ساغلاملىق

مەتبۇخى ھېلىلە

تەركىبى؛ چىلان 15 دانە، بىنەپشە 23 گرام، نېلۇپەر گۈلى 23 گرام، قىزىلگۈل 15 گرام، كاسىنە ئۇرۇقى 15 گرام، شاھتەررە 15 گرام، ھېلىلە كابىلى پوستى 9 گرام، سېرىق ھېلىلە پوستى 9 گرام، قارا ھېلىلە 9 گرام، سېمىز ئوت ئۇرۇقى 9 گرام، رۇم بەدىيان 9 گرام، ئارپىبەدىيان 9 گرام، شوخلا 30 گرام،  ئەينۇلا 10 دانە، سانايى مەككى 15 گرام، ئەفتىمۇن 9 گرام، ئەفتىمۇن ئۇرۇقى 9 گرام، تەرەنجىبىن 90 گرام.

تەييارلىنشى: دورىلارنى كۆرسەتمە بويىچە ئېلىپ قاتتىق دورىلارنى چالا سوقۇپ، باشقا دورىلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، بىر سوتكا چىلاپ قاينىتىپ، سانا، ئەفتىمۇن، تەرەنجىبىن قاتارلىق دورىلارنى ئايرىم چىلاپ، ئەفتىمۇن ئۇرۇقىنى خالتىغا سېلىپ چىلاپ قاينىتىلغان دورىلارغا 5-10 مىنۇت دۈملەپ قويۇپ، تىرىپلىرىنى سىقىپ سۈزىۋېتىپ، 750 گرام شەربەت ئېلىنىدۇ. 

تەسىرى: نورمالسىز سەپرا خىلىتىنى تازىلاپ، سەپرانىڭ ئۆتكۈرلۈكىنى پەسەيتىش، قان تازىلاش، مېڭە قان تومۇرلىرىدىكى توسالغۇلارنى ئېچىش، سەپرادىن ۋە قاندىن بولغان كېسەللىكلەرنى داۋالاش تەسىرىگە ئىگە. 

ئىشلىتىش مىقدارى: ئەھۋالغا قاراپ كۈندە ئىككى قېتىم 100-150 مىللىلىتىرغىچە ئىستىمال قىلىنىدۇ. 

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى