ساغلاملىق
ئاشقازان كېسىللىكلىرى دىققەت قىلىدىغان يېمەكلىكلەر
ئاچكۆزلۈك ئاشقازان كېسىلىنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ . شۇڭا ، تاماكا ، ھاراق ، قەھۋە ، قېنىق چاي ، كاربونلۇق ئىچىملىك (گاز سۈيى) ھەم ئاشقازاننى غىدىقلايدىغان ئېچچىق–چۈچۈك يېمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتۇش كېرەك . بۇنىڭدىن باشقا ، ئاشقازان كېسىلى ئاغرىقلىرىنىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ئاجىز بولغاچقا ، سوغۇق ئىچىملىك ، ماروژنى ، شاكاللىق ۋە يېپىشقاق يېمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتۇپ ، مۆتىدىل ھەم ئاسان ھەزىم بولىدىغان يۇمشاق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشى، تاماقنى كۆپرەك چايناپ يۈتۈشى كېرەك . مۇشۇنداق قىلغاندا ، بەدەننىڭ سۇيۇقلۇق ئاجرىتىپ چىقىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىش ۋە قوبۇل قىلىشقا ياردىمى بولىدۇ .