ساغلاملىق
قۇرسى مۇقەل
تەركىبى: مۇقەل 18 گرام، قىزىلگۈل 12 گرام، سۇمبۇل ھىندى 6 گرام، زەپەر 6 گرام، قۇستى شېرىن 6 گرام، ئاچچىق بادام مېغىزى 6 گرام، مەستىكى رۇمى 15 گرام.
تەييارلىنىشى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ قايناق سۇ بىلەن يۇغۇرۇپ قۇرس قىلىنىدۇ.
تەسىرى: ئاشقازان، جىگەرنى قۇۋۋەتلەش، يەل تارقىتىش، بوۋاسىر كېسەللىكلىرىنى داۋالاش تەسىرىگە ئىگە.
ئىشلىتىش مىقدارى: ئەھۋالغا قاراپ كۈندە ئىككى قېتىم 3-5 تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.