ساغلاملىق

قىزىلئۆڭگەچ راكى

تونۇش: قىزىلئۆڭگەچ راكى خىلىتلارنىڭ غەيرىي ئۆزگىرىشى ۋە ھەرخىل قىزىلئۆڭگەچ كېسەللىكلىرىنىڭ تەكرار قوزغىلىشى سەۋەبىدىن كۆرۈۈلىدىغان بىماردا يۇتۇش قىيىنلىشىش، يۇتقۇنچاقتا يات ماددا تۇرۇپ قالغاندەك سېزىم پەيدا بولۇش، تۆش سۆڭەك ئارقىسىدا يېقىمسىزلىنىش، كۆيۈشكەندەك سېزىم پەيدا بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت. قىزىلئۆڭگەچ راكى ھەزىم يوللىرى كېسەللىكلىرى ئىچىدە بىرقەدەر كۆپ كۆرۈلىدىغان، ھەرقيسى رايونلاردا كۆرۈلۈش نىسبىتى ئوخشاش بولغان ئەھۋالدا ئاياللارغا قارىغاندا ئەرلەردە كۆپ كۆرۈلىدىغان، بولۇپمۇ 40-60 ياش ئەتراپىدىكى كىشىلەردە كۆرۈلۈش نىسبىتى يۇقىرى بولغان بىرخىل يامان سۈپەتلىك ئۆسمىدۇر.

سەۋەبى: خىلىتلارنىڭ غەيرىي تەبىئىي ئۆزگىرىشى، بولۇپمۇ سەپرا خىلىتىنىڭ كۆيۈشى ۋە بەلغەم خىلتىنىڭ قويۇقلىشىشىدىن ھاسىل بولغان سەۋدا خىلىتىنىڭ يەرلىك ئورۇننى غىدىقلىشى، تۈرلۈك قىزىلئۆڭگەچ كېسەللىكلىىنىڭ تەكرار قوزغىلىشى، شۇنىڭدەك تاماقلارنى قىزىق ھالەتتە ئىستېمال قىلىش، يۇقىرى گىرادۇسلۇق ھاراق ئىچىش، تاماكىنى كۆپ چېكىش، ۋىتامىن يېتىشمەسلىك، ئېغىز بوشلۇقى تازىلىقىنىڭ ياخشى بولماسلىقى ۋە ئېرسىيەت ئامىلى قاتارلىقلارنىڭ قىزىلئۆڭگەچ شىللىق پەردىلرىنى غىدىقلىشى ۋە زەخىملەندۈرۈش سەۋەبىدىن پەيدا بولىدۇ.

ئالامىتى: بىماردا دەسلەپتە بىرەر قانداق روشەن ئىپادە كۆرۈلمەيدۇ، تەدرىجىي يۇتۇش قىيىنلىشىش ھەقىقىي ئىپادىلىنىپ چىققاندا، ئاساسەن كېسەللىك ئاخىرقى دەۋرىگە بېرىپ قالغان بولىدۇ.

دەسلەپكى دەۋرىدىكى ئىپادىسى: بىمادا يۇتقۇنچاقتا يات ماددا تۇرۇپ قالغاندەك سېزىم بولىدۇ. تۆش سۆڭەك ئارقىسىدا يېقىمسىزلىنىش بولىدۇ، كۆيۈشكەندەك سېزىم پەيدا بولىدۇ. تاماق ئىستېمال قىلغاندا قادىلىپ ئاغرىش ۋە تۇرۇپ قېلىش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ. يۇقىرىقى ئالامەتلەر نىسبەتەن يېنىك بولسا قاناش يۈز بېرىدۇ.

ئاخىرقى دەۋرىدىكى ئىپادىسى: مۇتلەق كۆپ ساندىكى بىماردا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە يۇتۇش قىيىنلىشىش كۆرۈلىدۇ. قىزىلئۆڭگەچ دىۋارىنىڭ تارىيىشى كېلىپ چىقىدۇ، بىمار دەسلەپتە يىرىك يېمەكلىكلەرنى ئستېمال قىلغاندا، يۇتۇش قىيىنلىشىش كۆرۈلسە، كېيىنچە ئاسان ھەزىم بولىدىغان يۇمشاق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىغاندىمۇ يۇتۇش قىيىنلىشىش كۆرۈلىدۇ. ئاخىرىدا بىمارنىڭ گېلىدىن سۇمۇ ئۆتمەيدۇ، يېگەن غىزا يېنىپ چىقىدۇ. بىماردا ئومۇمىي بەدەنلىك ئالامەتلەردىن ئورۇقلاش ۋە ماغدۇرسىزلىنىش  قان ئازلىق قاتارلىق ئالامەتلەر تىپىك كۆرۈلىدۇ. راك ئۆسمىسى تەرەققىي قىلغاندا، بىماردا ئاۋاز پۈتۈش، نەپەس يوللىرى توسۇلۇش قاتارلىق ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ.

داۋالاش پىرىنسىپى: بىمار راك ھۈجەيرىسىنىڭ تەرەققىياتىنى تىزگىنلەش، ئاغرىق پەسەيتىش، ياللۇغ قايتۇرۇش مەقسىتىدە داۋالىنىدۇ.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى