ساغلاملىق

مەتبۇخى شاھتەررە

تەركىبى: قارا ھېلىلە 15 گرام، سېرىق ھېلىلە پوستى 15 گرام، ھېلىلە كابىلى پوستى 15 گرام، بەلىلە پوستى 15 گرام، ئامىلە پوستى 15 گرام، شاھتەررە 20 گرام، گۈلبىنەپشە 21 گرام، پونۇس 45 گرام، نېلۇپەر گۈلى 3 گرام، مامرانچىنى 3 گرام، گاۋزىبان ھىندى 9 گرام، قىزىلگۈل 9 گرام، ئارپىبەدىيان 6 گرام، كاسىنە ئۇرۇقى 12 گرام، چىلان 20 دانە، ئەينۇلا 20 دانە، سانا 12 گرام، تەمرى ھىندى 45 گرام، ئەفتىمۇن 9 گرام، تەرەنجىبىن 90 گرام. 

تەييارلىنىشى: ئەفتىمۇن، سانا، تەمرى ھىندى، تەرەنجىبىن، پونۇس قاتارلىق دورىلارنى ئايرىم چىلاپ، ئاندىن كېيىن قاتتىق دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ باشقا دورىلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ قايناق سۇغا بىر سوتكا چىلاپ، سۇس ئوت بىلەن قاينىتىپ، تەمى چىقىپ بولغاندىن كېيىن ئايرىم چىلانغان دورىلارنى قويۇپ، بەش مىنۇتقىچە دۈملەپ قويۇلىدۇ. ئاندىن كېيىن تىرىپلىرىنى سىقىۋىتىپ، شەربەتلەرنى سۈزۈپ 1000 گرام، شەربەت ئېلىنىدۇ. 

تەسىرى: قان تازىلاش، بەدەندىكى بۇزۇق خىلىتلارنى سۈرۈش، ئومۇمىي بەدەننى تازىلاش، باش، مېڭە كېسەللىكلىرى، قىچىشقاق، تەمرەتكە ۋە ھەرخىل تېرە كېسەللىكلىرىنى داۋالاش تەسىرىگە ئىگە. 

ئىشلىتىش مىقدارى: ئەھۋالغا قاراپ كۈندە ئىككى قېتىم 100-150 مىللىلىتىرغىچە ئىستېمال قىلىنىدۇ. 

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى