سەۋدانىڭ مۇنزىچى
تەركىبى: ئۇستقۇددۇس 15 گرام، گاۋزىبان ھىندى 15 گرام، بادرەنجى بۇيا 15 گرام، پىرسىياۋشان 15 گرام، رۇم بەدىيان 15 گرام، يەر باغرى 15 گرام، سەرپىستان 15 گرام، چۈچۈكبۇيا يىلتىزى 15 گرام، چىلان 15 دانە، ئەفتىمۇن 15 گرام، تەرەنجىبىن 60 گرام، گۈلقەنت 60 گرام.
تەييارلىنىشى: دورىلارنى كۆرسەتمە بويىچە ئېلىپ، قاتتىق دورىلارنى چالا سوقۇپ، باشقا دورىلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ بىر سوتكا چىلاپ قاينىتىپ، گۈلقەنتنى سېلىپ ئەفتىمۇننى ئايرىم چىلاپ، ئايرىم چىلانغان ئەفتىمۇننى قاينىتىلغان دورىلارغا ئارىلاشتۇرۇپ 5-10 مىنۇت دۈملەپ قويۇپ، تىرىپلىرىنى سىقىپ سۈزۈۋېتىپ 750 گرام شەربەت تەييارلىنىدۇ.
تەسىرى: ياللۇغ قايتۇرۇش، غەيرىي تەبىئىي سەۋدا خىلىتىنى يىغىش، خاس سەۋدا خىلىتىنى، شۇنداقلا قان خىلىتىنىڭ كۆيۈشىدىن ھاسىل بولغان نورمالسىز سەۋدا خىلىتىنى پىشۇرۇپ چىقىرىش تەسىرىگە ئىگە.
ئىشلىتىش مىقدارى: ئەھۋالغا قاراپ كۈندە ئىككى قېتىم، 100-150 مىللىلىتىرغىچە ئىستېمال قىلىنىدۇ.