدە سۇ ئۈزۈشنى ياخشى كۆرسىڭىز، يۇقىرى مائاشلىق بۇ خىزمەت سىزگە ناھايىتى ماس كېلىدۇ. بۇ خىزمەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشتىكى ئەھمىيىتى شۇكى، ئامېرىكىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 300 مىليون دانە گولف توپ يىتۈپ كېتىدۇ، بىر مۇنەۋۋەر گولف توپ تەرگۈچى غەۋۋاس پەقەت بىر كۆلدىنلا تەخمىنەن 5000 دانە گولف توپ سۈزۈۋالالايدۇ.

بۇ توپلارنى غەۋۋاسلار «ئاق ئالتۇن» دەپ ئاتايدۇ، چۈنكى غەۋۋاسلار بۇ توپلارنىڭ ھەر بىرىنى نىمكەش بازاردا 75 سېنتلىق باھا بىلەن قولدىن چىقىرالايدۇ. بۇ بىر قېتىملىق سۇغا شۇڭغۇشتا 3750 ئامېرىكا دوللىرى پايدا ئالغىلى بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. لېكىن دۇنيادا جاپا تارتماي راھەت كۆرىدىغان ئىش يوق، بۇ غەۋۋاسلارمۇ ھەر قېتىملىق سۇغا شۇڭغۇشتا چېقىلىپ كەتكەن بوتۇلكا، سۇ يىلىنى، تىمساھ، زۈلۈك، دۇغلىشىپ كەتكەن كۆل سۈيى ۋە نۆلدىن تۆۋەن تېمپېراتۇرىغا باتۇرلۇق بىلەن يۈزلىنىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا ئۇلار ھەر يىلى 150 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى تاپالايدۇ. لېكىن بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار بەزىدە كۈتۈلمىگەن ھادىسىلەرگە ئۇچراپ قالىدۇ. مەسىلەن، 2014-يىلى جەنۇبىي ئافرىقىلىق بىر غەۋۋاس توپ سۈزۈۋاتقاندا، تىمساھ چىشلەپ ئۆلتۈرۈپ قويغان.

4. ئىنئاملق ئوۋچى: ھەر يىلى 86 مىڭ دوللاردىن 106 مىڭ دوللارغىچە پۇل تاپىدۇ.

ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ قاقاس غەربىي رايونىدا، بىر قىسىم قاچقۇن جىنايەتچىلەر يوشۇرۇنۇپ يۈرەتتى. شۇ جايدىكى ئامانلىق ساقلاش تارماقلىرىدا ئۇلارنى قوغلاپ تۇتىدىغان ئۇنچە كۆپ ئادەم كۈچى يوق ئىدى. شۇڭا ئۇلار ئېلان چاپلاپ، قاچقۇنلارنى قولغا ئالغانلارغا يۇقىرى سوممىلىق مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇڭا بۇ مۇكاپات سوممىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن نۇرغۇن كىشىلەر قاچقۇنلارنى تۇتۇش يولىغا ئاتلانغان، شۇنىڭ بىلەن «ئىنئاملىق ئوۋچى» دېگەن بۇ كەسىپ بارلىققا كەلگەن.

ئامېرىكىدىكى ئىنئاملىق ئوۋچىلارىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە مائاشى 86 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىنلىشىدۇ، بەزى جىنايەت ئۆتكۈزۈش نىسبىتى يۇقىرى شەھەرلەردە بۇ سان 106 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىشى مۇمكىن. لېكىن مەسىلە شۇكى، سىز چوقۇم جىنايەت ئۆتكۈزۈش نىسبىتى يۇقىرى شەھەردە ياشىشىڭىز كېرەك (ئادەتتە قاچقۇننىڭ كېپىللىككە قويۇپ بېرىش سوممىسىنىڭ 10 پىرسەنتىدىن 45 پىرسەنتىگىچە بولغان قىسىمى زايوم شەكلىدە ئىنئام ئوۋچىسىنىڭ مۇكاپاتى قىلىپ بېرىلىدۇ).

ئەمما، «ئالتۇن ئوۋچى» بوب بورتوننىڭ سۆزىگە ئاساسلانغاندا، بۇ خىزمەتنىڭ ھەقىقىي پەيزى يېرى ئادەم بەدىنى ئاجرىتىپ چىقارغان ئادرېنالىن (肾上腺素 ئادرېنالىن ئادەم بەدىنى ئاجرىتىپ چىقارغان بىر خىل ھورمۇن. ئادەم بەزى غىدىقلاشلارغا يولۇققاندا، ئادەم بەدىنى بۇ خىل خىمىيەلىك ماددىنى ئاجرىتىپ چىقىرىپ نەپەسلىنىشىنى تېزلىتىدۇ، يۈرەك سوقۇش بىلەن قان ئايلىنىش تېزلىشىپ، كۆز قارىچۇقى چوڭىيىپ، بەدەن پائالىيىتىنى تېخىمۇ كۆپ ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەپ، ئىنكاسنى تېخىمۇ تېزلىتىدۇ) ئىكەن. مۇشۇنداق تۇيغۇنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەمگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ بەلكىم يامان ئەمەس كەسىپ بولۇشى مۇمكىن.

5. تەم تەڭشەش ئۇستىسى: ھەر يىلى 67 مىڭ دوللاردىن 89 مىڭ دوللارغىچە بولىدۇ.

يېمەكلىك خىمىيەسى بولسا باغلىنىش دائىرىسى ناھايىتى چوڭ بىر كەسىپ بولۇپ، ئەگەر سىز يېتەرلىك ئەقىل-پاراسەتكە ئىگە بولسىڭىز ھەمدە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان يېڭى تەمنى تەڭشەپ چىقالىسىڭىز، بۇ كەسىپ سىزنىڭ نۇرغۇن پۇل تېپىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ. ئامېرىكا ئەمگەكچىلەر ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 2014-يىلى تەم تەڭشەش ماتېرىياللىرىنى تەتقىق قىلىدىغان خىمىيە ئالىملىرىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە مائاشى 67 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، بەزىدە ھەتتا 89 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىشى مۇمكىن ئىكەن.

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى