ساغلاملىق
ھەببى مۇمسىك
تەركىبى: جۇزام 30 گرام، قەلەمپۇر 30 گرام، بۇقا چۈيىسى 30 گرام، زەپەر 30 گرام، مەستىكى رۇمى 30 گرام، قوۋزاقدارچىن 30 گرام، سۆئلەپ مىسرى 30 گرام، ئوغرىتىكەن 150 گرام، ئەپيۇن 120 گرام.
تەييارلىنىشى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ ھەسەل بىلەن يۇغۇرۇپ ھەب قىلىنىدۇ.
تەسىرى: نېرۋىنى تىنىچلاندۇرۇش، خۇشاللاندۇرۇش، مېڭىنى قۇۋۋەتلەش، سۆزنەك كېسەللىكىگە ياخشى تەسىر بېرىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: چوڭلار بىر كۈندە ئىككى قېتىم 5-7 دانە بېرىلىدۇ.