ساغلاملىق

ئاياللارنىڭ «ساغرىسى چوڭ» بولسا…

تۇرمۇشتا نۇرغۇن كىشىلەر ساغرىسىنىڭ چوڭ بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنى كەمسىتىدۇ، بولۇپمۇ كىيىم سېتىۋالغاندا، ئەڭ باشنى ئاغرىتىدىغان ئىش بولسا، ئۇلار «ساغرىسى چوڭ بولسا نېمىلا كىيسە ياراشمايدۇ» دەپ قارايدۇ.
ئەمەلىيەتتە، ساغلاملىق نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ساغرىنىڭ چوڭ بولۇشىنىڭ پايدىسى بار، ئۇنداقتا زادى قانداق پايدىسى بار؟ بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى.

ئاياللارنىڭ «ساغرىسى چوڭ» بولسا…

بەل-ساغرا ئادەم بەدىنىنىڭ تۆۋەنكى فوكۇس نۇقتىسى
يۇقىرىقى ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن ئۈچ فوكۇستىن قارىغاندا، بەل ۋە ساغرىدا ئادەم بەدىنىنىڭ تۆۋەنكى فوكۇسى بولىدۇ، ئەگەر تۆۋەنكى فوكۇس قىسمىدا يەل ۋە قان تولۇقلانسا، ساغرا ۋە يوتا توم بولۇپ، بىرقەدەر قاۋۇل ئۆسىدۇ. تۆۋەنكى فوكستا بۆرەك ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ، بۆرەك قۇۋۋىتى يېتەرلىك بولسا تۆۋەنكى فوكس قۇۋۋىتى كۈچلۈك بولىدۇ.
تۆۋەن فوكىستا قۇۋۋەت ۋە قان ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىلىپ، ئاسانلىقچە يۇقىرىغا ئۆرلىمەيدۇ. شۇڭا، بۇرۇقتۇرما بولۇپ چىڭقىلىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى ئاسان قوزغىلىدىغان كىشىلەرنىڭ كۆپ قىسمى ساغرىسى كىچىك، يوتىسى ئىنچىكە كېلىدۇ، شۇڭا، ساغرىسى چوڭ، يوتىسى توم كىشىلەر يۇقىرى قان بېسىم، سەكتە، يۈرەك كېسىلىگە ئاسان گىرىپتار بولمايدۇ.

ئاياللارنىڭ «ساغرىسى چوڭ» بولسا…

ئاياللارنىڭ« ساغرىسى چوڭ» بولسا، بۇنداق ئويلاپ باقمىغان پايدىسى بار.

1. ساغرىسى چوڭ كىشىلەرنىڭ قان-تومۇرى ياخشى بولىدۇ
يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى ھازىرقى دەۋردىكى ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلارنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدىغان كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئېغىر بولغاندا مېڭە تىقىلمىسى سەكتە بولۇپ قېلىش خەۋپى بار، ساغرىسى چوڭ كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ خىل كېسەللىكنىڭ خەتىرىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ.
ساغرا بەدەندىكى ياغنى ساقلايدىغان مۇھىم ئورۇن بولۇپ، بەدەننى ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ، ساغرىدىكى ماي بەلگىلىك رول ئويناش ئارقىلىق بەدەندىكى ياللۇغلانغان ياغنى يوقىتىپ، خولىستېرىننى تېخىمۇ تۆۋەنلىتىپ، سىزنى يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىدىن يىراقلاشتۇرىدۇ.

ئاياللارنىڭ «ساغرىسى چوڭ» بولسا…

2. كاسسىسى چوڭ كىشىلەر تېخىمۇ ئەقىللىق بولىدۇ
ئامېرىكىلىق پىسخولوگ سىتىناس ساغرىسىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئادەمنىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولىدىغانلىقىنى، ئادەمنىڭ ساغرىسى قانچە چوڭ بولسا، ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ شۇنچە يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. ئاشۇ ئەقىللىق، تەڭداشسىز مەشھۇر شەخسلەرنىڭ ھەممىسى «چوڭ ساغرىلىقلار» بولۇپ، ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مىسىر خانىقاسىنىڭ كەينىدە، ناپولېئون، ئامېرىكا دۆلەت ئاتىسى ۋاشىنگتون قاتارلىق تارىخىي داڭلىق زاتلارنىڭ ھەممىسى ساغرىسى ئالاھىدە چوڭ بولغان« چوڭ ساغرىلىقلار» دۇر.
ستىناسنىڭ ئېيتىشىچە، ئەگەر چوقۇم تاللاش كېرەك بولسا، ئۇ كاللىسىنى تاللاپ تاشقى قىياپىتىدىن ۋاز كېچىشكە رازى ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «چوڭ ساغرىلىقلار»نىڭ ساغرىسى كەڭ ھەم چوڭ بولۇپ، ئۆزىنىڭ سەتلىكىدىن خىجىل بولماسلىقى، ئەكسىچە بۇ خىل بەدەن شەكلىدىن خۇشال بولۇشى كېرەك.

ئاياللارنىڭ «ساغرىسى چوڭ» بولسا…

3. ساغرىسى چوڭ كىشىلەرنىڭ ئارزۇسى كۈچلۈك بولىدۇ
ساغرا ئاياللار ئەگرى سىزىقىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى، بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ساغرىسى چوڭ ئاياللار تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىكەن. تەتقىقات ئەترىتى 148 ئايالنى تەكشۈرگەن، بۇ ئاياللارنىڭ يېشى 18 ياشتىن 26 ياشقىچە بولۇپ، نەتىجىدە، ساغرا ئايلانمىسى 36 سانتىمېتىردىن ئاشقان ئاياللارنىڭ ساغرا ئايلانمىسى 31 سانتىمېتىردىن كىچىك بولغان ئاياللارنىڭ جىنسىي ھەمراھى ھەم جىنسىي تۇرمۇشى تېخىمۇ كۆپ بولغان.

ئاياللارنىڭ «ساغرىسى چوڭ» بولسا…

4. ساغرىسى چوڭ كىشىلەر تېخىمۇ ساغلام بولىدۇ
«خەلقئارا سېمىزلىك ژورنىلى»دا دېيىلىشچە، ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە، كاسىسى يوغان كىشىلەر ئەمەلىيەتتە تېخىمۇ ساغلام ئىكەن. ئاساسلىق سەۋەبى، ساغرىسى چوڭ كىشىلەرنىڭ قاندىكى ماي مىقدارى تېخىمۇ ياخشى بولىدىكەن. ساغرىسىدىكى ياغ ناچار خولېستېرول (تۆۋەن زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلى) سەۋىيەسىنى تۆۋەنلىتىپ، ياخشى خولېستېرول (يۇقىرى زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلى) سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، قان تومۇر قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردەم بېرىدىكەن، قوشۇمچە دىيابېت كېسىلىنىڭ خەتىرىنى تۆۋەنلىتىدىكەن، يەنە بەدەندىكى ئەزالارغا زىيان يەتكۈزىدىغان ياللۇغلۇق ياغلارنى تازىلاشقىمۇ ياردەم بېرىدىكەن.
ئۇنىڭ ئۈستىگە كاسىسى چوڭ كىشىلەرنىڭ مال-دۇنياسىمۇ يامان ئەمەس، پۇل خەجلەشتىمۇ بەتخەجلىك قىلىدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر بىلەن دوست بولالايدۇ.

ئاياللارنىڭ «ساغرىسى چوڭ» بولسا…

ساغرا ئاياللار ئۈچۈن مۇشۇنداق مۇھىم رول ئوينىغان ئىكەن، ئۇنداقتا ئاياللار كۈندىلىك تۇرمۇشتا ساغرىسىنى قانداق ئاسرىشى كېرەك؟

1. ئۇزاق ئولتۇرۇشتىن ساقلىنىش كېرەك
ئۇزاق مۇددەت مىدىرلىماي ئولتۇرۇش نۇرغۇن ئاياللارنىڭ بىر تۇرمۇش ئادىتى، بەزىلىرى خىزمەت خاراكتېرى تەرىپىدىن بەلگىلىنىشى مۇمكىن، لېكىن ئۇزاق ۋاقىت مىدىرلىماي ئولتۇرۇش سىزنىڭ ساغرا مۇسكۇللىرىڭىزنى بوشاشتۇرۇپ قويىدۇ. توغرا يۆنىلىشتە تەرەققىي قىلىپ، ھەم يۇمىلاق، ھەم كۆتۈرۈلۈپ تۇرىدىغان ساغرىڭىز بولۇشى ئۈچۈن، چوقۇم ئۇزاق ئولتۇرۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.

ئاياللارنىڭ «ساغرىسى چوڭ» بولسا…

2. يېمەك-ئىچمەكنى ياخشى كونترول قىلىش، ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى، ماي تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش كېرەك
يۇقىرى ئېنېرگىيىلىك، يۇقىرى مايلىق يېمەكلىكلەر قورساق، پۇت ۋە ساغرا قىسمىدىكى ماينى كۆپەيتىپ، ساغرا قىسمىدىكى مۇسكۇللارنىڭ چىڭ بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يېمەك-ئىچمەكنى كونترول قىلىش، يۇقىرى ئېنېرگىيەلىك يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش، سۇيۇق-سەلەڭ يېمەك-ئىچمەكنىئاساس قىلىش ، شۇنداقلا بەدەننىڭ تۆۋەنكى قىسمىنى ئورۇقلىتىش گىمناستىكىسىنى كۆپرەك ئىشلەپ، يىغىلىپ قالغان ماينى چىقىرىۋېتىش كېرەك.

ئاياللارنىڭ «ساغرىسى چوڭ» بولسا…

3. قان تومۇرلارنىڭ راۋانلىقىنى قوغداش
لى شىجېن «دورا ئۆسۈملۈكلەر قامۇسى»دا جۈخارگۈل، پونۇس، ئالقات، ئۈجمە، پويرارىيە يىلتىزى، قېرىقىز يىلتىزى قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەردىن ياسىلىدىغان مۇنداق بىرخىل قان تومۇرلارنى ئاسراش رېتسېپىنى يازغان، جۈخارگۈل، پومىڭزى قاتارلىقلارنىڭ ئېغىز پۇراشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار بولۇپ، دائىم ئىچىشكە بولىدىكەن.

ئاياللارنىڭ «ساغرىسى چوڭ» بولسا…

ئۇسۇلى: جۈخۇا گۈلى، پونۇس ئۇرۇقى، ئالقات، ئۈجمە، قېرىقىز يىلتىزى قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى تاللاپ، پاكىز يۇيۇپ قازانغا سېلىپ، ئاندىن كۈچلۈك ئوتتا قاينىتىپ، قاينىغاندىن كېيىن ئاجىز ئوتتا 15 مىنۇت ئەتراپىدا قاينىتىپ، سوۋۇغاندىن كېيىن ئىچسە بولىدۇ، پونۇس قېرىقىز چېيىنى تاللىسىم بىر قەدەر قولايلىق.

شۇڭا، ئەگەر ئۆزىنىڭ ساغرىسى چوڭ، پۇتى توم بولسا، بۇ سىزنىڭ ئامىتىڭىز بولۇپ، تەن ساغلاملىقىنىڭ ئىپادىسى، بۇنىڭدىن ئەندىشە قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، قارىغۇلارچە ئورۇقلاشقا تېخىمۇ بولمايدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى