ساغلاملىق

چايان

خەنزۇچە نامى: 全蝎

ئەرەپچە نامى: ئەقرەپ

تونۇش: بۇ ئامبۇرسىمان سېرىق ئېشەك ئائىلىسىدىكى ھايۋانات چاياننىڭ قۇرۇتۇلغان تېنىدىن ئىبارەت بولۇپ ياز ۋە كۈز پەسىللىرىدە تۇتۇۋېلىپ سۈزۈك سۇ ياكى تۇز سۈيىدە يۇيۇپ لاي ۋە توپىلىرى چىقىرىۋېتىلىدۇ، ئاندىن قازانغا سېلىپ چايان چۆككىچە سۇ قويۇلىدۇ. ئۈستىگە بىر جىڭ چايانغا 50 گرام ئەتىراپىدا تۇز سېلىپ، چاياننىڭ دۈمبىلىرىگە سىزىق پەيدا بولغۇچە ۋە بەدىنى قاتقۇچە قاينىتىپ سۈزۈپ ئېلىپ سالقىن جفيدا قۇرۇتۇلىدۇ. ئاپتاپتا قۇرۇشقا بولمايدۇ. ئۇنىڭ يۇقىرىقىدەك قۇرۇتۇلغان تېنى ‹چايان› نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

تەبىئىتى: ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق. 

شىپالىق رولى: سپازما قايتۇرۇش، ئاغرىق پەسەيتىش، يەل تارقىتىش، ئارتۇق گۆشنى يوقىتىش، بۆرەك ۋە دوۋسۇندىكى تاشلارنى پارچىلاش، سۈيدۈك ھەيدەش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە.

ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر؛ پالچە، لەقۋا، ئىستىرخا، بوغۇم ئاغرىقى، كۆز ئاغرىقى، سۈيدۈك يولىدىكى تاش ۋە يىرىڭلىق جاراھەت، ئاق ۋە قارا داغ، چاچ چۈشۈش، بەرەس، چاقا، بوۋاسىر قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى: چاياننىڭ يېغىنى چىقىرىپ ياغلانسا ياكى چاقتۇرۇلسا پالەچ، لەقۋا ۋە ئىستىرخا، بوۋاسىر قاتارلىق كېسەللەرگە پايدا قىلىدۇ. كۆزنىڭ ھەرخىل كېسەللىرىگە قارىتا چاياننى كۆيدۈرۈپ كۈلىنى قارىمۇچ، زەنجىۋىل ۋە ئىسسىق دورىلار بىلەن كۆزگە تارتىلىدۇ، چاياننى كۆيدۈرۈپ چاشقاننىڭ مايىقى بىلەن ئېزىپ كۆزگە تارتسا ئاقنى ۋە ئارتۇق پەيدا بولغان گۆشنى يوقىتىدۇ، سۈيدۈك يولىدىكى يىرىڭلىق جاراھەتلەرنى ياخشىلاشقا مۇۋاپىق ئۇسۇلدا يېيىلىدۇ ياكى مۇناسىپ دورىلار بىلەن بىرگە ئىچىلىدۇ. سۈيدۈكنى راۋان قىلىش، دوۋسۇندىكى تاشلارنى ئېزىش ۋە قۇلۇنجىنى يوقىتىشقا چاياننى كۇشتە قىلىپ مۇناسىپ دورىلار بىلەن قوشۇپ ئىچىلىدۇ. تېرىدىكى ھەرخىل داغلار ۋە بەھەق، بەرەس، قارا داغ، چاچلارنىڭ چۈشۈپ كېتىشى قاتارلىقلارغا چاياننى كۆيدۈرۈپ ياكى قۇرۇتۇپ سىركە بىلەن ئېزىپ چېپىلىدۇ. چاچ ئۈندۈرۈش ۋە چاچنىڭ كۆپلەپ چۈشۈپ كېتىشىنى توسۇشقا چاياننى كۆيدۈرۈپ زەيتۇن يېغىغا ئارىلاشتۇرۇپ ياغلىنىدۇ. ھەرخىل چاقا ۋە ئوڭاي پۈتمەيدىغان يارىلارغا كۆيدۈرۈپ چېپىلىدۇ. چايان چاققان زەھەرنى قايتۇرۇش ۋە ئاغرىق توختىتىشقا چاياننى تۇتۇپ قارنىنى يېرىپ شۇ ئورۇنغا تېڭىلىدۇ ياكى يېغى ياغلىنىدۇ، قورۇپ مۇناسىپ دورىلار بىلەن ئىستېمال قىلىنىدۇ، ئىچكى كانالچە ئەزالاردىكى تاشلارنى ئېزىپ چىقىرىشقا تومۇز كۈنى چاياننى تۇتۇپ شېشىگە سېلىپ ئۈستىگە قۇستە يېغىنى قويۇپ 40 كۈن ئاپتاپتا تۇرغۇزۇپ چايان قۇۋۋىتى چىققاندىن كېيىن ئۇنى تاشنى ئېرىتكۈچى مۇناسىپ دورىلار بىلەن قوشۇپ ئىچىلىدۇ. 

ئىشلىتىش مىقدارى: كۇشتىسىدىن 5.0-3 گرام. 

زىيانلىق تەسىرى: ئۆپكىگە زىيانلىق

تۈزەتكۈچىسى: كەرەپشە ئۇرۇقى، گىل ئەرمىنى، پىياز سۈيى، جۆندىبىدەستەر، پەرپىيۇن، مورمەككى، پىلپىل ياكى ئەرقى پارۇق، ئەبەئە، تەرياقى ئاقارىب بېرىلىدۇ ھەم سامساق تېڭىلىدۇ، جەدۋار سۈركىلىدۇ. ھاك تۇخۇم بىلەن چېپىلىدۇ. ياڭاق مېغىزى، ئەنجۈر، سامساق بەرگى چېپىلىدۇ. بېدە ئۇرۇقىنى ئېزىپ سىركە بىلەن چېپىلىدۇ. ئىچىدىن بۆر سويمىسى يىلتىزى، ئەمەن، زىراۋەندە قاتارلىقلار مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىنىدۇ، كالا يېغى، قوي يېغى ئېرىتىپ چېپىلىدۇ، كاسىنە، ئارپا، قاپاق سۇلىرى ۋە قۇرسى كاپۇر ئىستېمال قىلىنىدۇ. 

چىقىش ئورنى: ئېلىمىزنىڭ خېنەن، سەندۇڭ، لىياۋنىڭ قاتارلىق جايلىرىدىن رايونىمىز شىنجاڭنىڭ ھەممە يەرلىرىدىن ھەم چەت ئەللەردىن چىقىدۇ.

قوشۇمچە: چايان مەشمۇر بولغان زەھەرلىك ھاشاراتلاردىن بولۇپ ئۇنىڭ تۈرلىرى كۆپ، بىرخىلى ماڭغاندا قويرۇقىنى كۆتۈرۈپ ماڭىدۇ. ئۇنى (شەييالە)، يەنە بىرخىلى ماڭغاندا قويرۇقىنى يەرگە سۆرەپ ماڭىدۇ. ئۇنى (جەررارە) دەيدۇ، بۇ شەييالەدىن كىچىكرەك بولىدۇ. بۇنىڭ زەھىرى ئارتۇق ھەم كۈچلۈك بولۇپ ئادەمنى ئۆلتۈرىدۇ. چىشى چاياننىڭ زەھىرى ئەركەك چاياندىن ئارتۇقراق، قارا چايان بەك يامان، قارا تۈكلۈك چوڭ قاناتلىق بولغىنى ئەقرەبىي ئەسكىرىيە دىيىلىدۇ. يەنە بەزىلىرىنىڭ زەھەرلىرى ئارتۇق بولۇپ بەدەندىن مېڭىپ ئۆتۈپ كېتىشى بىلەنلا ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ قويىدۇ. 

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى