ساغلاملىق

شەربەت دورىلارنى چۈشىنەمسىز ؟

تەرىپى: شەربەتلەر دورا ماتېرىياللىرىدىن سىقىپ ئېلىنغان ياكى چىلاپ ئېلىپ قاينىتىپ ئېلىنغان سۈيىگە قەنت ياكى شېكەر قوشۇپ تەييارلانغان سۇيۇق ھالەتتىكى دورا ياسالمىسىدىن ئىبارەت بولۇپ، شەربەتلەر تەركىبىدە تۇتقان يەككە دورىلارغا ئاساسەن مۇئۇلئۇسۇل بۇزۇرۇرى ياكى سىركەنجىۋىل دېيىلىدۇ. 

شەربەت دورىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقى: شەربەتلەرنىڭ تەمى تاتلىق بولۇپ، ئىستېمال قىلىشقا قۇلايلىق، شەربەت ياسالمىلىرىنى ساقلاش مۇددىتى نىسبەتەن ئۇزۇنراق، شەربەتلەرنى ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن ئومۇمىي بەدەنگە تارقىلىشى تېز بولۇپ، ئۆتكۈر خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە تېز ئۈنۈم بېرىدۇ. 

شەربەت دورىلارنى تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى كۆرسەتمە بويىچە ئېلىپ، قاتتىق دورىلارنى چالا سوقۇپ، مۇۋاپىق مىقداردا قايناق سۇغا چىلاپ، سۇس ئوت بىلەن قاينىتىپ تەمىنى ئېلىپ، تىرىپلىرىنى سىقىپ سۈزۈۋېتىپ، سۈيىگە شېكەر ياكى ناۋاتنى سېلىپ ئۆرلىتىپ تەييارلىنىدۇ. بەزى يەككە دورىلارنى سىقىپ ئېلىنغان سۈيىگە شېكەر ياكى ناۋاتنى قوشۇپ قىيام قىلىپ تەييارلىنىدۇ. 

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى