ساغلاملىق

مەتبۇخى خىيارشەنبەر (2)

تەركىبى: سېرىق چېچەك ئۇرۇقى 30 گرام، قوغۇن ئۇرۇقى 24 گرام، تەرخەمەك ئۇرۇقى 24 گرام، ئارپىبەدىيان 24 گرام، رۇم بەدىيان 24 گرام،  كەرەپشە ئۇرۇقى 24 گرام، سۇزاپ ئۇرۇقى 24 گرام، سەۋزە ئۇرۇقى 600 گرام، يالپۇز 15 گرام، سانا 300 گرام، خىيارشەنبەر 60 گرام، تەرەنجىبىن 200 گرام. 

تەييارلىنىشى: دورىلارنى كۆرسەتمە بويىچە ئېلىپ، قاتتىق دورىلارنى چالا سوقۇپ، باشقا دورىلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، بىر سوتكا چىلاپ قاينىتىپ، سانا، تەرەنجىبىن، خىيارشەنبەر قاتارلىق دورىلارنى ئايرىم چىلاپ، ئايرىم چىلانغان دورىلارنى قاينىتىلغان دورىلارغا 5-10 مىنۇت دۈملەپ قويۇپ تىرىپلىرىنى سىقىپ سۈزۈۋېتىپ 1000 گرام شەربەت ئېلىنىدۇ، ئاندىن كېيىن تۇربۇتنى يۇمشاق سوقۇپ، شەربەت ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ. 

تەسىرى: قان تازىلاش، ياللۇغ قايتۇرۇش، مېڭە قان تومۇرلىرىدىكى توسالغۇلارنى ئېچىش، سۈيدۈك ھەيدەش، ھەيز ماڭدۇرۇش تەسرىگە ئىگە. 

ئىشلىتىش مىقدارى: ئەھۋالغا قاراپ كۈندە ئىككى قېتىم 100-150 مىللىلىتىرغىچە ئىستېمال قىلىنىدۇ. 

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى