ساغلاملىق

مەتبۇخى ئەفتىمۇن

تەركىبى: ھېلىلە كابىلى 30 گرام، ھېلىلە زەرد 30 گرام، ئەفتىمۇن 15 گرام، ئەفتىمۇن ئۇرۇقى 9 گرام، نېلۇپەر 7 گرام، سانا 5 گرام، چىلان 30 گرام، سەرسىبىل 11 گرام، ئامىلە 11 گرام، خىيارشەنبەر 30 گرام، قارا ھېلىلە 9 گرام، ئەينۇلا 40 گرام، ئاق تۇربۇت 11 گرام، ئۇستقۇددۇس 15 گرام، گاۋزىبان 9 گرام، قىزىلگۈل 7 گرام، شوخلا 15 گرام، ئۈنجۈر 30 گرام، شاھتەررە 10 گرام، بىنەپشە 10 گرام، بىستىپايەج 9 گرام، سايىكە ئۈزۈم 30 گرام، چۆبىچىن 9 گرام، بادرەنجى بۇيا 9 گرام، بادام يېغى 15 گرام، تەرەنجىبىن 200 گرام. 

تەييارلىنىشى: يۇقىرىقى دورىلارنى كۆسەتمە بويىچە ئېلىپ، ئەفتىمۇن، سانا، خىيارشەنبەر، تەرەنجىبىن قاتارلىقلارنى ئايرىم چىلاپ، ئاندىن قاتتىق دورىلارنى چالا سوقۇپ، باشقا دورىلارغا ئارىلاشتۇرۇپ مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇغا بىر سوتكا چىلاپ سۇس ئوتتا قاينىتىلىدۇ. قايناپ بولغاندىن كېيىن ئايرىم چىلانغان دورىلارنى قوشۇپ 5-10 مىنۇت ئاغزى دۈملەپ قويۇلۇپ، ئاندىن سۈزۈپ 100 گرام شەربەت ئېلىنىدۇ. ئاندىن كېيىن تۇربۇتنى يۇمشاق سوقۇپ ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ سېلىنىدۇ. ھەم بادام يېغى قويۇلىدۇ. 

تەسىرى: غەيرىي تەبىئىي سەۋدا، سەپرا خىلىتىنى سۈرۈش، نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇش، ھەرخىل مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى، نېرۋا ئاغرىقلىرى، قان تازىلاش، نېرۋىدىكى ئەسەبىيلىكنى پەسەيتىش، مالېخۇلىيا، بەلغەمدىن بولغان كېسەللىكلەرنى داۋالاش تەسىرىگە ئىگە. 

ئىشلىتىش مىقدارى: ئەھۋالغا قاراپ كۈندە ئىككى قېتىم 100-150 مىللىلىتىرغىچە ئىستېمال قىلىنىدۇ.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى