مەتبۇخى بەرەس
تەركىبى؛ رۇم بەدىيان 60 گرام، سىيادان 60 گرام، ياۋا سەۋزە ئۇرۇقى 30 گرام، قىچا 30 گرام، گۈلقەقە 30 گرام، شەترەنجى ھىندى 10 گرام، ئاقىرقەرھا ھىندى 10 گرام، توم زەنجىۋىل 10 گرام، سامساق 10 گرام، يالپۇز 10 گرام، شەھمەنزەل 10 گرام، ئوردان 30 گرام، پىننە 20 گرام، جۇۋىنە 50 گرام، سانايى مەككى 30 گرام، ھەسەل 500 گرام.
تەييارلىنىشى: دورىلارنى كۆرسەتمە بويىچە ئېلىپ قاتتىق دورىلارنى چالا سوقۇپ، باشقا دورىلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، بىر سوتكا چىلاپ قاينىتىپ، سانانى ئايرىم چىلاپ، چىلانغان دورىلارنى قايىنىتىلغان دورىلارغا 5-10 مىنۇت دۈملەپ قويۇپ، تىرىپلىرىنى سىقىپ سۈزۈۋېتىپ، 750 گرام، شەربەت ئېلىنىدۇ. ئاندىن كېيىن ھەسەلنى قويۇپ بىر ئۆرلىتىپ تەييارلىنىدۇ.
تەسىرى: ئومۇمىي بەدەندىكى زىيادە ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، قاننى جانلاندۇرۇش، قاننى قىزىتىش، تېرىگە رەڭ بېرىپ ھەرخىل بەھەق، بەرەس (ئاق كېسەل ۋە قارا داغ) كېسەللىكلىرىنى داۋالاش تەسىرىگە ئىگە.
ئىشلىتىش مىقدارى: ئەھۋالغا قاراپ كۈندە ئىككى قېتىم 100-150 مىللىلىتىرغىچە ئىستېمال قىلىنىدۇ.