ئۇزاق مەزگىل ئىچى سۈرۈشنىڭ ئاقىۋىتى
ئۇزاق مەزگىل ئىچى سۈرۈشنىڭ ئوزۇقلىنىش ۋە روھىي ئامىل بىلەن بەلگىلىك مۇناسىۋىتى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ خىل كېسەللىك تۇرمۇش بېسىمى، جىددىيلىشىش بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. ئۈچەينىڭ سېزىمچانلىقى ناھايتى كۈچلۈك بولۇپ، تاشقى ئامىللارنىڭ غىدىقلىنىشىغا ئۇچرىسىلا، ئىچى سۈرۈش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدىكەن .
بۇ كېسەلگە تاقابىل تۇرۇشتا ئوزۇقلۇققا دىققەت قىلىشتىن باشقا، جۇڭيى دورىلىرى ئارقىلىق مىجەزنى تەڭشەش كېرەك. ئۇزاق مەزگىل ئىچى سۈرۈش بەدەندە باشقا كېسەللەرنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى چۈشەندۈرمەيدۇ ، قالقانسىمان بەزنىڭ خىزمىتى كۈچىيىپ كەتسىمۇ ئىچى سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭلاشقا ئىچى سۈرۈش جىددىي خاراكتېرلىك ئۈچەي ياللۇغى بولغانلىق ئەمەس. ئەگەر ئۇزاق ۋاقىت ئىچى سۈرۈپ، دورا كار قىلمىغاندا، غىدىقلىنىشچان ئۈچەي يىغىندى كېسەللىكىدىن گۇمانلىنىشقا بولىدۇ .