ساغلاملىق

مەتبۇخى سانا

تەركىبى: گۈلبىنەپشە 6 گرام، كاسىنە يىلتىزى 6 گرام، بەدىيان يىلتىزى پوستى 6 گرام، ئۇۋاق ئۈزۈم 15 گرام، گۈلى گاۋزىبان 3 گرام، قوغۇن ئۇرۇقى 9 گرام،تەرخەمەك ئۇرۇقى 9 گرام، چۈچۈكبۇيا يىلتىزى 4 گرام، گاۋزىبان ھىندى 4 گرام، پىرسىياۋشان 4 گرام، شوخلا 4 گرام، چىلان 15 دانە،سەرپىستان 15 دانە، ئاق لەيلى ئۇرۇقى 6 گرام، پاقىيوپۇرمىقى ئۇرۇقى 6 گرام، قىزىلگۈل 6 گرام، خىيارشەنبەر 21 گرام، تەرەنجىبىن 21 گرام، سانا 21 گرام، قىزىلگۈل گۈلقەنتى 50 گرام، شېكەر 100 گرام، بادام يېغى 15 گرام. 

تەييارلىنىشى: دورىلارنى كۆرسەتمە بويىچە ئېلىپ قاتتىق دورىلارنى چالا سوقۇپ، باشقا دورىلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، بىر سوتكا چىلاپ قاينىتىپ، قىزىلگۈل گۈلقەنتىنى سېلىپ سانا، خىيارشەنبەر، تەرەنجىبىن قاتارلىق دورىلارنى ئايرىم چىلاپ، قاينىتىلغان دورىلارغا ئايرىم چىلانغان دورىلارنى قويۇپ 5-10 مىنۇت دۈملەپ قويۇپ تىرىپلىرىنى سىقىپ سۈزۈۋېتىپ، شېكەرنى سېلىپ بىر ئۆرلىتىپ، 750 گرام شەربەت ئېلىنىدۇ، ئاندىن كېيىن بادام يېغىنىقويۇپ تەييارلىنىدۇ. 

تەسىرى: غەيرىي تەبىئىي خىلىتلارنى سۈرۈش، ئومۇمىي بەدەندىكى زىيادە ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، قان تازىلاش، ياللۇغ قايتۇرۇش، قەۋزىيەتنى بوشىتىش تەسىرىگە ئىگە. 

ئىشلىتىش مىقدارى: ئەھۋالغا قاراپ كۈندە ئىككى قېتىم 100-150 مىللىلىتىرغىچە ئىستېمال قىلىنىدۇ.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى