ساغلاملىق

مەتبۇخى مائۇلجەبىن

تەركىبى: سېرىق ھېلىلە پوستى 30 گرام، نېلۇپەر 10 گرام، گۈلبىنەپشە 10 گرام، سەرپىستان 15 گرام، بىستىپايەج 20 گرام، گاۋزىبان ھىندى 15 گرام، بادرەنجى بۇيا 10 گرام، ئۇستقۇددۇس 10 گرام، چىلان 60 دانە، ئامىلە پوستى 30 گرام، قارا ھېلىلە 30 گرام، بەلىلە پوستى 30 گرام، ئاق لەيلى ئۇرۇقى 15 گرام، چۈچۈكبۇيا يىلتىزى 10 گرام، ئارپىبەدىيان 10 گرام، ئەنجۈر مونىكى 60 گرام، گۈلى گاۋزىبان 10 گرام، قىزىلگۈل 15 گرام، ئەفتىمون 20 گرام، سانا 15 گرام، خىيارشەنبەر 45 گرام، تەرەنجىبىن 60 گرام، سىركە 200 گرام، كالا سۈتى 200 گرام، شېكەر 200 گرام. 

تەييارلىنىشى: دورىلارنى كۆرسەتمە بويىچە ئېلىپ قاتتىق دورىلارنى چالا سوقۇپ، باشقا دورىلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، بىر سوتكا چىلاپ قاينىتىپ، سانا، ئەفتىمۇن، تەرەنجىبىن، خىيارشەنبەر قاتارلىق دورىلارنى ئايرىم چىلاپ، ئايرىم چىلانغان دورىلارنى قاينىتىلغان دورىلارغا 10 مىنۇت دۈملەپ قويۇپ تىرىپلىرىنى سىقىپ سۈزۈۋېتىپ، سىركە، كالا سۈتى، شېكەر بىلەن ئۆرلىتىپ، 1500 گرام شەربەت ئېلىنىدۇ. 

تەسىرى: قان تازىلاش، ياللۇغ قايتۇرۇش، مېڭە قان تومۇرلار ۋە جىگەردىكى توسالغۇلارنى ئېچىش، قان بېسىمنى چۈشۈرۈش، تەپ كېسەللىكى ۋە ھەرخىل قىچىشقاق، تەمرەتكە قاتارلىقلارنى داۋالاش تەسىرىگە ئىگە. 

ئىشلىتىش مىقدارى: ئەھۋالغا قاراپ كۈندە ئىككى قېتىم 100-150 مىللىلىتىرغىچە ئىستېمال قىلىنىدۇ.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى