مەقئەت يوشۇرۇن ئويمىنى ياللۇغى دېگەن نېمە ؟
مەقئەت يوشۇرۇن ئويمىنى ياللۇغى مەقئەت كاۋىكى ياللۇغى دەپمۇ ئاتىلىدۇ . ئۇ مەقئەت كاۋىكى ۋە مەقئەت ياپىراقچىلىرىدا بولىدىغان ئۆتكۇر ۋە سوزۇلما ياللۇغلىنىشنى كۆرىسىتىدۇ . بۇنىڭ بىلەن كۆپىنچە مەقئەت ئەمچەك توپچىسى ياللۇغى ، مەقئەت ئەمچەك توپچىسى قېلىنىلىشش قوشۇلۇپ كېلىدۇ . ئاساسلىق سەۋەبى مەقئەت بەزلىرىنىڭ يۇقۇملىنىشى بولۇپ، مەقئەت كاۋىكىنىڭ ئاستى تۆۋەنگە ، ئىغىزى يۇقىرىغا قاراپ تۈزئۈچەيگە ئىچىلىدۇ . مەقئەت ياپىراقچىلىرى تۈزئۈچەيگە قارىغاچقا ئاسان زەخمىلىنىدۇ . ئەگەر بىمارنىڭ چوڭ تەرىتى قۇرغاق قاتتىق بولسا ياكى تەرەتكە باشقا نەرىسىلەر ، مەىسىلەن ، سۆڭەك پارچىلىرى (گۆش يېگەندە ئېھتىياتسىزىلىق ياكى ئالدىراشلىقتىن يۇتۇۋەتكەن سۆڭەك پارچىلىرى )مەقئەتتىن ئۆتكەندە مەقئەت ياپىرقچىلىرى زەخمىلىنىدۇ ياكى مەقئەت كاۋىكىغا كىرىپ قىلىپ ئىككىلەمچى ياللۇغلىنىش پەيدا بولىدۇ .
مەقئەت كاۋىكى ياللۇغلانغان بىمارلار چوڭ تەرەت قىلغاندا چوڭ تەرەت مەقئەت كاۋىكىنى بىسىپ مەقئەت بىئارام بولىدۇ ، ئاغرىيىدۇ ، ئاغرىق بىر قانچە مىنۇتتىن كېىين يۇقىلىدۇ ، ئەگەر قورۇغۇچى مۇسكۇل غىدىقلىنىپ ، سپازمىلانسا ئاغىرىق كۈچىيىدۇ_دە ، ئۇ كاسا ۋە يوتىنىڭ ئارقا تەرپىگە تارقىلىدۇ . كېسەل قوزغالغاندا قەۋزىيەت بولسا ، تەرەت قىلىش ئالدىدا مەقئەتتىن ئاز مىقىداردا شىللمىلىق سۇيۇقلۇق ئېقىپ چىقىدۇ ، بەزىدە قان تالالىرى ئارىلىشىپ كېلىدۇ . ئەگەر مەقئەت ئەمچەكسىمان توپچىسى قىلىنلىغان بولسا ، مەقئەت سىرتىغا چىقىۋېلىپ مەقئەت قېرى تېرىسىنى غىدىقلاپ ، مەقئەت نەملىشىپ قىچىشىدۇ . مەقئەت كاۋىكى ياللۇغىنى ئاكتىپ داۋالىمىغاندا مەقئەت ئەتىراپى يېرىڭلىق يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى ، ئەگەر مەقئەت ئەتىراپى يېرىڭلىق ئىششىقى پەيدا بولسا كەينىدىلا مەقئەت ئاقمىسى كېلىپ چىقىشى مۇمكىن .