ساغلاملىق

بەلغەمنىڭ مۇنزىچى

تەركىبى: گاۋزىبان ھىندى 15 گرام، گۈلبىنەپشە 15 گرام، ئەنجۈر مونىكى 9 دانە، ئارپىبەدىيان 12 گرام، كەپە يىلتىزى 21 گرام، بەدىيان يىلتىزى پوستى 21 گرام، ئۇۋاق ئۈزۈم 30 دانە. چۈچۈكبۇيا يىلتىزى 15 گرام، پىرسىياۋشان 15 گرام، قىزىلگۈل گۈلقەنتى 100 گرام.

تەييارلىنىشى: دورىلارنى كۆرسەتمە بويىچە ئېلىپ قاتتىق دورىلارنى چالا سوقۇپ، باشقا دورىلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ بىر سوتكا چىلاپ قاينىتىپ، قىزىلگۈل گۈلقەنتىنى سېلىپ قاينىتىپ، تىرىپلىرىنى سىقىپ سۈزۈۋېتىپ، 750 گرام شەربەت ئېلىنىدۇ. 

تەسىرى: ياللۇغ قايتۇرۇش، بەلغەم خىلىتىنىڭ نورمالسىز بولۇشىدىن ھاسىل بولغان قويۇق بەلغەم خىلىتىنى يىغىش، پىشۇرۇش، بەدەندىن چىقىرىش تەسىرىگە ئىگە. 

ئىشلىتىش مىقدارى: ئەھۋالغا قاراپ كۈندە ئىككى قېتىم 100-150 مىللىلىتىرغىچە ئىستېمال قىلىنىدۇ. 

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى