ساغلاملىق

شەربىتى بۇزۇرى

تەركىبى: بەدىيان يىلتىزى پوستى 20 گرام، كەرەپشە يىلتىزى 30 گرام، كاسىنە يىلتىزى 30 گرام، ئارپىبەدىيان 30 گرام، رۇم بەدىيان 20 گرام، شوخلا 30 گرام، كەرەپشە ئۇرۇقى 20 گرام، كاسىنە ئۇرۇقى 20 گرام، تاۋۇز ئۇرۇقى 30 گرام، تەرخەمەك ئۇرۇقى 30 گرام، قوغۇن ئۇرۇقى 30 گرام، شېكەر 250 گرام. 

تەييارلىنىشى: دورىلارنى كۆرسەتمە بويىچە ئېلىپ، قاتتىق دورىلارنى چالا سوقۇپ، باشقا دورىلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ بىر سوتكا چىلاپ قاينىتىپ، تىرىپلىرىنى سىقىپ سۈزۈۋېتىپ، شېكەر بىلەن  ئۆرلىتىپ 1000 گرام شەربەت ئېلىنىدۇ. 

تەسىرى: ياللۇغ قايتۇرۇش، ئىششىق ياندۇرۇش، سۈيدۈك ماڭدۇرۇش، ھەيزى راۋان قىلىش، بۆەك ۋە دوۋساقتىكى تاشلارنى پارچىلاپ چۈشۈرۈش، جىگەر ۋە تالدىكى توسالغۇلارنى ئېچىش تەسىرىگە ئىگە. 

ئىشلىتىش مىقدارى: ئەھۋالغا قاراپ كۈندە ئىككى قېتىم 100-150 مىللىلىتىرغىچە ئىستېمال قىلىنىدۇ.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى