ساغلاملىق
ئاشقازان يارىسى بارلار تۇزنى ئاز ئىستىمال قىلىش كېرەك
ئامېرىكا تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە، تۇزنى ھەددىدىن كۆپ ئىستېمال قىلغاندا ھۈجەيرىلەردىكى گېندا تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش بولۇپ، ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيىسىنىڭ ھاياتىي كۈچى تېخىمۇ كۈچىيىپ، ئاشقازان يارىسىنىڭ ساقىيىشىنى تەسىرگە ئۇچرىتىدىكەن ياكى قايتا قوزغىتىدىكەن. چۈنكى يېمەكلىكتىكى تۇز كۆپ بولغاندا، قورساق بوشلۇقىدا يۇقىرى دەرىجىدىكى سىڭىپ كىرىش ھالىتى كۆرۈلۈپ، ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى قايتا يارىلاندۇرۇپ، يارا ئاسان ساقايمايدىكەن.