ئاشقازان كېسەللىكلىرىنى داۋالاش
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى، ئاغرىق گەرچە ئاشقازاندا كۆرۈلسىمۇ سۇسىزلىنىش پەتۈن بەدەن خاراكتېرلىك بولىدۇ. ئەگەر ھەزىم ناچارلىشىشتىن كېلىپ چىققان بەدەندىكى سۇ كەملىك سىگنالى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتمەي، شۇ پېتى كېتىۋەرسەك بەدەنگە ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمىغۇدەك ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە ئاشقازان ئۆسمىسىنىمۇ ئاشۇنداق ئاغرىق پەيدا قىلىدۇ، لېكىن ئۆسمە پەيدا قىلغان ئاغرىق سۇ ئىچىش بىلەن يوقاپ كەتمەيدۇ. ئۇنداق ئاغرىق قايتا-قايتا كۆرۈلىدۇ. ئەگەر ئۇدا بىر نەچچە كۈن سۇ ئىچىش مىقدارىنى كۆپەيتسىمۇ ئاغرىق توختىمىسا ئۇنداقتا ئەڭ ياخشىسى دوختۇرخانىغا بېرىپ دوختۇرنى دىئاگنوز قويغۇزۇپ بېقىش كېرەك. ئەگەر ئاغرىق ئاشقازان ياللۇغى، 12 بارماق ئۈچەي يارىسى، ھەتتا ھەزىم قىلىش ناچارلىشىشتىن كېلىپ چىققان بولسا، بۇ كېسەللەرنى ياخشى داۋالاش ئۈچۈن سۇ ئىچىش مىقدارىنى ۋە يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى تەڭشەش كېرەك.