ساغلاملىق
ھەببى مۇقەل
تەركىبى: سېرىق ھېلىلە پوستى 15 گرام، ھېلىلە كابىلى پوستى 45 گرام، قارا ھېلىلە 45 گرام، سەبرى 45 گرام، ئاق تۇربۇت 30 گرام، قىچا 6 گرام، مۇقەل 45 گرام، سەكبىنەچ 15 گرام.
تەييارلىنىشى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، مۇقەل بىلەن سەكبىنەچنى كۈدە سۈيىدە ئېرىتىپ ئاشۇ سۇ بىلەن يۇغۇرۇپ ھەب قىلىنىدۇ.
تەسىرى: يەل تارقىتىش، قان تازىلاش، ھەرخىل بوۋاسىر كېسەللىكلىرى، مەقئەت ئىششىقى، مەقئەت يېرىلىش تەسىرىگە ئىگە.
ئىشلىتىش مىقدارى: چوڭلار بىر كۈندە ئىككى قېتىم 5-7 دانە بېرىلىدۇ.